ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مۇشائىرىنى داۋاملاشتۇرۇش قائىدىسى: تۆۋەندىكى شېئىرلارنىڭ خالىغان كۇپلېتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسراسىنى شېئىرىڭىزنىڭ بىرىنچى مىسراسى قىلىپ شېئىرنى داۋاملاشتۇرۇڭ، يازغىنىڭىز بوغۇم سانى جەھەتتە مەزكۇر شېئىر بىلەن ئوخشاش، مەزمۇنىدىن چەتنەپ كەتمىگەن بولۇشى كېرەك.
copyright by www.iz.la
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەلۋىدا! ئازاپقا تولغان مۇھەببەت.
قالدۇرما دىلىمدا قىلچە ئۆكۈنۈش،
قالدۇرما، ھەممىنى تامان ئېلىپ كەت!
* * *
يازاي دەپ سەن ئۈچۈن سۆيگۈ نەزمىسى،
ھەر كۈنى قولۇمغا ئالىمەن قەلەم.
ۋە لېكىن چۈشەنمەي ئوتلۇق سۆيگۈمنى،
ئامرىقىم، سەن ماڭا قىلىسەن ئەلەم.
* * *
بەزىلەر ياشىسا ئەل بەختى ئۈچۈن،
بەزىلەر ياشاركەن قوغلىشىپ راھەت.
بەزىلەر خەلقىگە ئامەت ياغدۇرسا،
بەزىلەر ئەل ئۈچۈن بولاركەن ئاپەت.
