ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
فارابىنىڭ دۇنياغا مەشىھۇر پەيلاپسوپ، مېدىتسىنا ئالىمى ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت سەرگۈشىتىسىمۇ كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ !فارابى ئۆز زامانسسدا پۈتۈن ئەلگە تونۇلغان مۇتەپەككۇر ئېستىسداتىلىق بىر زات بولسا ئۇنىڭ پىكىرىنى ئالىدىكەن . شۇنداق ئېستىداتى بىلەن ئۇلۇغلىنىپ كەلگەن بۇ زاتتىمۇ ئىنسانغا خاس نۇقسانلار بار ئىكەن. يەنى ، بۇ كىشى بويى خېلىلا پاكار دىقىماقراق كەلگەن ، دۈمچەك ، كۆرۈمسىز ، تاز ئادەم ئىكەن . بىر كۈنى فارابىدىن تەلىم ئالغۇچى ، ياشقا چوڭراق بىر كىشى ئۇنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىپتۇ ۋە مول زىياپەت راسىلاپ راسسا كۈتۈۋاپتۇ ، زىياپەتتە ئۇ كىشىنىڭ قىزى فارابىنىڭ خىزمىتىدە بوپتۇ . قىز شۇنچلىك گۈزەلىكى ، شۇ زاماندىكى تەڭداشسىز ساھبىجامال دېسە ئارتۇق كەتمىگۈدەك . قىزنىڭ شەھلا كۆزلىرىگە قارىغان فارابى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بىقارار بوپتۇ . ئەمما قىز پەرۋاسىزلارچە ئىشىنى قىلىۋېرپتۇ. قاراشلارنى ئۆي ئىگىسى سېزىپ قاپتۇ زىياپەتتىن كېىيىن فارابىنى ئۇزاتقاچ ، ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان ، ئۆي ئىگىسى ئاشۇ قىزىنى تالالىق قىلىغۇسى قىلىغاندىمۇ ئسېتىداتلىق ، بىلىم ، ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن فارابىدەك بىر ئۇلۇغ كىشىگە جۈپلەپ بەرگۈسى بارلىقىنى ، بىراق قىزىنىڭ ، نەزىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ، فارابىنىڭ كامالەلىتىگە قايىل بولىغىنى بىلەن تەقى _تۇرقىدىن نارازىلىقىنى ئېيتىپتۇ . فارابى ئويلانغاندىن كېىيىن ئۇ كىشىگە قىزى بىلەن كۆرۈشۈپ ، پىكىرلىشىپ بېقىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى دەپتۇ . ئۆي ئىگىسى ئىشلارنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋەدە بېرىپتۇ . كېلەركى ھەپتىسى فارابى يەنە مېھمان بولۇپ كەپتۇ، قىز يەنە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بوپتۇ . ئۆي ئىگىسى ئۇلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ ، ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ . پۇرسەتنى غەنمىيەت بىلىگەن فارابى ، قىزغا كۆڭۈل ئىزھار قىپتۇ . قىز ئۇنىڭ كۆڭلىنى چىرايلىقىچە رەت قىلىپتۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە.يىگىتلەر ۋە مۇھەببەت ئىز تورى www.iz.la
