ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
1.ھەمشە ئۇ نېمە ئويلاۋاتقاندۇ، دەپ گۇمان قىلىش يىگىتىڭىز بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندا، ئۇنڭىدىن نېمە ئويلاۋاتسىز ، دەپ سوراۋەرمەڭ، بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز ئۇ بارا _بارا سىزدىن بىزار بولۇپ قالىدۇ. ئېسڭىزدە بولسۇنكى، كۆپ سانلىق ئەرلەر تولا گەپ قىلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا، ئۇ جىم ئولتۇرغان ۋاقىتىلاردا نېمە ئويلاۋاتقاندۇ دەپ ئۇنڭىدىن گۇمان قىلىپ يۈرمەڭ. گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ دېگەن گەپىنى ئېسڭىزدە چىڭ ساقلاڭ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2 .سىرتلارغا چىققاندا يېنغا پۇل سالماسلىق كۆپ قىسم ئەرلەر قىزلار ئالدىدا ئۆزىنى كۆرستىشىكە ئامراق بولسمۇ، لېكىن، ھەمىشە يىگىتىڭىز پۇل چىقىرىدىغان ئىش تەكرارلىنىۋەرسە، ئۇ بۇنڭىدىن بىزار بولۇشقا باشلايدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنى ئەخمەق قىلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا، يىگىتىڭىز بىلەن سىرتلارغا چىققاندا پۇل تۆلەش دېگەن ئۇنىڭ مەجبۇرىتى دەپ قارىماي، سىزمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل چىقىرىپ تۇرۇڭ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
3 .ئاممۋى سورۇنلاردا يېقىنىچىلىق قىلىش ھەر قانداق ئىشىنىڭ ئايرىم سورۇنى بولىدۇ. سىز سورۇنلاردا يىگىتىڭىزگە بەك يېقنىچىلىق قىلىپ كەتسىڭىز ئەتراپڭىزدىكلەرنىڭ دىققىتى سىلەرگە مەركەزلىشىپ قېلىپ، يىگىتىڭىزنى پاسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىسىز.
4 .دوستلار ئارا پاراڭلاشقاندا ئۇنىڭ شەخسىي ئىشىنى ئاشكارلاش مەيلى قانچلىك يىېقىن بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر . ئېرىڭىزنىڭ ياكى يىگىتىڭىزنىڭ بەزىبىر شەخسىي ئىشىلىرىنى باشقلار ئالدىدا دەپ يۈرمەڭ. باشىقلار ئالدىدا دەيدىغان گەپ بولىدۇ، دېمەيدىغان گەپ بولىدۇ. بەزى گەپلەر پەقەت ئىككى ئادەم ئارىسدىلا دېيلىدۇ. ھەمشە ئاشۇنداق بەزى ئاغزى ئىتتىكىلىك قىلىۋەرسىڭىز ئۇنىڭ ئىشەنچسىدىن مەھرۇم قېلىپ مۇناسىۋىتىڭىلارغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىسز. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
5 .قارشى تەرەپىنى ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزگە قارىتىشقا ئۇرۇنۇش قىزلارغا نسبەتەن ، كۈندە دېگۈدەك كىيىم ئالماشتۇرۇش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ، ئەرلەر بۇنڭىغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، ھەر قېتىم كىيىم ئالماشتۇرغان ياكى چاچ پاسونىڭىزنى ئالماشتۇرغان ۋاقىتىڭىزدا، ئۇ ماڭا دىققەت قىلىمىدى. دەپ ئاغرىنىپ يۈرمەڭ.
6 .دائىم توي قىلىمىز دەپ سوراش ھەر قېتىم ئۇچراشقان ۋاقىتىڭىزدا، يىگىتىڭىزدىن قاچان توي قىلىمىز. دەپ سوراۋەرمەڭ. بۇنداق قىلىسىڭىز ئۇنى بىزار قىلىپ قويسىز. ئەرلەر ئادەتتە ئىشلارنى ئالدىرىماي پۇختا قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. سىز ھەمشە ئۇنڭىدىن توي قىلىدىغان ۋاقىتىنى سوراۋەرىسىڭىز ئۇ سىزنى ئۆزىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ ، سىزدىن رەنجىپ قېلىشى ياكى سىزنى ئالدىراقسان دەپ كۆرۈپ، كەلگۈسى تۇرمۇشدىن ئەنسرەپ قېلىشى مۇمىكىن . ئىز تورى www.iz.la
مەنبە.بەخت ئۆز قولىڭىزدا
