٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئابدۇلنىڭ ئايالى پاتىمە داۋاملىق گۈرۈچ تامىقى ئېتىدىكەن، بۇنىڭدىن زېرىككەن ئابدۇل بىر كۈنى تالادىن تاماق يەي دەپ ئاشخانىغا بېرىپتۇ. ئابدۇل «نېمە تاماق بار؟» دېسە، كۈتكۈچى: «پولو، گاڭپەن، شوۋىگۈرۈچ» دەپتىكەن، ئابدۇل: «پاتىمە مەشەدە ئىشلەۋاتامدۇ؟» دېگىدەك.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بىر كۈنى خوراز مېكىيان بىلەن بازاردا كېتىۋېتىپ قارىسا رەستىدە توخۇ كاۋىپى پىشۇرۇلىۋاتقىدەك. خوراز مىكىيانغا مەنىلىك قاراپ قويۇپ دەپتۇ: «كۆردۈڭمۇ، ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا مۇشۇنداق بولىدۇ!»
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئابدۇل بىلەن ئاغىنىسى ئولتۇرۇشتىن كەچ قايتىپ، يولنى قىسقارتىش ئۈچۈن چىغىر يول بىلەن مېڭىپ مازارلىقتىن ئۆتۈپتۇ. بۇ چاغدا ئابدۇل: «ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ قويىدىغان ئىش بار، جۇمۇ» دەپتىكەن، ئاغىنىسى: «مەن ئايەت بىلمەيمەن» دەپتۇ. ئابدۇل ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن. ئاغىنىسى «قانداق قىلىمىز؟» دېسە، ئابدۇل: «ئۆمۈلەپ، تۆت ئاياغلاپ ماڭايلى، ئەرۋاھلار بىزنى ئېشەك ئوخشايدۇ دەپ قالسۇن» دېگىدەك. www.iz.la
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بىر ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا بىرمۇنچە ساراڭلار ماشىنىنى دوراپ: «دۈ..دۈت» دەپ ئويناپتۇ. ئارىدا بىرسى ئۇلارغا قوشۇلماي بىر چەتتە جىم ئولتۇرغان ئىكەن، دوختۇر: «سەن نېمىشقا باشقىلاردەك ئوينىمايسەن؟» دېسە، ھېلىقى ساراڭ: «مەن ئۇلاردەك ساراڭ بولمىسام» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان دوختۇر: «ئۇنداق بولسا سەن راستتىنلا ساقايغان ئوخشايسەن، سېنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قوياي» دېسە، ساراڭ: «دۈ..دۈت ماشىنىغا چىقىڭ» دېگىدەك.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئۈچ بەڭگە ئاشخانىغا كىرىپ، ئەينەكنىڭ يېنىدىكى ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ، كۈتكۈچى كېلىپ: «قانچە كىشىلىك تاماق كەلتۈرەي» دېسە، بەڭگىلەر ئەينەككە بىر قارىۋېتىپ تەڭلا: «ئالتە كىشىلىك» دەپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بىر بەڭگە يەنە بىر بەڭگىگە: «ئاداش، مۇشۇ ئۆيگە كىرىۋالغان چىۋىندىن جاق تويدۇم، قانداق قىلسام بولار؟» دېسە، يەنە بىرى: «ئاداش، ئىشىكىڭنىڭ قۇلۇپىنى ئالماشتۇرۇۋەت» دىگىدەك.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
پاتىمە يولدىشى ئابدۇلدىن سوراپتۇ: سەن مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىسەن؟
ئابدۇل: سەن مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرسەڭ، مەنمۇ سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن.
پاتىمە: خۇدايىم جاجاڭنى بەرسۇن!
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
پاتىمە بازاردا كېتىۋاتسا دوستى ئۇچراپ قېلىپ سوراپتۇ: «ئاڭلىسام يولدىشىڭ تۈگەپ كېتىپتۇ، ھەجەپ تۇيۇقسىزلا قازا قىپتۇغۇ، نېمە ئىش بولغان ئىدى؟»
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
پاتىمە: «ئۆيدە قورۇما قورۇۋاتاتتىم، قارىسام پەمىدۇر يوق ئىكەن، بازارغا پەمىدۇرغا ئەۋەتسەم، يولدا ماشىنا سوقۇۋېتىپتۇ».
دوستى: «ئاندىن قانداق قىلدىڭ؟»
پاتىمە: «قانداق قىلاتتىم، قورۇمىنى پەمىدۇر سالماي قورىۋەردىم شۇ».
ئۆچكە تېرىسى
ئەپەندىمنىڭ ھويلىسىغا قوشنىسىنىڭ ئۆچكىسى كىرىپ ھەممە گۈللىرىنى چەيلىۋەتكەنىكەن، ئەپەندىم ئاچچىقىدا ئۆچكىنى سويۇپ، تېرىسىنى تۇزلىۋاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قوشنىسى كىشىلەرنى كۆرسىلا ئۆچكىسىنى ماختايدىغان بولۇۋاپتۇ. بىر كۈنى چايخانىدا ئۇ: «ئۆچكەم كالىدەك يوغان ئىدى» دەپتۇ. يەنە بىر كۈنى: «ئاتتەك كېلەتتى» دەپتۇ. ئۈچىنچى قېتىمدا ئۇ ئۆچكىسىنى ماختاپ: «تۆگىدەك زور ئىدى» دېيىشىگە، ئەپەندىم تاقەت قىلالماي: تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
--- يالغان سۆزلىمەڭ، ھازىر تېرىسىنى ئېلىپ چىقىپ، شەرمەندە قىلىۋېتىمەن! – دەپتۇ.
پەرىشتە
ناماز شامدىن كېيىن، ئىمام نامازخانلارغا جەننەتتىكى پەرىشتىلەرنى ماختاپ:
--- جەننەتتىكى پەرىشتىلەرنىڭ چېچى شۇنچىلىك ئۇزۇنكى، نەچچە پۈكلەپ قولتۇقىغا قىسىپ يۈرۈشىدۇ، --- دېگەنىكەن:
--- چېچىنى قولتۇقىغا قىسىپ يۈرگىنىگە قارىغاندا پەرىشتە دېگەننىڭ بويىمۇ چاغلىق ئوخشايدۇ، --- دەپتۇ ئەپەندىم.
ئەپەندىمنىڭ جاۋابى
ئەپەندىمنىڭ ئوغلى دادىسىدىن:
--- خۇدا ئادەمنى لايدىن ياسىغان دەيدۇ، لايدىن ياسىغاندا خۇمدانغا سالغانمۇ، سالمىغانمۇ؟ --- دەپ سوراپتۇ.
copyright by www.iz.la
--- ئاياللارنى سالغان، ئەرلەرنى سالمىغان، --- دەپتۇ ئەپەندىم.
--- نېمىشقا؟
--- ئەرلەرنى خۇمدانغا سالسا ساقال-بۇرۇتى كۈيۈپ كەتمەمدۇ.
كالاچ كىتاب
ئەپەندىم تويغا بېرىپ، كالىچىنى قوينىغا تىقىپ تۆرگە چىققىلى تۇرغانىكەن، مەھەللىنىڭ ئىمامى ئۇنىڭدىن:
--- ئەپەندىم، قوينىڭىزدىكى نېمە؟ --- دەپ سوراپتۇ.
--- كالاچ كىتاب، --- دەپتۇ ئەپەندىم.
--- دۇنيادا «كالاچ كىتاب» دېگەنمۇ كىتاب بولامدۇ، ئۇنى كىم يازغان؟
--- كالىچىنى تولا يوقاتقان بىر زات يازغان، تەقسىر.
قېرىلىقتىن
ئەپەندىم تىۋىپلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە بىر قېرى كىشى كېلىپ ئەھۋالىنى ئېيتىپتۇ: بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
--- ئولتۇرسام قوپۇشۇم قىيىن.
--- قېرىلىقتىن، --- دەپتۇ ئەپەندىم.
--- پۇت قوللىرىم سىرقىرايدۇ.
--- قېرىلىقتىن.
--- تاماقنى ياخشى ھەزىم قىلالمايمەن.
--- قېرىلىقتىن
بوۋاي ئاچچىقىدا:
---قانداق تىۋىپسەن؟ نېمە دېسەم قېرىلىقتىن، قېرىلىقتىن دەيسەن، باشقا گېپىڭ يوقمۇ؟ --- دەپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ.
--- سەپرايىڭىزنىڭ مۇشۇ ئۆرلىشىمۇ قېرىلىقتىن، --- دەپتۇ ئەپەندىم.
كىتابپۇرۇش
ئەپەندىم كىتابپۇرۇشلۇق قىلىپ يۈرگەندە، بىر كىشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
--- ئەپەندىم، ئوقىتىڭىز قانداقراق؟
--- ئوقىتىمنىڭ تايىنى يوق.
--- نېمىشقا؟
--- بۇ زاماندا پۇلى بارنىڭ ساۋادى يوق، ساۋادى بارنىڭ پۇلى
پەرق
كىشىلەر ئەپەندىمدىن:
--- قاسساپ بىلەن داخاننىڭ قانداق پەرقى بار؟ --- دەپ سوراپتۇ.
--- قاسساپ ئاۋۋال ئۆلتۈرۈپ كېيىن تېرىسىنى شىلىدۇ؛ داخان ئاۋۋال تېرىسىنى شىلىپ كېيىن ئۆلتۈرىدۇ، --- دەپتۇ ئەپەندىم.
ھەممە ئۆلۈم ئوردىدىن
بىر كۈنى پادىشاھ سەلەي چاققاننىڭ ھارغىنىغا قارىماي، ئۇزاقتىن-ئۇزاق قىزىق پاراڭلارنى قىلغۇزۇپ، كۆڭلىنى خۇش قىپتۇ. ئاخىرىدا، ناپىسەنتلىك قىلدىمۇ ياكى كۈلكە تەس كەلدىمۇ، ئەيتاۋۇر، شاھ «يەل» قويۇپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئوڭايسىزلىنىپ، نائىلاج گەدىنىنى تاتىلاپتۇ ۋە گەپنى باشقا ياققا بۇراپتۇ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
--- سەلەي، سەن زادى نەدىن؟
--- ئوپالدىن.
--- نېمىشقا شەھەرگە كېلىپ قالدىڭ؟
--- قېچىپ ناپىسەنت قوپالدىن
--- سەن يالغۇز ئوغۇلمىدىڭ؟
--- ياق، بىز ئۈچ ئوغۇل ئىدۇق.
--- سەن نەچچىنچىسى؟
--- مەن كەنجىسى.
--- ئاكىلىرىڭ بارمۇ؟
--- ئۆلۈپ كەتكەن.
--- ئۇلار نېمە بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن؟
--- چوڭ ئاكام ئالۋاڭ تۆلىمەي، چۆلگە پالىنىپ ئىسسىقتا ئۆلدى. كىچىك ئاكام زۇلۇمغا چىدىماي، داردا --- ئېسىقتا ئۆلدى. مەن ئەمدى پاراڭ تۈگىمەي ئوردىدا سېسىقتا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن، --- دەپتۇ سەلەي چاققان.