ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

ناۋادا سەن كەتكەندىن كېيىن ، مەن يەنە بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسام .... ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بەرمەيمەن مۇھەببىتىمنى قەلبىمدە مەڭگۈ ساقلايمەن ناۋادا ، سەن كەتكەندىن كېيىن ، مەن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسام .... مەن ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇرىمەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى كۈتۈپ تۇرمايمەن ناۋادا ، سەن كەتكەندىن كېيىن ، مەن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسام .... مەن ئۇنىڭ بىلەن پەقەت گۈگۈم ۋاقىتلىرىدىلا قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلىمەن ھەرگىزمۇ پۈتۈن كۈنلۈك ۋاقتىمنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ ،ئۇنى بىزار قىلىپ قويمايمەن ناۋادا ، سەن كەتكەندىن كېيىن مەن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسام ..... ئۇنىڭغا پەقەت ئانچە - مۇنچە ئۇچۇر قىلىپ قويىمەن ، بىر كۈندە بىرەر قېتىم تېلفۇن قىلىمەن ھەرگىزمۇ سېغىنغان زاماتلا تېلفون قىلىپ ئۇنى بىزار قىلىۋەتمەيمەن ناۋادا ، سەن كەتكەندىن كېيىن مەن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسام ..... ئۇنىڭغا ئاز-تولا رەنجىگىنىمنى بىلدۈرۈپ تۇرىمەن ھەرگىزمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ كۆزلىرىمدىكى ياشلارنى ئىچىمگە يۈتمەيمەن ناۋادا سەن كەتكەندىن كېيىن مەن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسام .... مەن چوقۇم تاماق يىگىنىمىزدە ، ئۇياق بۇياققا ھاڭۋېقىدىغان ئادىتىمنى ئۆزگەرتىمەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدا كىمگە قاراۋاتقاندۇ دىگەن < گۇمان > پەيدا قىلمايمەن ناۋادا سەن كەتكەندىن كېيىن مەن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسام .... مەن ئۇنىڭ بىلەن كەچلىكى بالدۇر ئۇخلاشقا كېلىشىپ قويىمەن ھەرگىزمۇ كېچىچە ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرمايمەن ناۋادا ، سەن كەتكەندىن كېيىن مەن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسام ..... مەن ،ئۇنىڭ بىللە بولغان ھەر بىر مىنوتنى ئادەتتىكى ۋاقىتتەك ئۆتكۈزىمەن ھەرگىزمۇ ھەربىر دەقىقىنى كۆڭلۈمدە ساقلىۋالمايمەن ناۋادا ، سەن كەتكەندىن كېيىن مەن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسام ..... مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىمەن ھەرگىزمۇ پەقەت ۋە پەقەتلا ئۇ ياقتۇرىدىغان رەڭلىك كىيىملەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايمەن ناۋادا سەن كەتكەندىن كېيىن ، مەن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسام .. ..مەن بىلمەيمەن ، مېنىڭ كۆڭلۈمدە ئۇ سىڭىپ كىرگۈدەك ئورۇن بارمۇ يوق. مەنبە.......دىلىم خاتىرسىدىن