app دېتالى

بىز بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈشىمىز دېيىشكەن

ۋاقتى:2014-05-15 12:15مەنبە: يوللىغۇچى:دىلىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
مۇھەببەتلەشكەندە بىز مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلايمىز، ئەمما مۇھەببەت نىكاھقا ئايلانغاندا بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقنىڭ بىرئاز سۇسلاشقانلىقىنى ئەكسىچە مەسئۇلىيەتنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايقايمىز. مۇھەببەت تەڭ قىممەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئەمەس، مۇھەببەت ئۈن-تىنسىز، شەخسىيەتسىز ھالدىكى ئۆزىنى بېغىشلاشتۇر. ئۆزىڭىزنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىگە قاراپلا شۇنىڭغا چۇشلۇق مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن دەپ ئويلىماڭ. ئەگەر مۇشۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز بۇ مۇھەببىتىڭىزنىڭ دېگەندەك چوڭقۇر ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر سىز قارشى تەرەپنى ئۆز غورورىڭىزنى چۆرۈپ تاشلىيالىغۇدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنداقتا ئۇنى داۋاملىق شۇنداق ياخشى كۆرۈڭ. ۋاز كېچش، ئۇنتۇش؟ بۇ پەقەت سىزنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ، بەزىلەر ھايات يولىڭىزدىكى بىر يولۇچى بولىشى مۇمكىن، بىراق يەنە بەزىلەر باركى ئۇلار قەلبىڭىزدە بىر ئۆمۈر ساقلىنىدۇ، ئۇنتۇپ كېتەي دەپمۇ ئۇنتۇيالمايسىز. سىز ئامالسىزلىقتىن ۋاز كىچىشنى تاللىغىنىڭىزدا بۇ سىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىمەيدۇ، بىز دائىم ئېرىشكەندە قانداق قەدىرلەشنى بىلمەيمىز، يوقاتقاندا بولسا پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ بىكار. بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭىزنى بىلگەن چېغىڭىزدا چوقۇملا ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىڭىزنى ئاتايسىز، سىز ياخشى كۆرگەن شۇ كىشى سىزنىمۇ ياخشى كۆرگەن بولسا سىلەر چوقۇم بەخىتلىك بولىسىلەر، سىز ياخشى كۆرگەن كىشى سىزنى ياخشى كۆرمىسە سىز چوقۇم بىر ئۆمۈر ئازابلىنىسىز. بەزىلەر شۇنچە ياخشى بولسىمۇ سىزدە مۇھەببەت تۇيغۇسى ئويغىتالمايدۇ، ئەمما يەنە بەزىلەرنىڭ تىلغا ئالغۇدەك ياخشى تەرىپىمۇ يوق، بىراق سىز قېرىشقاندەك شۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز، بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈشكە سەۋەب كەتمەيدۇ، ياخشى كۆرگەنكەنسىز پۇشايمان قىلماڭ. ئايرىلىشنىڭ ئارقىسىدا ئازاپ يۇشۇرۇنۇپ ياتىدۇ، سىز ئۇنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرسىڭىز ئالدىراپ ئايرىلىپ كېتەيلى دېمەڭ، بەلكىم سىز چارچىغان، مەنىسىزلىك ھېس قىلغاندۇرسىز، ئەمما يېرىم يولدا بەل قويىۋەتمەڭ. بىز بىر ئۆمۈر بەخىتلىك بولىمىز دېيىشكەن، ھېچكىمنىڭ ۋاز كېچىمەن دېيىشىگە رۇخسەت يوق مەنبە.........تەرجىمە ئەسەر
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس