ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلغاندا ئادەتتە بەك چوڭ رېئاكسىيە بولمايدۇ . ئەملەنگەن ئورۇندا قىزىرىش ، باسسا ئاغرىش كۆرۈلۈپ ، كۆپىنچىسى ئەملىنىپ 24 سائەت ئىچىدە ئاستا -ئاستا يوقاپ كېتىدۇ . ئايرىم بوۋاقلاردا قىسقا ۋاقىتلىق قىزىش يۈز بېرىدۇ ، بۇ كۆپىنچىسى ئەملىنىپ 6~8 سائەتتە كۆرۈلىدۇ . ئەگەر بەدەن تېمېپراتۇرىسى 38.5C گرادۇستىن تۆۋەن بولسا ، بوۋاققا كۆپرەك قايناق سۇ ئىچكۈزۈش ھەمدە ئازراق سۇيۇق - سەلەڭ يېمەكلىك بېرىشكە بولىدۇ . ئادەتتە قىزىش ئالامىتى ئىككى كۈن ئىچىدە ساقىيىپ كېتىدۇ . ئەگەر قىزىتما 38.5C گرادۇستىن يۇقىرى ھالدا داۋاملاشسا ياكى ئىككى كۈندىن كېيىنمۇ ساقايمىسا ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش كېرەك . ئايرىم بوۋاقلاردا يەنە زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيىسى يۈز بېرىدۇ . ئەگەر ئەملىنىپ ئون نەچچە سائەتتە تېرە قاپارتما كۆرۈلسىمۇ ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك . copyright by www.iz.la
مەنبە ؛ بوۋاقلارنى كۈتۈش ھەققىدە 200 مەسلىھەت ئىز تورى www.iz.la
