ئىككى ئىشەكنىڭ يۈكىتۇمۇز ئىسسىق بىر كۈنى پادىشاھ ، ۋەزىر ، نەسىردىن ئەپەندى ئۈچى بىرلىكتە شىكارغا چىقىپتۇ . پادىشاھ بىلەن ۋەزىر ئىسسىققا چىدىيالماي ئارقا ئارقىدىن كىيىم كىچەكلىرىنى ئەپەندىمگە ئارتىپ قۇيۇپتۇ . ئارقىدىن مەسخىرە قىلىپ ئەپەندىمنى گەپكە سوقماقچى بۇلۇشۇپتۇ.پادىشاھ : ئەپەندىمگە بىر ئىشەكنىڭ يۈكى ئارتىلىپ قاپتۇ. ۋەزىر :شۇ ئەمەسمۇ؟ ۋاي بىچارە ئەپەندىم دەپتۇئەپەندىم : يوقسۇ تەقسىرلىرىم مىنىڭ ئارتىۋالغىنىم بىر ئىشەكنىڭ ئەمەس ، ئىككى ئىشەكنىڭ يۈكى دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ .
ئىز تورى www.iz.la
ئۇدۇلدىكى ئىشەك بىر كۈنى ئەپەندىم ئىشىكىنى مىنىپ كىتىۋاتسا ، قارشى تەرەپتىن كەۋاتقان پادىشاھقا قاراپ ئىشىكى يولنى تۇسىۋېلىپ توختىماستىن ھى ھا ، ھى ھا ، ھى ھا ،،،،،قىلىپ ھاڭراشقا باشلاپتۇ.
پادىشاھ :ھەي ئەپەندىم ،ئىشىكىڭ نىمانداق يېقىمسىز ھاڭرايدۇ .نىمانداق بىشەم ئىشەك بۇ دەپ زاڭلىق قىلىپتۇ .ئەپەندىم : تەقسىر ئەيىپكە بۇيرۇمىغايلا ، مىنىڭ ئىشىكىم ئۇدۇلدىن كەلگەن بىشەم ئىشەكنى كۆرگەندىلا مۇشۇنداق ھارامزادىلەرچە ھاڭرايدۇ دەپتۇ .
ئادلەتنىڭ كەملىكىدىن پادىشاھ بىر كۈنى ئەپەندىمدىن مۇنداق بىر سۇئال سۇراپتۇ.پادىشاھ : ئەپەندىم قېنى دەپ باقە ئالدىڭدا بىر خالتا ئالتۇن بىلەن ئادالەت بولسا سەن زادى قايسىسىنى تاللايسەن ؟ ئەپەندىم : ئالتۇننى تەخسىر.پادىشاھ بىردىنلا ئادەلەتپەرۋەر قىياپەتكە كىرىۋېلىپ كۇرەڭلىگەن ھالدا سۇزلەشكە باشلاپتۇ .پادىشاھ : مەن بولسام ئادالەتنى تاللايتىم ، مال دۇنيا بايلىق دىگەن تېپىلىدۇ. بىراق ئادالەتنى پۇل خەجلەپمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ .ئەپەندىم : توغرا دەيلا ، چۈنكى مەندە ئادالەت ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپتۇ ، شۇڭا ئالتۇننى تاللىدىم . كىمدە نىمە كەم بولسا شۇنى تاللايدۇ ئەمەسمۇ ؟
سۈۋەرەكنىڭ جىنسى (يۇمۇر)ئوغلى:ئانا مەن بۈگۈن بەش سۈۋەرەك ئۆلتۈردۈم .ئىككىسى ئەركەك ، ئۈچى چىشى .ئانىسى:سەن ئۇلارنىڭ جىنسىنى قانداق ئايرىدىڭ ؟ئوغلى:ئۇلارنىڭ ئىككىسى پىۋا پوتولكىسى ئالدىغا ، ئۈچى ئەينەكنىڭ ئالدىغا بېرىپ توختاپتىكەن.
خەتكۈچلەر: