app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

ئاشقازان ئاغرىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

ۋاقتى:2014-06-10 11:01مەنبە: يوللىغۇچى:راھىلە چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  ئىز تورى www.iz.la

1. ناچار غىزالىنىش ئادىتىنى تۈزىتىش ، مايسىز يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ، سېمىز گۆش ھەم تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ۋە تەركىبىدە ئىسپىرت ۋە تېتىتقۇ بولغان غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى ئاز ئستېمال قىلىش لازىم . بەك چۈچۈمەل ، تاتلىق ، تۇزلۇق ۋە ئاچچىق بولغان يېمەكلىكلەرنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلماسلىق ، تاماكا چەكمەسلىك لازىم . بىمارلار تاماكىنى تاشلىشى كېرەك . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

2. ۋاقتىدا ۋە ئۆلچەملىك ئوزۇقلىنىش . ئۇزۇن مۇددەت ئاشقازىنى ئاغرىغان كىىشلەر كۈنىگە ئۈچ ۋاخ غىزالىنىش ياكى قوشۇمچە غىزالىنىش ۋاقتىنى بەلگىلىۋېلىشى ، ۋاقىت پەرقى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك . جىددىي خاراكتېردىكى ئاشقازان ئاغرىقى بارلار مۇمكىنقەدەر ئوزۇقلۇق مىقدارىنى ئازايتىپ ئوزۇقلىنىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىشى لازىم . ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

3. ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىش . تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان ئوزۇقلۇقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم . بۇنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسراشقا ۋە ئۇنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىسى بار . www.iz.la

4. ئوزۇقلۇق يۇمشاق ۋە ئىلمان بولۇشى ، قاتتىق ۋە يىرىك يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك . يېمەكلىكلەرنى ئستېمال قىلغاندا ئالدىرىماي يېتەرلىك چايناپ ، شۆلگەي بىلەن تولۇق ئارىلاشقاندىن كېيىن ئاندىن يۇتۈش كېرەك ، بۇنداق قىلىش ھەزىم قىلىشقا ۋە كېسەللىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ . تۆت پەسىلدىكى يېمەكلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش ، تال ۋە ئاشقازىنىنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلەر خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

مەنبە ؛ ساغلاملىق دەستۇرى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس