ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئوكۇل قىلىنىدۇ . B تىپلىق مېڭە ياللۇغى پاشا قاتارلىق ۋاستىچىلەر تارقىتىدىغان جىددىي ۋىرۇس خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل . ياز پەسلى كېسەللىنىشنىڭ ئەڭ كۆپ پەسلى ، كېسەللەنگۈچى ئاساسەن ئون ياشتىن تۆۋەن بالىلار . كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك ھەم ئېغىر بولۇپ ، ئېغىر بولغاندا يۇقىرى قىزىتما ، دۆلىنىش ، ھوشسىزلىنىش ، سىپازمىلىنىش ، ھەتتا ئۆلۈم يۈز بېرىدۇ ، ساقايغاندىن كېيىنمۇ پالەچ بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئاسارەتلىرى قالىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
چوڭلارنىڭ كۆپ قىسىمىدا B تىپلىق مېڭە ياللۇغىغا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچى بار ، ئالتە ئايلىق بوۋاقلاردا ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن ئانتىتېلا بولۇپ ، بوۋاقنىڭ B تىپلىق مېڭە ياللۇغى بولۇپ قېلىشتىن قوغدايدۇ . جۇڭگۇدا بەلگىلەنگەن B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەنگۈچى ئوبيېكتلار ئاساسەن ، تارقىلىش رايونىدىكى ئالتە ئايلىقتىن ئون ياشقىچە بالىلارھەمدە تارقالمايدىغان رايوندىن تارقىلىش رايونىغا كىرگەن ئادەملەر . تارقىلىش رايونىدا تۇغۇلۇپ سەككىز ئايلىقتىن بىر ياشقىچە بولغان ( كۆپىنچە رايونلاردا بىر ياشلىقلارنى تاللايدۇ ) بوۋاقلارغا B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ بىرىنچى ئوكۇلى ، 7-10 كۈندىن كېيىن ئىككىنچى ئوكۇل ئۇرۇلسا ، ئاساسىي ئىممۇنىتېتقا تەۋە بولۇپ ، ئىممۇنىتېت دەۋرى بىر يىل بولىدۇ . كېيىن ھەر يىلى بىر ئوكۇلنى كۈچەيتىپ ئۇرۇش كېرەك .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە ؛ بوۋاقلارنى كۈتۈش ھەققىدە 200 مەسلىھەت
