app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

ئوپتىك دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى

ۋاقتى:2010-06-28 14:53مەنبە: يوللىغۇچى:ئېلى چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

ئوپتىك دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


 
ئوپتىك دېسكا سۇلياۋ ماتېرىيالدىن ياسالغان بولغاچقا ياخشى ساقلانمىسا ئىگىلىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئوپتىك دېسكىنى قوزغاتقۇچقا سالغاندا قوزغاتقۇچنىڭ نۇر بېشى فوكۇس توغرىيالماسلىق سەۋەبىدىن ئوپتىك دېسكىنىڭ ئايلىنىش سۆرئىتى تېز سۆرئەتتە ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆچلۆك شاۋقۇن ئاۋازى چىقىدۇ. ئەگەر ئوپتىك دېسكىنىڭ شەكلى ئۆز ئۆزگىرىپ كېتىش دەرىجىسى ئېغىر بولسا سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇپ چىقىرالمىغاندىن باشقا دېسكا قوزغاتقۇچنىڭ نۇر بېشىنى بۇزۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا مۇھىم ئۇچۇر ساقلانغان ئوپتىك دېسكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەگەر ئوپتىك دېسكا قاتلىشىپ ياكى سۇنۇپ كەتمىگەنلا بولسا قۇتقۇزۇش مۇمكىنچىلىكى بار. ئىگىلىپ كەتكەن دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۆرۆش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئوپتىك دېسكىنى چوڭ كىچىكلىكى پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئىككى پارچە ئەينەكنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ سۇغا سالىمىز. ئاندىن سۇنى ئاستا - ئاستا قىزدۇرۇپ 80دىن 90 گرادۇسقىچە ئارىلىقتا كونترول قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قىزدۇرۇش جەريانىدا ئەينەكنى قىسقان قىسقۇچنى بارغانسىرى چىڭىتىمىز. ئوپتىك دېسكىنى قىزىق سۇدا ئۆچ مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، قىزىق سۇدىن چىقىرىپ ئاستا - ئاستا سۇۋۇتۇپ ئاندىن قىسقۇچنى ئېلىۋەتسەك ئوپتىك دېسكا ئەسلىگە كېلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى

دىققەت: ئەينەكنى ئىككى دانە ئامبۇر بىلەن قىسىشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئەينەكنى سۇندۇرۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۆچۆن لاتىغا ئوخشاش يۇمشاق نەرسە قىستۇرۇپ قىسش كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئوپتىك دېسكىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يۆزىنىڭ سىزىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. گەرچە يۆزى سىزىلىپ كەتكەن دېسكىلارنى نورمال ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، سىزىلىش دەرىجىسى ئېغىرراق بولغانلىرىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇتۇپ چىقارغىلى بولمايدۇ. ئەگەر مۇھىم ئۇچۇر بار ئوپتىك دېسكا مۇشۇنداق سىزىلىپ كەتكەندە قانداق قىلىمىز؟ ئوپتىك دېسكىنى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى ئارقىلىق پاكىزە يۇغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىپ كۆرۆڭ. ئەگەر يەنىلا نورمال ئوقۇپ چىققىلى بولمىسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىپ سىناپ بېقىڭ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئوپتىك دېسكىنى ھۆل قىلىپ تەكشى يۆزلۆك ئورۇنغا قويغاندىن كېيىن يۆزىگە بىرقانچە تامچە قاچا يۇيۇش سويۇقلىقى تېمىتىمىز. ئاندىن ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ئورايدىغان ئاق رەڭلىك كۆپۆك سۇلياۋدىن كىچىك بىر پارچە تەييارلاپ يۆزىگە بىرئاز چىش پاستىسى سۆرىمىز. ئاندىن كۆپۆكچە سۇلياۋ ئارقىلىق ئوپتىك دېسكىنىڭ يۆزىدىكى سىزىلغان ئورۇننى ئىچىدىن - سىرتىغا، سىرتىدىن- ئىچىگە يۆنىلىشتە قايتىلاپ تاكى سىزىلغان ئورۇن يوقىغىچە سۆركەيمىز. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

دىققەت: كۆپۆكچە سۇلياۋنى سۆركىگەندە چوقۇم ئوپتىك دېسكىنىڭ مەركىزىدىن سىرتىغا، سىرتتىن مەركىزىگە قارىتىپ سۆركەش كېرەك. ئەگەر ئايلانما شەكلىدە سۆركىسەك سىزىقچە يۇقىماستىن باشقا تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۆرتۆش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇشى كېرەك. بولمىسا دېسكا يۆزىدىكى سىزىقچە ئوڭايلىقچە يوقىمايدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئوپتىك دېسكا يۆزىدىنى سىزىقچە يوقىغاندىن كېيىن ئوپتىك دېسكىنى پاكىزە چايقاپ قۇرتقاندىن كېيىن قوزغاتقۇچقا سالساق ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى بىمالال ئوقۇپ چىقارغىلى بولىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(5)
83.3%
ئالقىشلايمەن
(1)
16.7%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس