ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
( ساتىرا )
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان (ھەققانىي )
چەكتىن ئاشتى بۈگۈن توي يەنە قاراپ تۇرامدۇق،
ئەجدات بىزگە قالدۇرغان ئەنئەنىنى بۇزامدۇق،
ھەشەمەتنىڭ يۇلىدا بەس – بەس بىلەن ماڭامدۇق،
ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز سىلاپ-سىرىپ ساغامدۇق،
غىق قەرزىگە بوغۇلۇپ توي قىلغانغا تويامدۇق.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئوغۇل تەرەپ ھەيرانە، تويلۇق سالسا قىز تەرەپ،
بارماي قالدى قولغا ئىش، پۇل يىتىشمەي تەمتىرەپ
بويتاق يىگىت كۆپەيدى ئېغىر تويدىن ئەنسىرەپ،
دەرتلەر مىندى پاتاڭغا ھەشەمەتتە ھەسسىلەپ،
ئوغۇل تۇققان ئانىنى قىيناپ تەتۈر سويامدۇق.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تويلۇق سېلىش ئوخشىدى بازاردىكى سودىغا،
يارىشامدۇ بۇ قىلىق يىگىت-قىزغا، قۇدىغا،
ئىلىم پەندە پەستە بىز،تويدا چىقتۇق چوقىغا،
چوڭچىلىقتىن چوت چاپتۇق ئۆزىمىزنىڭ پۇتىغا،
نادانلىقنىڭ ھاڭىغا بارغانسىرى پاتامدۇق.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قىز ئېگىسى تەپ تارتماي ئەللىك مىڭدىن سۆز ئاچساق،
قىز ئېگىسى تەپ تارتماي ئەللىك مىڭدىن سۆز ئاچساق،
يەتكۈزەلمەي قويمىغا ياندىن يەنە پۇل قاتساق،
دۇرۇس ئادەم دىمەس ئەل داغۋازلىقتىن يۈز تاپساق،
نىمە ئىشلار بۇ ئەمدى بولماسمۇ بىر ئويلانساق،
توي قىلامدۇق ياكى بىز قىزنى ئەرگە ساتامدۇق؟
ئىز تورى www.iz.la
قىز كۆچۈرۈش تەس بولدى يۈزلەپ پىكاپ تاپمىساق،
خۇي چىقاردۇق كەچقۇرۇن ۋىچىركىنى قىلمىساق،
غەلۋە قىلدۇق يېشىكلەپ مەي-شاراپلار قۇيمىساق،
تاپاركەنمىز يەنە ئىش ئەتراپتىن سەل قورقمىساق،
يوقسۇللۇقنىڭ دارىغا ئۆزىمىزنى ئاسامدۇق.
مال دۇنيادا ئۆلچەنمەس سۆيگۈ ، ۋاپا، مۇھەببەت،
www.iz.la
پۇلغا زورلاپ قىلغان توي پەيدا قىلۇر جاراھەت،
copyright by www.iz.la
ئىچىمىزدە ئاھ ! ئۇرۇپ ساختا كۈلۈش نە ھاجەت،
ھەشەمەتتىن ھېچ جايدا تاپقانلار يوق ئىناۋەت،
ئورۇنسىز چاي،قىممەت توي غەملىرىدە ياشامدۇق.
ئىز تورى www.iz.la
ئاددى-ساددى توي ئەجەپ قىزىپ كەتكەن بىر چاغلار،
شوخ نەغمىسى جاراڭلاپ-ياڭراپ كەتكەن داپ-سازلار،
غەمسىز ئويناپ يىگىتلەر،كۈلگۈن چىراي گۈلنازلار،
تالاي توينى ئۇزاتقان ھەتتا گازىر-پۇرچاقلار،
بۈگۈن قايسى شەيتاننىڭ يىپلىرىغا باغلاندۇق؟
مەنبە تەڭرىتاغ مۇنبىرى
