app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

سۆھبەت

ۋاقتى:2014-05-24 10:48مەنبە: يوللىغۇچى:راھىلە چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

تەربىيىلىك ئاياللار ياخشى ۋە كۆركەم خۇلقلىق ئاياللار بىلەن سۆھبەت قىلىپ ، يامان خۇلقلىق ئاياللارنىڭ سۆھبىتىدىن نەپرەتلىنىدۇ ۋە ئۇندىن يىراق بولۇر . چۈنكى ياخشىلار بىلەن سۆھبەت قىلىپ ئۇلار بىلەن دوست بولماق ياخشىلىققا سەۋەب بولغىنىدەك يامانلار بىلەن سۆھبەت قىلماق ۋە ئۇلارغا يولداش بولماق ، بۇزۇقلۇقلارغا سەۋەب بولۇر . يامان ئايال ئايال ئەمەس ، بەلكى شەيتاندۇر . شۇ سەۋەبتىن يامان خۇلقلىق ئاياللارغا يورۇق يۈز ئاچماق ۋە ئۇلارنى ئۆيگە كىرگۈزمەك دۇرۇس ئىش ئەمەس . شەيتەن بىلەن بولغان دوستلۇقتىن پايدا چىقماس . ئۆزۈم ياخشى بولغاندىكىن ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ماڭا نېمە زىيان ، دېيىلمىسۇن . ئۇنىڭ زىيىنى بارلىقى قۇياش كەبى ئاشكارىدۇر ، بۇنىڭغا ھېچبىر ئايال شۈبھە قىلمىسۇن . ئىز تورى بەك ياخشى

ئادەم بالىسىنىڭ ھالىنى بىلمەك زۆرۈر بولغىنىدا ئەڭ بۇرۇن << دوستلىرى كىملەر >> دەپ سورىشۇر . دوستلىرى ۋە ئارىلاشقان كىشىلىرىنىڭ ياخشىلىقى ۋە يامانلىقىغا قاراپ ، مەزكۇر كىشى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىلۇر . تۈگمەنگە كىرگەن كىشىگە ئۇنى ، قازان بېشىغا بارغانغا قارىسى يۇقار ، يامان ئاياللاردا بولغان ھىيلە-مىكىرگە شەيتان ھەيران قالۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئاياللار ئىشىكتىن كىرىپ كەلسە ، ئىش يامىنىغا تارتار . بىچارە ئادەم بالىسى نەقەدەر ئەقىللىق بولسىمۇ باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەككە ، خۇسۇسەن << سەن توغرىسىدا پالانى مۇنداق دېدى >> دېگەنلەرگە قۇلاق سالماققا مۇپتىلادۇر . بۇنداق سۆزلەرگە نەقەدەر ئىشەنگۈسى كەلمىسىمۇ ئاڭلاشتىن ئۆزىنى تۇتالماس ۋە بۇنىڭ بىلەن قانچىلىك ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى سەزمەس . يامان ئاياللار ئىشىكتىن كىرىپ كەلسە ، ئىشنى ئەلۋەتتە ئۇشبۇ تەرتىپتە باشلار . دوستلۇقى كامىل دەرىجىدە بولغان ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىنى بۇزماق ، سالامەت كىشىلەرگە تۈرلۈك سۆزلەرنى قىلىپ قۇرقۇتۇپ ، ئۇلارنى ئاغرىتىپ قويماق ، ھەر خىل ئامىللار بىلەن ساپ كۆڭۈل كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىشەندۈرمەك يامان ئاياللارنىڭ ئورۇنسىز ئىشلىرىدۇر . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

مەنبە ؛ ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(1)
100%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس