ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىلگىرى كىشىلەر سېمىزلىكنى ئاياللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ خەتەرلىك دەپ قارايتتى . يېڭى تەتقىقاتلاردا قارىلىشىچە ، ئەر - ئاياللار نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىسىلا بۆرەك راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن . بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى بۆرەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن . بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ بۆرەك راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى ئەر-ئاياللاردا ئوخشاش بولىدىكەن . كېسەللىك ھالىتىدىكى سېمىزلەرنى نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقىلارنىڭ بۆرەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئىككى ھەسسە يۇقىرى ، سېمىزلەرنىڭ بىر ھەسسە يۇقىرى ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ، لېكىن سېمىز ئەمەسلەرنىڭ %35 يۇقىرى بولىدىكەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تەتقىقاتچىلار 28 تۈرلۈك تەتقىقات ماتېرىيالىنى كۆرۈپ چىقىش ئارقىلىق 22 يىلدىن بۇيانقى بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن بۆرەك راكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئانالىز قىلىپ بۆرەك راكىغا گىرىپتار بولغان %29 ئەرلەر بىلەن بۆرەك راكىغا گىرىپتار بولغان %27 ئاياللارنىڭ بۆرەك راكىغا گىرىپتار بولۇش سەۋەبى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان . نۆۋەتتە ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىش خەۋپىنى قانچىلىك ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم . تەتقىقاتلاردا ئېيتىلىشىچە ، سېمىزلەرنىڭ تېنىدىكى بەزى ھورمون ( مەسىلەن ؛ ئىنسۇلىن ) سەۋىيىسىنىڭ ئۆرلىشى ، بۆرەك راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن ياكى سېمىزلىك بۆرەكنى قان بىلەن تەمىنلەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، بۆرەكنى راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىغا نىسبەتەن تېخىمۇ سەزگۈر قىلىۋېتىدىكەن . ئىز تورى www.iz.la
مەنبە ؛ ساغلاملىق دەستۇرى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
