بىر قامچام بار تۇتقىلى بولماس،
بىر ئېشىكىم بار مىنگىلى بولماس ئۇ نېمە؟
بىر تېرەكنىڭ بېشىدا بەش شاخ،
ھەربىر شاختا بىردىن تۇخۇم ئۇ نېمە؟
گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق،
قار يېغىپتۇ سوغوقى يوق ئۇ نىمە؟
ئىككىسى كۆرىدۇ، ئىككىسى تىڭشايدۇ، بىرى سۆزلەيدۇ ئۇ نېمە؟
ئېگىز ئاسماندا بىر قۇش بار،
يىپقا مەھكەم تارتىلغان.
شامال چىقسا قورقمايدۇ،
پەقەت يامغۇردىن قورققان ئۇ نېمە؟