ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى

ۋاقتى:2011-02-09 00:44مەنبە: تەھىرىر:نەسىردىن چېكىلىشى:قىتىم
  

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى داڭلىق، ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قەدىمىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ داھى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك قۇرۇپ چىققان يېڭى دۆلەت بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئورنى بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاتاتۈرك 1921-يىلى پىكىر جەھەتتىكى ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن تۇنجى دۆلەتلىك ئالىي مائارىپ ئاپپاراتى. 1921-يىلى مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ئەنقەرە قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتى قۇرۇلماقچى بولغان بولسىمۇ، بۇ پىلان پەقەت 1925-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا تۈركىيىنىڭ ئىلمىي ۋە سەنئەت جەھەتتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان قەدىمىي، داڭلىق ۋە زامانىۋىي بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلار ۋە تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن 1925-يىلى قانۇنشۇناسلىق مەكتىپى قۇرغان. تۈرك دېھقان-چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن 1933-يىلى يېزا-ئىگىلىك ئالىي تېخنىكومى قۇرۇپ، يېزا-ئىگىلىك مۇلازىمىتى ساھەسىدە يېپيېڭى بىر سەھىپە ئاچقان. كېيىنچە تارىخ بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن تۈرك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە تۈركىيىنىڭ دۇنياغا ئۆچمەس تۆھپە قوشۇشتا تىل بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە 1935-يىلى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى قۇرۇلغان. 1859-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا مەكتەبىي مۈلكىيە دېگەن نام بىلەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، 1936-يىلى ئەنقەرەگە يۆتكەلگەن سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئەڭ سەرخىل فاكۇلتېتلاردىن بىرىدۇر. نۆۋەتتە، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى يېڭى ۋە زامانىۋىي تۈركىيىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغان ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى 1940-يىلى قۇرۇلغان مىدېتسىنا ۋە تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتلىرىنىڭ ئوقۇش باشلىشى بىلەن 1946-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تولۇق تاماملىنىپ بولغان. 1948-يىلى يېزا-ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ يېزا-ئىگىلىك ۋە مال دوختۇرلۇق فاكۇلتېتلىرى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە بولغان. 1949-يىلى قۇرۇلغان دىنشۇناسلىق فاكۇلتېتى، 1935-يىلى قۇرۇلغان ۋە 1950-يىلى سىياسىي بىلىملەر دەپ ئاتالغان فاكۇلتېت، 1960-يىلى قۇرۇلغان دورىگەرلىك فاكۇلتېتى، 1963-يىلى قۇرۇلغان ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتېتى، 1965-يىلى قۇرۇلغان پېداگوگىكا ئىنستىتوتى ۋە شۇ يىلى قۇرۇلغان ئاخبارات فاكۇلتېتى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي بايلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان فاكۇلتېتلاردۇر. www.iz.la

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى 2009-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئوقۇشقا كىرگەن يەتتە مىڭدىن كۆپرەك باكلاۋۇر، ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك ئاسپرانت بىلەن تۈرك بىلىم دۇنياسىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان زامانىۋىي ۋە ئىلغار بىلىم مەركىزى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2009-يىللىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قاراشلىق 14 فاكۇلتېت، 3 ئالىي تېخنىكوم، 6 كەسپىي ئالىي تېخنىكوم ۋە بىر دۆلەتلىك سەنئەت مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاسپىرانتلىق ساھەسىدە ئۇنىۋېرسىتېتقا قاراشلىق 9 ئىنىستىتۇت بار. يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىسىدە 50 تىن ئارتۇق ئاسپىرانتلىق ۋە باكلاۋۇرلۇق پروگراممىسى بار. خالىغان ئوقۇغۇچىلار بىرىنچى يىل چەتئەل تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيالايدۇ. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇش پۈتتۈرگەن 200 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بىلەن تۈركىيە ۋە دۇنياغا مۇھىم تۆھپە قوشۇۋاتقان نادىر بىلىم مەركىزىدۇر. 2009-يىلىدىن بۇيان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1080 پروفېسسور، 304 دوتسېنت ۋە 258 ياردەمچى دوتسېنت بولۇپ جەمئىي 1642 ئوقۇتقۇچى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن باشقا قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلار، يەنى مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچى 1660 كە يېتىدۇ. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى بىر تەرەپتىن ئۆز ساھەسىدە مائارىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يامىشىپ چىقىۋاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1950-يىللاردىن كېيىن قۇرۇلغان ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ قۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشماقتا. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە بىلىم مەركەزلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى ۋە بەرمەكتە. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن 60 تىن ئارتۇق تەتقىقات ھەمكارلىقى كېلىشىمنامىسىگە ئاساسەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى ساقلىماقتا. بۇ كېلىشىمنامىلەرگە ئاساسەن ئورتاق تەتقىقات لايىھىلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ماتېرىيال ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتلار بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان دۆلەتلەر ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ تارىخ، مەدەنىي ئىنسانشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق ۋە پەلسەپە ساھەلىرىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوتتۇرا دېڭىز ئىلمىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ ئاكتىپ ئەزاسى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە گېرمانىيە پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ساساكاۋا فوندى جەمئىيىتى، ئالېكساندىر ۋە ھۇمبولدت فوندى جەمئىيىتى، ئىنگىلىز مەدەنىيەت كېڭىشى، خەلقئارا يېزا-ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى، گېرمانىيە ئېلېكترون شىركىتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتتىن سىرتقى چەتئەل جەمئىيەتلىرى بىلەنمۇ تەتقىقات جەھەتتىن زىچ ھەمكارلىق ئورناتماقتا. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىسىدە قۇرۇلغان تاشقىي ئالاقە باشقارمىسى، تۈركىيىدىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ياكى چەتئەلدىن تۈركىيىگە كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ھەر جەھەتتىن ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بەرمەكتە. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «يىراق مۇساپىلىق مائارىپ» ۋە «ئىزچىل مائارىپ» دەپ ئاتىلىدىغان مائارىپ خىزمىتىنى جارى قىلدۇرۇدىغان بىر مەركەز قۇرۇلدى. خەلقئارادىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى، مىسلىسىز دەرىجىدە ئۈلگە يارىتىپ، 1984-يىلى 1-مارت زامانىۋىي مېتودلار ئارقىلىق دەرس بېرىلىدىغان تۈركچە ئوقۇتۇش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى. تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە 10 شۆبىسى بار بولغان قىسقىچە «TÖMER» دەپ ئاتىلىدىغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركچە ئوقۇتۇش مەركىزى چەتئەللىكلەرگە تۈرك تىلىنى ئۆگىتىشتە ئۈلگىلىك بىر ئورگاندۇر. مەنبە؛uycnr.com www.iz.la
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(17)
89.5%
ئالقىشلايمەن
(2)
10.5%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ھوللىۋود خانىشى - ئەنجىلىنا جۇلى

    ئۇ مۇنداق دەيدۇ: -ئارتىسلىق ھەرگىزمۇ ياسالمىلىق قىلىش ياكى يالغانچىلىق ئەمەس... - بەزى كۈنلەر خۇددى ئەتىگىنى تۇرغاندىن كېيىن سېلىۋىتىدىغان ئۇخلاش كىيىمىدەك، ئاھ ئۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ... - تاماشىبىنلارغا يېقىش ئۈچۈن ياسالملىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشىمنىڭ ھاجىتى يو...

  • ئۇچالايدىغان بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا

    Hotelicopter دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەم تۇنجى ئۇچار مېھمانخانا، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تىك ئۇچار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە بۇ غايەت زور تىك ئۇچارنى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ياسىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا پەقەت ئىككىسىلا بار. ب...

  • پۈتكۇل يەرشاردىكى تاماكا چىكىشكە قارىشى ئىشلەنگەن نادىر تەشۋىقات ئېلانلىرى

    ...

  • چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى

    يېڭى زېنلاندىيەدىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەرگىز تەن جازاسى بەرمەيدىكەن. ئەگەر بالىلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا غەلۋە قىلسا، پەقەت باشقىلارغا چېقىلمىغان بولسا، سۇۋۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىدىكەن. باشقىلارغا چېقىلغان ئەھۋا...

  • ئامېرىكا ئارمىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك راكىتانى ياساپ چىقتى

        Spike راكىتا بولسا دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك تىپتىكى راكىتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 63 سانتىمېتىر ، دىئامېتىرى 5.71 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى 14 كېلوگىرام كېلىدۇ . بۇ راكىتانى ياساشقا 5000 دوللار ئەتراپىدا خىراجەت كېتىدىغان بولۇپ ، بۈگۈنكى كۈندىكى...

  • نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئون ئىككى ئايال

    1. 1905- يىلى باش شتابى شۋېتسارىيە پايتەختى بېرن(Bern)گە جايلاشقان خەلقئارا تىنچلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بارونېز بېرتا ۋون سۇتتنېر خانىم(Baroness Bertha von Suttner 1843-1914)، ئۆزىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى قورالىمىزنى تاشلايلى دېگەن مەشھۇر ئەسىرى...

  • «يۈزى يوق ئادەم» يۈز ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

    يۈزى يوق دالاس پەقەت ھاسسىغا تايىنىپلا قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىگە نىشان ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى بۇرۇن قىزىغا ھەمراھ بولۇپ ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ دادا بۈگۈنكى كۈندە... شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-ئۆكتەبىر تېلىگىراممىسى: ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ي...

  • ماۋرىتانىيە ئاياللىرى: سېمىزلىك ــــ گۈزەللىك، ئاجرىشىش ــــ شەرەپ

       ئافرىقا قىتئەسىدىكى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ غەربىدىكى ماۋرىتانىيە —ئەرەب دۇنياسى بىلەن غەربىي ئافرىقىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بولۇپ ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، ئاھالىلىرى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە قەبىلىگە بۆلۈنگەن ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ–ئادىتىدە ئەرەب كۆچمەن چارۋىچىلىرى...

  • يوقالغان قۇرۇقلۇق_ ئاتلانتىس

    رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، پايانسىز ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا چۆكۇپ كەتكەن بىر دۆلەت بولغان بۇلۇپ، ئېيتلىشچە بۇ ئاتلانتىس دۆلىتى ئىمىش. ئەڭ بۇرۇن ئاتلانتىس ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان كىشى گېرىتسىيەلىك پەيلاسوپ پلاتون . ئۇ كىرىت دىگەن ئەسىرىدە ئاتلانتىسنىڭ...

  • دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق سائەتلەر

    ئېسىلزادىلىكنىڭ سىمۋولى-Patek Philippe 1839-يىلى قۇرۇلغان. ھەربىر سائەتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 13مىڭ دوللاردىن20مىڭ دوللارغىچە .بۇ شېركەت سائەتنى باشتىن ئاخىرى ئۆزى ئىشلەپ ، ئۆزى قۇراشتۇرىدىغان شىۋىتسارىيەدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر شېركەت. PATEK PHILIPPEما...

  • دۇنياغا داڭلىق ئون « ئەۋلىيا» بالا

    دۇنيادىكى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئەڭ يوقىرى ئادەم كورىيەلىك Kim Ung-yong بولۇپ،1962-يىلى تۇغۇلغان،بەش ئايلىق بولغاندا ئايىقى چىقىپ ، گەپ قىلالىغان،يەتتە ئايلىق بولغاندا خەت يازالايدىغان، شاخمات ئوينىيالايدىغان بولغان. ئۈچ ياشقا كىرگەندە دېففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگر...

  • دۇنيادىكى ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار

    ** 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيىنىڭ پېتىربورگ شەھىرىدە 14ياشلىق بىر قىز ئۆز ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئاتاغلىق بىر رەسسام بۇ ۋەقەگە قاتتىق ئېچىنىپ، بىر قاتىلنىڭ بۇ قىزچاقنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، قاچماقچى بولۇۋاتقان ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە...

  • خوتەن كېرىيە دوپپىسى

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا خوتەن كېرىيە دوپپىسى كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار...

  • دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق پۇللار

    فرانسىيىگە قاراشلىق تىنچ ئوكيان ئارىلى مالدېۋى سان تومى ۋە پرىنسىپ جۇمھۇرىيىتى شىۋىتسارىيە كوموررو يېڭى زېنلاندىيە كۇك تاقىم ئاراللىرى شياڭگاڭ ئىسلاندىيە فارو تاقىم ئاراللىرى...