app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

ۋېلسىپىت مىنىپ بەدەن قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ۋاقتى:2014-06-13 18:27مەنبە: يوللىغۇچى:راھىلە چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

copyright by www.iz.la

بىر كۈن خىزمەت قىلىپ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئادەم ئىنتايىن چارچايدۇ . يەنە بىر مۇنچە قۇۋۋەت سەرپىياتى بىلەن مېڭىپ ياكى ۋېلسىپىت مىنىپ ئۆيگە قايتسا ، يەنە بىر مۇنچە ئۇششاق ئىشلار ئادەمنى كۈتۈپ تۇرىدۇ . كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق ئالدىراشلىق ، ھارغىنلىق ئىچىدە ئۆتۈشى سالامەتلىككە پايدىسىز . مەن تۇرمۇش مەشغۇلاتىمنى ئۇزۇن مۇددەت كۈزىتىش ئارقىلىق ، ۋېلسىپىت مىنىپ بەدەن قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلىنى تاپقانىدىم ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدى . ئۇنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىمەن ؛ خىزمەتتىن چۈشۈپ ۋېلسىپىت مىنىش ، ۋېلسىپىتتا كېتىۋېتىپ بارلىق مۇسكۇللارنى ، ئىچكى ئەزالارنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇش ، كاللىغا ھېچنىمە كەلتۈرمەسلىك ۋە ھېچنىمە ئويلىماسلىق ، باشنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇل قاراشنى ئادەت قىلىش ئاساسىدا ۋېلسىپىتنىڭ پىدالىغا ئانچە كۈچىمەي دەسسەپ ، نورمال سۈرئەتتە ئىلگىرىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ . مۇشۇ سۈرئەتنى ساقلاپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا ئۆيگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، ئادەمگە بەدەن قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىپ ، روھىي كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك ، شۇنداقلا كەيپىياتى نورماللىشىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە ؛ كۆرۈنمەس دوختۇر بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس