ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

كېپىنەكنىڭ مۇھاببىتى بىر كېپىنەك ئاق ئەتىرگۈلنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ.ئاشىقلىق دەردىگە چىدىمىغان بىچارە كېپىنەك، ئاق ئەتىرگۈلگە مۇھاببىتىنى ئىزھار قىلىپتۇ.ئاق ئەتىرگۈل كېپىنەككە سەن مېنىڭ بۇ ئاپئىاق بەرگىلىرىمنى قاچان قىپقىزىل رەڭگە ئۆزگەرتكەن ۋاقتىڭدا ،مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن دەپتۇ.بىچارە كېپىنەك بۇ گەپنى ئاڭلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدى، پۈتۈن مھىرى بىلەن ئاق ئەتىرگۈلنى مەھكەم قۇچاقلاپتۇ.ئاق ئەتىرگۈلنىڭ تىكەنلىرى كېپىنەكنىڭ بەدەنلىرىگە سانجىپ كىرىپتۇ. بىچارە كېپىنەكنىڭ قانلىرى سىرغىپ چىقپ،ئاستا–ئاستا ئاق ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىلىرىگە تامچىپ ئېقىپتۇ. ئاق ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىلىرى، كېپىنەكنىڭ قېنى بىلەن ئاستا–ئاستا قىزارىشقا باشلاپتۇ.بۇ ۋاقىتتا ئاق ئەتىرگۈل تولىمۇ تەسىرلىنىپتۇ ۋە كېپىنەكنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىپتۇ.لېكىن،ئاشىق كېپىنەك ئاق ئەتىرگۈلنى بەك چىڭ قۇچاقلىغالىقىدىن، ئاق ئەتىرگۈلنىڭ تىكەنلىرى كېپىنەكنىڭ بەدەنلىرىگە سانجىلىپ،ئاشىق كېپىنەك بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ... بىر ئەر-ئايال كوچا ئاپتۇبۇسقا چىقىپتۇ، ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچىدە ئادەم بەكمۇ كۆپ بولغاچ ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا قىستىلشىپ تۇرۇپتۇ، ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىر نازۇك قول كېلىپ ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ، ئەرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بىر ئىللىق سېزىم ئىگىلىۋاپتۇ، ئۇ كەينىگە قارىماستىن يەنە بىر قولىدا يانچۇقىدىن ئىسىم كارتىسىنى ئېلىپ بۇ قولغا تۇتقۇزۇپتۇ، مەنزىلگە كەلگەندە ئەر-ئايال ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ يولنىڭ قارشىسىغا ئۆتمەكچى بولۇشۇپتۇ، ئۆز كونتۇرۇلىقىنى يوقاتقان بىر ماشىنا يىراقتىن ناھايتى تېز سۈرئەتتە ئۆزلىرىگە قاراپ كېلۋاتقانلىقىنى ئايال كۆرۈپ قاپتۇ، ئەر بولسا ئەتتىراپقا قاراپ نىمىلەرنىدۇر ئىزدەۋاتقان ئىكەن. ئايال بار كۈچى بىلەن ئەرنى يول ياقىسىغا ئىتتىرۋېتىپتۇ، ئەمما ماشىنا كېلىپ ئايالنى سوقۇۋېتىپتۇ ۋە شۇ يەردىلا جان ئۈزۈپتۇ، ئەر يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايالنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە كۆزى ئايالنىڭ چىڭ يۇمۇلغان قولىغا چۈشۈپتۇ، قولىنى ئېچىپ قارىسا بايامتىن ئاپتۇبۇستا بەرگەن ئىسىم كارتا تۇرغىدەك، ئەجىبا ئۇ نازۇك قول..................ئاھ خۇدا ئەر قاتتىق پۇشايمان بىلەن ئايالىنى باغرىغا تېخىمۇ چىڭ بېسىپتۇ. مەنبە......دىلىم خاتىرسىدىن