app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

پاكلىق- زىننەت

ۋاقتى:2014-05-24 13:30مەنبە: يوللىغۇچى:راھىلە چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  www.iz.la

تەربىيىلىك ئاياللار ئۆز ئۈستۋاشلىرىنى ھەر قاچان پاكىز ۋە گۈزەل تۇتۇپ يۈرگەندەك ئۆيلىرىنىمۇ كامىل دىققەت بىلەن پاكىز تۇتار . چۈنكى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھۆكمىچە پاك يۈرمەك ، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئاياللارغا ئۆزلىرىنى ھەر ۋاقىت ئەرلىرىگە گۈزەل ۋە مۇھەببەتلىك كۆرسەتمەكلىك لازىم بولغىنىدەك پاسكىنا يۈرمەك ۋە ئۆينى بىسەرەمجان تۇتماق دۇرۇس ئەمەس . << ئۆينىڭ پاسكىنا تۇرمىقى خاراب بولمىقىنىڭ ئالامىتىدۇر >> دېيىلگەندۇر . ئۆيدە تەربىيىلىك ئايالنىڭ بارلىقىغا ئۆينىڭ پاكىزلىقى ، يوقلۇقىغا ئۆينىڭ مەينەتلىكى دەلىل بولۇر . ئەرلىرىگە مۇھەببەتلىك كۆرۈنۈش ئۈچۈن پاكىز بولۇش ، خەزىنىسىدە بارىنى خەجلەپ كىيىنىش ، ھەتتا پۇراقلىق نەرسىلەرنى سۈرتۈش ئەزگۈلۈك ۋە توغرىلىققا خىلاپتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيىلىك ئاياللار ئەرلىرى ئىستىگەن رەۋىشتە ھەر ۋاقىت پاكلىقنى ئادەت قىلۇر . ئەرلىرىنىڭ خۇشال ۋاقىتلىرىدا مۇلايىم سۈپەتتە ئەرلىرىنىڭ يانلىرىدا بولۇرلەر ۋە ھەر ۋاقىت ناچار ، روھسىز قىياپەتلەردە كۆرۈنمەكتىن ساقلىنۇر . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئاياللارنىڭ تەربىيىلىك بولاقلىرى پۈتۈن كىشىلەر ئۈچۈن زۆرۈر بىر ئىش بولسىمۇ ، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا زىننەتلەردە ئەرلىرى ئۈچۈن بولۇشى لازىمدۇر . ئەكسىچە ، تويلارغا ، باغچىلارغا ، سەيلى-ساياھەتكە بارغاندا زىننەتلەرگە بېزىنىپ ، ئۆيلىرىگە ، ئەرلىرىنىڭ يېنىغا قايتقانلىرىدا ئەكسى ئىش كىيىملىرىنى كىيگۈچى ئاياللار تەربىيىسىز ئاياللاردۇر .

www.iz.la

ئەرلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئىش پاكلىق دېدۇق ، ئۇنداقتا پاكلىق دېگەن نېمە ؟ پاكلىق بولسا ھەر ۋاقىت سوپۇن بىلەن يۇيۇنماق ۋە ھەر كۈنى كىر يۇماق ئەمەستۇر . بەلكى ھاجەت ۋاقىتلىرىدىن كېچىكتۈرمەي يۇماق ۋە يۇيۇلغاندىن كېيىن نەرسىلەرنى ۋە ئەزالارنى ساپ تۇتماق دېمەكتۇر . بولمىسا ئۆردەك كەبى بىر تەرەپتىن سۇغا چۆمۈلۈپ ، بىر تەرەپتىن بالچىققا ئۆزىنى ئاتماق پاكلىق ئەمەستۇر . بەلكى بۇنداق قىلىش ھەقىقىي نىجىس ھالدىن تۆۋەن سۈپەتتۇر . چۈنكى بىر تەرەپتىن يۇيۇنماق ۋە ئىككىنچى تەرەپتىن ئىپلاس بولماققا نۇرغۇن بۇيۇم ۋە ۋاقىت زايە بولىدۇ . ئەرلەرگە ەۈزەل كۆرۈنمەك ئۈچۈن كىيمەك ۋە ياسانماق ياخشى ئىش بولسىمۇ ، لېكىن بۇمۇ سەر ھالدا لايىقىدا بولمىقى كېرەك . بەزى نەرسىلەر باركى ، ئۇلار بىلەن ياسانماك مۇناسىپ بولماس . تۆۋەندىكىلەر شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر ؛

www.iz.la

1. يۈز ۋە قوللىرىنى ئۇپا كەبى نەرسىلەر بىلەن بويىماق . بۇ بوياقلارغا زىيانلىق نەرسىلەر قوشۇلغانلىقتىن ياش ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى زەھەرلەپ ، كەمپىرنىڭ يۈزىدەك پۇرۇشتۇرۇپ قويار ئىكەن . بۇ زىننەتلىنىشنىڭ مەقسىتى بولغان ئىشقا تامامەن خىلاپتۇر . بۇ بوياقنىڭ بەزى تۈرلىرى كۆز ھەتتا ئەقلىگە زىيان يەتكۈزەر ئىكەن . مەسىلەن ، تېرىمىزدىكى ھۈجەيرىلەر ئارقىلىق ئىچكى ئەزالارغا ھاۋا كىرىپ تۇرغىسىدۇر . كىشى تەرلىگەندە چىققان تەر ئۇشبۇ تۆشۈكلەردىن كېلىپ چىقىدۇ . ئادەم بالىسىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بۇ تۆشۈكچىلەرنى تازلاپ تۇتماق لازىم . ھالبۇكى ، ئۇپا ۋە باشقا بۇيۇملار بىلەن يۈز ۋە قوللىرىنى بويىغاندا مەزكۇر تۆشۈكچىلەر ئېتىلىپ قالىدۇ . بۇ بولسا زىياندىن باشقا نەرسە ئەمەس .

www.iz.la

2. چىشلارنى بويىماق . چىشلارنىڭ ئاقلىقى ئاياللارنىڭ ئايرىم بىر زىننەتلىرىدىندۇر . ئىلگىرىكى زاماندا ئاياللار چىشلىرىنىڭ ئاق بولمىقى بىلەن ئالقىشلىنار ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن چىشلارنى ئاق تۇتماق ، خۇسۇسەن زىيانلىق بوياقلاردىن پاك تۇتماق كېرەكتۇر . كۆز بىلەن قارىماققا چىشلار سۆڭەكتەك كۆرۈنسىمۇ خىزمىتى كۆپ بولغانلىقى سەۋەبتىن تەبئىتى ناھايىتى نازۇك بولۇپ ، ھەر قانداق نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . چىشلا بۇزۇلۇپ ، خىزمەتلىرىگە زىيان يەتسە ، ئاشقازانغىمۇ زەرەر يېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ، چىشنى زىننەتلەش نىيىتى بىلەن بىر نەرسە سۈرتمەك مۇۋاپىق بولماس . ئەسلىدە چىشنىڭ زىننىتى يۇقىرىدا سۆزلىگىنىمىزدەك ئاقلىقى ۋە پاكلىقىدىدۇر .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

3. چاچنى ئۆرۈمەي يۈرمەك ۋە ئۇچىغا بىر تەرسە تاقىماق ، شۇنداقلا بوينىغا كۆمۈش ياكى ئالتۇن تەڭگىلەر ئاسماق . بۇ نەرسىلەر ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن باش ۋە بويۇنغا كېسەللىك كەلتۈرمەككە سەۋەب بولۇر . بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ساپ پۇل بولغانلىقى ئۈچۈن يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆزى چۈشۈش سەۋەبلىك خەۋپ تۇغۇلۇر .

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

مەنبە ؛ ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرى تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس