app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

ئەجدادلىرىمىزدا تېجەشلىك بولۇش ئادەتلىرى

ۋاقتى:2014-05-29 12:50مەنبە: يوللىغۇچى:rixta520 چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا ئىسراپچىلىقنى چەكلەپ، ھەشەمەتچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ نەمۇنىلىرىنى يېتىلدۈرگەن. ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىر قاتار ئاڭلىق ۋە ئاكتىپ تەرتىپلەرنى داۋاملاشتۇرغان. بۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە. بولۇپمۇ دان ۋە نانغا دەسسىمەسلىك، دان ۋە ناننى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق ناننىڭ قېتىپ قالغان پارچىلىرىنى ئادەم دەسسىمەيدىغان يەرلەرگە ئېلىپ قويۇش ياكى ھايۋانلارغا يەم ئورنىدا بېرىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن. تاماقنى ئىمكان قەدەر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەييارلاشقا ئادەتلەنگەن، تاماقنى ئىسراپ قىلىشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىغان. ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئىستېمال ئەخلاقى بويىچە ئىستېمال قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن. زىرائەتنى دەسسىمەسلىك، مېۋىلىك دەرەخلەرنى قوغداش ھەم ئاسراشتەك ئادەتنى ئۆرپ - ئادەتكە ئايلاندۇرغان.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ئىقتىسادچىللىق جەھەتتە. بەتخەجلىك قىلماي، تېجەشلىك ئائىلە باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئورنىتىلغان. ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلىرىمىز بويىچە توي - تۆكۈنلەردە مەرىكە قىلغۇچىنى لايىقىدا مۇبارەكلىگەن. ئىز تورى بەك ياخشى
ئەجدادلىرىمىز بالىلار تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلارنىڭ ھېيت - ئايەملەردە ئۇرۇق - تۇغقان، جەمەتلىرىدىن چۈشكەن پۇللىرىنى يىغىپ ساقلاش، زۆرۈر نەرسىلەرگە ئاتا - ئانىلىرى پۇل بېرىش يولى بىلەن بالىلاردا تېجەشلىك، ئىقتىسادچىللىق قارىشىنىڭ يېتىلىشىگە ئاساس سالغان. نان پارچىلىرى ياكى نان ئۇۋاقلىرىنى تاشلىماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ، ئاشلىقنى قەدىرلەش ئېڭىنى يېتىلدۈرگەن.
ئىز تورى بەك ياخشى

كىيىم - كېچەك جەھەتتە. كىيىم - كېچەك ۋە كىيىنىش جەھەتتە ئەجدادلىرىمىز تالالىق ۋە ئۆي ئىچىدە كىيىدىغان بىر قۇر كىيىملەرنى ئايرىم قىلىپ قويۇپ، توي - تۆكۈن، مەرىكىلەرگە ئەتىۋارلىق كىيىملەرنى كىيىپ بېرىش؛ جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا ئادەتتىكى كىيىملەرنى كىيىش؛ ئىمكان بار چەم - خۇرۇم ئاياغ كىيىم كىيىش، ئاياغ كىيىم ۋە ئۈستىباشلىرىنى يامىتىپ كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، «يېڭىنى يېڭى قىلغان كونىسى» دېگەن قاراشنى يېتىلدۈرگەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مېھماندارچىلىقتا. ئەينى چاغلاردا مېھماندارچىلىق ئاساسەن ئۆيلەردە ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، ساھىبخانا ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن سۇيۇق - سەلەڭ، قويۇق تائاملار ۋە ھۆل - قۇرۇق يەل - يېمىشلەر بىلەن مېھماننىڭ يارىشىقىنى قىلغان. مېھماننىڭ ھۆرمەت - ئىززىتىنى، قەدرىنى چوڭ بىلىشتەك ياخشى ئەنئەنىنى ياراتقان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە. ئەجدادلىرىمىز ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىلغار ئۆرپ - ئادەتنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە، ئەنئەنىگە بولغان ئېتىقادى ۋە خاسلىقىنى ساقلىغان. بولۇپمۇ توي - تۆكۈنلەرنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش، قىز - ئوغۇل ئىككى تەرەپ ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ھەشەمەتچىلىككە يول قويمىغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نەزىر - چىراغلاردا ئەنئەنىۋىلىك بىلەن خاسلىقنى قەدىرلەپ، نەزىر - چىراغ خىراجەتلىرىنى ئىمكان بار غېرىب - مۇساپىر، ئاجىز - مېيىپلەرنى كۈتۈش ھەم ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا ئىشلەتكەن. ئوشۇقچە قەرزگە بوغۇلۇپ نەزىر بېرىدىغان ياكى مەنمەنچىلىك قىلىپ نەزىر بېرىدىغان ئادەتنى ئەيىبلىگەن. قىسقىسى، ئەجدادلىرىمىز ئىسراپچىلىق، ھەشەمەتچىلىك ۋە بۇزۇپ - چېچىشنى «يامان بولىدۇ» دېگەندەك چەكلەش رولى بولغان ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانلىرى ئارقىلىق چەكلەپ، ئەۋلادلارغا ئۈلگە ياراتقان. ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس