app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

بالىلارنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن قانايدۇ؟

ۋاقتى:2014-06-16 19:59مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بىر قىسىم بالىلاردا پات-پات بۇرنى قاتنايدىغان ئەھۋاللار بار. بالىلارنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەندە ئاتا-ئانىلار بەك ھودۇقۇپ كېتىدۇ. بالىلارنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن قانايدۇ؟

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   بالىلارنىڭ بۇرنى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك: بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

   بىرىنچى: بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، شىللىق پەردىدە قىل قان تومۇرلار بەك كۆپ بولىدۇ. بۇرۇن توسمىسى (ئىككى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تام)نىڭ ئالدى ۋە ئاستى تەرىپىدە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇرۇن ئاسانلا سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە بۇرۇن قاناشنىڭ %90 مۇشۇ ئورۇندىن بولىدۇ. ئەگەر ھاۋا قۇرغاق ياكى ئۆينىڭ نەملىكى يېتەرلىك بولمىسا، بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى قۇرۇپ يېرىلىدۇ-دە، قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

  ئىككىنچى، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ئۈچىنچى، بالىلارنىڭ بۇرنىنى تاشلاش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى يەنى بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈكىنى چىڭ قىسىۋېلىپ ماڭقىسىنى تاشلىغاندا بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچ بېسىمى ئۆرلەپ، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   تۆتىنچى، بۇرۇننى كولاپ بۇرۇن شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   بەشىنچى، بەدەندىكى كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش. مەسىلەن، قان كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

   بالىلارنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەندە ئاتا-ئانىلار بەك ھودۇقۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا بالا تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، قان تېخىمۇ كۆپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن بالىنىڭ بۇرۇنىنىڭ قايسى تەرىپىدىن قان چىققانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىپ، ئاندىن قول بىلەن بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىن بوش سىقىپ بېرىشى كېرەك. مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بۇرۇن تۆشۈكلىرى ئارىسىدىكى ئاسان قانايدىغان شىللىق پەردىنىڭ ئورنىنى بېسىپ تۇرۇش بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بېسىپ بەرسە قان ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بالىنى ئولتۇرغۇزۇپ ياكى يېرىم ئولتۇرغۇزۇپ بەرسىمۇ بۇرۇننىڭ قان بېسىمى تۆۋەنلەپ قان توختايدۇ. ئەگەر قان بەك كۆپ چىقىپ كەتسە، بالىنىڭ پېشانىسىگە سوغۇق سۇ سېپىش ياكى لۆڭگىگە مۇز ئوراپ يېقىپ بەرسىمۇ يۈز قىسمىدىكى تومۇرلار تارىيىپ بۇرۇنغا بارىدىغان قان ئازلايدۇ ۋە ئىككى-ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن قان كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بالىلارنىڭ بۇرنى قانىغاندا بالىنىڭ بېشىنى پەس قىلىپ، ئۈستىگە قاراتماسلىق كېرەك. بولمىسا قان بالىنىڭ يۇتقۇنچىقى ئارقىلىق نەپەس يولىغا ئۆتۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ قان يەنە توختىمىسا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس