ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بىر قىز بىر يىگىتىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، يىگىتىمۇ بۇ قىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن. خۇشپىچىم بۇ قىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمۇ ياخشىكەن . يىگىتىمۇ ئىنىتايىن قاملاشقان . قابلىيەتلىك ئىكەن . ئىككىيىلەن ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتىلىك بىر جۈپلەر، دەپ قارايدىكەن . بىراق ، قىز يىگىتىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ھەققىي ياكى ھەققىي ئەمەسلىكىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، يىگىتىكە . مەن بىر نامرات ئائىلىنىڭ قىزى، ئائىلىمىزدە ھېچىنىمە قالمىدى دەپتۇ. يىگىت قىزنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ . سىزگە مەن بار ئەمەسمۇ؟ بىز تىرىشىساقلا توققۇزىمىز تەل بولىدۇ . دەپتۇ. قىز يىگىتىنىڭ سۆزىدىن ئىنىتايىن تەسىرلىنىپتۇ. بىراق ، ئۇ يەنىلا يىگىتىنىڭ مۇھەببىتىنى سىناشىتىن ۋاز كەچمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز بىر دوختۇر دوستىنى تېپىپ ، ئۆزىگە ماسىلىشىپ بىرمەيدان ئويۇن ئويناپ بېرىشىنى تەلەپ قىپتۇ. دەسىلەپتە دوختۇر دوستى ئۇنماپتۇ، ئەمما قىز دوختۇرخانىدا يېتىپ ، يۈزىنى داكا بىلەن چىڭ چىگىپ قويۇشىنى تەلەپ قىپتۇ. ئاندىن دوختۇر دوستى قىزنىڭ يىگىتىگە تېلېفون بېرىپ قىزنىڭ بىر قېتىملىق ھادىسىدە يۈزىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئېيتىپىتۇ. بۇ گەپىنى ئاڭلىغان يىگىت چاقماق تىزلىكىدە دوختۇرخانغا كەپتۇ. لېكىن ، قىزنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە دوسىتى يىگىتىنى كېسەلخانغا كىرگۈزمەپتۇ ۋە يىگىتىكە . ئۇنىڭ يۈزى پۈتۈنلەي بۇزلدى ، شۇڭا ئۇ سىزنى مەندىن ئۈمىدىنى ئۈزسۈن ، مەڭگۈ مەن بىلەن كۆرشىمىسۈن ديدۇ دەپتۇ. بىراق ، يىگىت دوختۇرخانىدىن قەتىئىي كەتكىلى ئۇنماي . مەيلى ئۇ قانچىلىك سەتلىشىپ كەتسۇن ، مەن ئۇنڭىدىن قەتىئىىي ۋاز كەچمەيمەن دەپتۇ. دوختۇر قىز بۇ ئەھۋالىنى دوستىغا ئېيتىپىتۇ. دوستى . مەن ئۆز بەخىتىمىنى ھەرگىزمۇ ئۆزۈم ئىشەنچ قىلالمايدىغان ئادەمگە تاپشۇرمايمەن. مەن چوقۇم ئۆزۈمىنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنۇمىنىڭ زادى قانچىلىك مۇھىمىلىقىنى بىلىشىم كېرەك. دەپ ، يىگىت بىلەن كۆرۈشۈشىكە ئۇنماپتۇ. بىر ھەپتە ئۆتۇپتۇ. ئىككى ھەپتە ئۆتۈپتۇ. قىز ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرۇپ، يىگىت بىلەن قەتئىي كۆرۈشكىلى ئۇنماپتۇ. يىگىت ئىنىتايىن ئازابىلىنىپتۇ. نىيىتىدىن قەتىئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئۇ قىزنىڭ دوستى يىگىتىنىڭ قايغۇ_ھەسىرىتىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالماي ئاخىرى ھەققىي ئەھۋالىنى يىگىتىكە ئېيتپىتۇ. يىگىت بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئازابلىنىپتۇ. ھەم قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. ئۇ قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ . نېمە ئۈچۈن مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىمىگە مۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ دەپتۇ. قىز ئۆزىنى يىگىتىنىڭ قوينىغا ئېتىپ يىغىلاپ تۇرۇپ. مەن ئۆز بەختىمىنىڭ مەڭگۈلۈك بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىم. بۇنداق قىلىشىم سىزنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىزنىڭ ھەققىيىلىقىنى ئىسپاتلاش ئىدى. سىز سىناقتىن ئۆتىڭىز دەپتۇ. يىگىت ئازابلانغان ھالدا . تۇرمۇشتا كۆپ مۇقەررەرلىك يوق. ھېچقانداق ئادەم مەڭگۈلۈك بەختىكە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. سىز ماڭا چوقۇم مۇھەببىتىم مەڭگۈلۈك دەپ ۋەدە بېرىڭ دەيسىز، سىز ماڭا كاپالەت بېرەلەمسىز؟ سىز مىېنىڭ پاك ھېسىياتىم بىلەن ئويناشىتىڭىز، بەكلا ئازابلاندىم ، مۇھەببتىمىگە دەز كەتتى دەپتۇ. كېىيىن بۇ قىزىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. قىز_يىگىتىلەر مۇھەببەتىلىشىۋاتقاندا، ھەر ئىككى تەرەپ خىلمۇخىل ئۇسۇللار بىلەن قارشى تەرەپىنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سىناپ باقماقچى بولىدۇ. مۇھەببەت ئەلۋەتتە سىناققا موھتاج . لېكىن ، سىناق لايقىدا بولۇشى كېرەك. مۇھەببەت ئىنساندىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ شېرىن ھېسىيات . قارشى تەرەپىنىڭ مۇھەببتىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنى بىر خىل تەجرىبە ماتېرىيالى سۈپتىدە سىناق قىلىش _مۇھەببەتنى خورلاشتۇر. چۈنكى ، مۇھەببەت ئىنتايىن نازۇك بىر ھېسىيات بولغاچقا ھەرگىزمۇ چەكتىن ئاشقان سىناقنى كۆتۈرەلمەيدۇ. www.iz.la
مەنبە.بەخىت ئۆز قولىڭىزدا
ئىز تورى www.iz.la
