
جورجى ۋولكىر بوش 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان. تېكساس شىتاتىنىڭ مېتران ۋە خيۇستون شەھرىدە چوڭ بولغان. ئۇنىڭ بوۋىسى ۋول كوچىسىدىكى داڭلىق بىر بانكىر بولۇپ، ئىلگىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ دادىسى ئامېرىكىنىڭ 51-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى جورجى بۇش ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، 18 ياشقا كىرگەن بوش يالې ئۇنۋېرىسىتىتىدا ئاساسلىق تارىخشۇناسلىق كەسپىنى ئۆگەندى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇ تېكساس شىتاتلىق دۆلەتلىك مۇھابىزەت ئەترىدى ھاۋا ئارمىيىسىدە بىر كۆرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى بولدى. ئۇ تاكى 1973-يىلى ھاۋا ئارمىيىسىدىن ئايرىلغىچە شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇندىن كېيىن خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سودا ئىنستىتۇتىدا ئىككى يىل بىلىم ئالدى.
قايتىدىن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققاندىن كىيىن، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇش دادىسىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن نېفىت ساھەسىگە قەدەم قويدى. بۇش مېتران شەھرىدە بىر نىفىت ۋە تەبىئى گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش شىركىتىنى قۇردى، ھەمدە مەزكۇر شىركەتتە 1986-يىلىغىچە خىزمەت قىلدى. 1989-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە بوش تېكساس «پادىچىلار»كالتەك توپ ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق شىرىكى بولدى.
1994-يىلى ئۇ تېكساس شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى سايلىمىغا قاتنىشىپ غەلىبە قىلىپ شىتات باشلىقى بولدى. 1998-يىلى ئۇ قايتىدىن شىتات باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ، مەزكۇر شىتات تارىخىدىكى ئۇدا سايلانغان شىتات باشلىقى بولۇپ قالدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

2000-يىلى 8-ئايدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى تەرىپىدىن زۇڭتۇڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىلدى. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى رىقابەتچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشتى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ كىسىم قىلىشى بىلەن بوش ئامېرىكىنىڭ 54-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى. ھەمدە 2001-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى قەسەم بىرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، ئاق سارايغان كىرىپ كەلدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ 6-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئادامىستىن كىيىن دادىسىنىڭ ئېزىدىن مىڭىپ ئاق سارايغا كىرگەن زۇڭتۇڭ. www.iz.la
2003-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى بوش رەسمى ھالدا ئامېرىكا قوشما سايلام كومىتىتىغا سايلامغا ئۇدا قاتنىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نيويۇركتا مەملىكلەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىپ بوشنى مەزكۇر پارتىيىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى قىلىپ بىكىتتى. 11-ئايدا، بوش سايلامدا غەلىبە قىلىپ قايتىدىن ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بولدى. 2005-يىلى 1-ئايدا قەسەم بىرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
بوشنىڭ ئايالى لاۋرا ئىلگىرى بىر كۈتۈپخانا خادىمى ئىدى. ئۇلارنىڭ باربارا ۋە سانا ئىسىملىك بىر جۈپ قوشكىزەك قىزى بار. بوشنىڭ ئىنىسى جىب. بوش ( Jeb Bush) فىلورىدا شتاتىنىڭ شىتات باشلىقى .
مەنبە؛جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى