
نورۋېگىيە 252 مىليون دوللار ۋە 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، نورۋېگىيە ئورمىنىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى 30 گېكتار (بىر گېكتار 15 موغا تەڭ) يەرگە خالدېن فېنگسېل (Halden Fengsel) جىنايەتچىلەر تۈرمىسىنى قۇرغان . ئېيتىلىشىچە ، بۇ تۈرمە دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى تۈرمە دەپ قارىلىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە ، بۇ تۈرمىنىڭ ھەر بىر كامىرىدا سۇيۇق كىرىستال ئېكرانلىق تېلېۋىزور ۋە مۇنچا بار ئىكەن . تۈرمىىنىڭ ئۈن ئېلىش ئۆيى ۋە داۋالاش مەركىزىمۇ بار ئىكەن . تامدىكى نەچچە يۈزلىگەن رەسىملەرگە سەرپ قىلىنغان خىراجەت 1 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن . كىشىلەر تۈرمە ھاياتىنى ئىنتايىن جاپالىق دېيىشىدۇ ، لېكىن بۇ تۈرمىگە قامالغان جىنايەتچىلەر ئىنتايىن ئەركىن ياشايدىكەن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!













