دوستلارسىز بۇ ھايات گۆرىستان ماڭا،
دوستلارسىز كۈلمەيدۇ ئارمانىم مېنىڭ،
دوستلارسىز يىگىنىم سىڭمەس تېنىمگە،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دوستلارسىز يوق تەندە دەرمانىم مېنىڭ.
دوستلارسىز ئاقارماس سۈبھى-تاڭلىرىم،
دوستلارسىز كۈلمەس ھەم بەخت قۇياشىم.
دوستلارسىز يورۇماس ئىدراك-ئاڭلىرىم،
دوستلىرىم سىردىشىم-دوستلار قاياشىم.