ئۆمۈر ئۆتۈۋېرەر
ئابدۇكېرىم مەخسۇت
ئۆمۈر ئۆتۈۋېرەر كۈن - تۈننى كۈتۈپ،
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۆمۈر ئۆتۈۋېرەر لەيلەپ ۋە چۆكۈپ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئۆمۈر ئۆتۈۋېرەر ھېكمەتلەر تۆكۈپ،
يىللار قانىتىدا كىتاب قىسمىتىڭ.
ئوينايسەن، ئويلايسەن قىلىپ پۇشايمان،
ھايات كېمىسىدە بارارسەن ھەريان.
ياشلار ئېقىشىدا تىلەك ۋە ئارمان،
باسقان ئىزلىرىڭدا سېنىڭ قىممىتىڭ.
چىرىغىڭ قۇياشقا ئاستا ئايلىنار،
ھايات قىسمىتى بۇ - باشلىرىڭدا قار.
قانداق ياشاش سەندە ئىختىيار،
بارمۇ قالدۇرغان زەررە ھىممىتىڭ.
ئۆمۈر ئۆتۈۋېرەر تۆكۈلەر ياپراق،
قەدەمدە تۇرمۇش قىلىدۇ چاقچاق.
ئۆمۈر چوققىسىغا ئىنتىل، قانات قاق،
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بولسۇن ئالقىنىڭدا ئەلگە نېمىتىڭ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
www.iz.la
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن