ھەممىلا ئادەمنىڭ ئازادە ۋە بىخەتەر ماكانغا ئىگە بولالىشى ناتايىن . يەرشارىنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى كىشىلەر ھەقىقەتەن خەتەر ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. تۆۋەندىكىلەر يەرشارىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق جايلار ، بۇ يەرلەردە ياشاشنى ھەرگىزمۇ خالىمايسىزغۇ دەيمەن؟ www.iz.la

ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىكى داخاراۋى (Dharavi)
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
* داخاراۋىنىڭ ئاھالىسى 600 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ ، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار مەھەللىسىگە ئايلانغان ھەم مەينەت ھەم كەڭرى بۇ جاينىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن . داخاراۋىنىڭ ھازىرقى بىرقەدەر ياخشى تەرىپى شۇكى ، قىممەتچىلىككە تولغان بومباي شەھىرىدە ، شۇ يەرنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى تۆۋەن بولۇپ ، ئۇ جايدا تۇرسىڭىز ، ئېيىغا ئاران تۆت دوللارلا ئىجارە ھەققى تاپشۇرىسىز.
داخاراۋى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار مەھەللىسى . داخاراۋى تۈرلۈك كىچىك ‹‹ خۇسۇسىي كارخانا ››لارنىڭ ماكانى بولۇپ ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى شۇكى ، داخاراۋى ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 650 مىليون دوللارغا يېتىدۇ . يامغۇر يېغىپ كەلكۈن كەلگەن مەزگىللەردە ، ئۇ يەردە ئىچىملىك سۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ ، ھاجەتخانا ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ ، داخاراۋىنىڭ پاسكىنا مۇھىتى ئاۋامنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

بىرازىلىيەنىڭ رىئو دې ژانىيرو شەھىرىدىكى خېسنىيە
* خېسنىيە جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار مەھەللىسىدۇر. خېسنىيە بىر كىلومېتىرلىق دېڭىز قىرغىقى ئىچىدىكى تۆپىلىككە جايلاشقان بولۇپ ، ئىلگىرى كەپىلىك رايون ئىدى، كېيىن تېزلا تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى نامراتلار رايونىغا ئايلانغان. سىز بۇ جاينىڭ ئەھۋالىنىڭ نۇرغۇنلىغان نامراتلار مەھەللىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، چۈنكى بۇ جايدا خىش قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشلار، تازىلىق ئەسلىھەلىرى، سۇ تۇرۇبا ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقا شەھەر ئەسلىھەلىرى بار.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەۋج ئالغان زەھەر سودىسى خېسنىيەنى خەتەرگە پېتىپ قالغان تۇرمۇش رايونىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇ خىل ئەھۋال زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توختىماس تىركىشىشلەر ۋە دوقۇرۇشۇش جەڭلىرىنى پەيدا قىلىپ، خەتەرلىك مۇھىتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ جايدىكى 100 مىڭ نوپۇسنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار، ئۆلۈش نىسبىتى بەك يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا، خېسنىيە تىك يانباغىردا بولغاچقا، سېيرىلىپ چۈشۈش، تاش گۈمۈرۈلۈش ۋە كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

كېنىيەنىڭ نايروبى شەھىرىدىكى كىبېرا (Kibera) ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
* كىبېرانىڭ مىليونچە ئاھالىسى ئەخلەت تېغىدا ياشايدۇ. ‹‹كىبېرا›› نىڭ نۇبىيە تىلىدىكى مەنىسى ‹‹ئورمان›› بولۇپ، ئۇ مىليونچە خەلقنىڭ ماكانى. بۇ جاي پۈتۈن ئافرىقا بويىچە ئەڭ چوڭ نامراتلار مەھەللىسى دېگەن يامان ئاتاققا ئېرىشكەن. بۇ جايدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىبېرادىن كېتىپ قالغانلارنىڭ سېمونت تاملىق ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇش ھوقۇقى يوق. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپى ئافرىقىدىكى ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى (مۇسۇلمانلار) بولۇپ، ھەر بىر كەپىدە سەككىز ئادەم دۈگدىيىشكىنىچە داق يەردىلا ياتىدۇ. www.iz.la

كىبېرانىڭ ئاران %20 رايونىدىلا توك بار، لېكىن نورمال پاكىز سۇ بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك ئەمەس. كىشىلەر ئىشلىتىۋاتقان دامبا سۈيى خولىرا ۋە كېزىكنىڭ تۈپ مەنبەسى، بۇلغىمىلارنى تازىلاشنىڭ ياخشى بولماسلىقى بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتكەن. بۇ جاي ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تەھدىتىگە ئومۇميۈزلۈك ئۇچراپ تۇرىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش ئەسلىھەلىرى پۈتۈنلەي يوق دېيەرلىك. ئېغىر ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەچكە، نامراتلار رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپى ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ئويۇن – تاماشىغا بېرىلىپ كېتىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى جىنايەتچى، ھاراقكەش ۋە باسقۇنچىلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئەرزان باھالىق زەھەرلىك بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەش ۋە يېلىم تاماكىسى چېكىش خاھىشى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. ئاقىۋەتتە ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قىزلارنىڭ كۈتۈلمىگەندە ھامىلدار بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئۆرلەپ كەتكەن، بۇ قىزلارنىڭ ئارىسىدا ھامىلە چۈشۈرگۈزمىگەنلەر يوق دېيەرلىك. ھازىر بىر قىسىم خەير – ساخاۋەت ئورگانلىرى ۋە چېركاۋلار بۇ خىل ئەھۋالنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

زامبىيەدىكى كابۋې ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
* زامبىيەنىڭ قوغۇشۇن كانلىرى كۆپ بولغاچقا نامى چىققان، بۇ كانلار 1902 – يىلى بايقالغاندىن بۇيان، ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان مەزگىلدە قوغۇشۇن ۋە كادمىيلار كۆپلەپ ئېچىلغان. ھازىر بۇ قوغۇشۇن كانلىرى ئاللىقاچان تاقىۋېتىلگەن، تىجارەت قىلىۋاتقان پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىمۇ يوق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

نەچچە ئون يىلدىن بېرى، كابۋې ئاھالىلىرى ئىزچىل قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلدى. بالىلارنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈشتىن كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ قېنى تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ قويۇقلۇقى نورمال چەكتىن 5 – 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن، بۇ خالىغان بىر چاغدا ئۇلارنىڭ جېنىنى ئېلىشى مۇمكىن. يېقىنقى كۈنلەرگە كەلگەندىلا، دۇنيا بانكىسى ئاندىن پۇل ئاجرىتىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى باشلىغان.