ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
دۇنيادا راھەتلىك ياشاشنى ئويلىغان ئادەملەر ئەزگۈ نىيەتلىك ۋە باشقىلرغا ياخشىلىق قىلغۇچىلاردۇر . ياخشى نىيەتلىك ۋە كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ قەلبى قايغۇدىن خالىيدۇر . ئۇلار دائىم راھەتتە ياشاپ دۇنيا كۆرىدۇ .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئازابلانمايدۇ .
ئادەم بالىلىرىنى سۆيمەك ۋە قولدىن كەلگەن قەدەر ئۇلارغا ياردەم قىلماقلىق پاك ئىنسانىي ۋىجدان تەرىپىدىن بۇيرۇلغاندۇر . شۇنداق قىلغانلارغا كىشىلەرنىڭ رەھمىتى ياغار .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تەندىكى ئەزالارنىڭ بىرى ئاغرىسا پۈتۈن بەدەن ئازابلىنىدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەم بالىلىرىدىن بىرىگە قايغۇ-ھەسرەت كەلگەنلىكىنى بىلگەن ھەر بىر ئادەم بىردەك قايغۇرۇپ ، ھەسرىتىنى ئورتاقلىشىشى لازىم . چۈنكى دۇنيادىكى ئادەملەر بىر تەندىكى ئەزالارغا ئوخشايدۇ .
كىشىلەرگە سۆيۈملۈك بولۇشنى ھەر كىم ئارزۇ قىلىدۇ ، بۇنىڭدىن كېلىدىغان لەززەتنى ھەر كىم ھېس قىلىدۇ . لېكىن سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن بىرلا يول بار ، ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشتۇر . ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ھەر كىم سۆيەر ۋە ئۇلارغا مۇھەببەت بىلەن قارار . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە ؛ ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرى
