app دېتالى

ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىكى يارقىن نامايەندە ــــ ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچا

ۋاقتى:2014-05-13 17:48مەنبە: يوللىغۇچى:ئانىقىز چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

نۇرمۇھەممەت ئۆمەر

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۆرۈپ -ئادەت بىر مىللەتنى تۇتۇپ تۇردىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.شۇنداقلا ئۇ بەزىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.ئۆرۈپ ئادەتنىڭ بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرشىدىكى ئاسلىماتسىيەدىن ساقلاپ قىلىشتىكى رولىنى بىز ،مانجۇ ۋە تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنى ياخشىراق كۈزەتسەكلا ئۆرۈپ ئادەتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىگىنى تونۇپ يىتەلەيمىز.

copyright by www.iz.la

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى مەزمۇنلار ،ئۇزاق مەزگىللىك تارىخى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى .شانلىق مەدەنىيتىمىزنىڭ ئىجادچىسى بولغان تۆھپىكار ئەجداتلىرىمىز تارىخىتىن بۇيان نۇرغۇن ئىسىل مەدەنىيەت نەمۇنىللىرىنى ياراتقان .بۇ جەرياندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈرلۈك ئېرىق ،مىللەتلەرنىڭ ئىسىل مەدەنىيتىنىمۇ ئۈزلەشتۈرگەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاپتۇۋا-چىلاپچا، يوسۇنلىرىمىز ئىچىدىكى تارىخى نىسبەتەن ئۇزۇن، ئەجداتلىرىمىزنىڭ باشقا دۆلەت ،مىللەت مەدەنىيتىدىن مۇستەسنا ھالدا بارلىققا كەلتۈرگەن ،چوڭ-كىچىك مۇراسىم مەدەنىيتىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ،ئەڭ كەڭ ئومۇمىيلاشقان مەدەنىيەت ئەنئەنسى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بىز تۈرلۈك مۇراسىم پائالىيەتلىرىمىزدە ياكى ئاددىي مىھماندارچىلىق ئىشلىرىمىزدا مىھمان ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ،ئۆي ئىچى، بالا-چاقا، نەۋرە -چەۋرىلەرنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن دۇئا بىرىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ساھىبخان بىر قولىدا ئاپتۇۋا يەنە بىر قولىدا چىلاپچا ،مۈرسىدە ياكى بىلگىدە لۆڭگە كۆتۈرۈپ مىھماننىڭ ئالدىغا چىلاپچىنى قويۇپ يىرىم ئىڭىشكەن ھالدا ئاپتۇۋىدىكى سۇنى مىھماننىڭ قولىغا ئاز-ئازدىن يىنىك قۇيىدۇ .قول يۇيۇش (قول چايقاش)چوقۇم ئۈچ قىتىم ياكى بەش قىتىم ئىشقىلىپ تاق بولشى كىرەك . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئاپتۇۋاـــــــــ چۆگۈنگە ئوخشاش بولۇپ ،ئوخشىمايدىغان يىرى بويى سەل ئىگىز ،ئۇزۇنچاق بولدۇ،ئىگىزلىگى ئادەتتە30ــــ50سانتىمېتىرغىچە بولدۇ،قورساق قىسمى چۆگۈندەك يۇمۇلاق ئەمەس سوزۇنچاقراق بولىدۇ ،قورساق قىسمىغا تۈرلۈك نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن بولدۇ.باش قىسمى چۆگۈنگە ئوخشاش تۇتقۇچىغا چىتىقلىق بولۇپ سۇ قۇيغان ۋە سۇنى تۆككەن چاغدا ئاپتۇۋا ئىغىزىنىڭ چۈشۈپ كىتىشدىن ساقلانغىلى بولدۇ.

ئىز تورى www.iz.la

ئاپتۇۋىنىڭ چۆگۈندىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان ئەڭ روشەن ئالاھىدىلگى ئۇنىڭ جوغىسى.
ئاپتۇۋا جوغىسى ناھايىتى نەپىس s خەت شەكىلدە ياسىلدۇ ھەمدە چىرايلىق نەقىشلەر ئويلىدۇ.جوغىسىنىڭ سۇ چۈشىدىغان قىسمىغا نىپىز «تىلچاق»قوشۇپ قويۇلغان بولۇپ ،بۇنىڭ يۇقۇرقىدەك ئىككى جەھەتتە ئەھمىيتى بار.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

1.مىھماننىڭ ئىززىتى : مىھماننىڭ قولغا سۇ بەرگەندە سۇنىڭ چىچىلىپ كىتشى ياكى سۇنىڭ كۆپ چۈشۈپ كىتىپ مىھمانغا بىھۆرمەتلىك تۇيغۇسى بىرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


2.رايۇنىمىزدەك سۇ قىس،قۇرغاق رايۇنغا نىسبەتەن سۇنى ھەددىدىن زىيادە ئىسراپ قىلۋەتمەسلىك تىجەشلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
چىلاپچاـــــــ يۇمۇلاق چەمبەرسىمان ياسىلدۇ،ئادەتتە دىئامېتىرى 30ــــ40سانتىمېتىرغىچە قىلىپ ياسىلدۇ .قۇرۇلما جەھەتتىن پۇتبول مەيدانىغا بەكرەك ئوخشاپ كىتىدۇ.چۆرىسى ئىگىزرەك ئوتتۇرسى پەسرەك ،بۇنداق بولشى چىلاپچىغا چۈشكەن سۇنىڭ يىغىلىپ بىر يەرگە يىغىلىشى ئۈچۈن،چىلاپچا ئوتتۇرسىدا يەنە چىرايلىق نەقىشلەنگەن ھەرە كۆنىكىگە ئوخشاش «ياپقۇچ»ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ياپقۇچنىڭ يۇقارقىدەك ئىككى خىل ئەھمىيتى بار. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1.مىھماننىڭ قولىغا سۇ بەرگەندە چىلاپچىغا ئىقىپ چۈشكەن سۇنىڭ زىيادە چاچراپ ،كىيىم-كىچەك ۋە ئەتراپنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش.
2.چىلاپچىغا يىغىلىپ چۈشكەن سۇ (يۈندە)نىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلىپ قويشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

چىلاپچىغا سۇ يىغىلىدىغان قىسمى ئانچە چوڭ بولمايدۇ ،سەۋەبى ۋاقتى-ۋاقتىدا سۇنى (يۈندىنى ) تۆكۈپ تازىلاپ پاكىز بولشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
چىلاپچىنىڭ ئاستى قىسمى ئۈستى قىسمىغا سىمىترىك بولۇپ كىچىكرەك ياسىلدۇ.ئادەتتە 15ـــ20سانتىمېتىر ئەتراپىدا قىلىپ ياسىلدۇ.
چىلاپچىنىڭ ياپقۇش قىسمى ۋە يۈز قىسمىغا چىرايلىق نەقىشلەر ئويۇلىدۇ.لىكىن بەك زىچ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاپتۇۋا بىلەن چىلاپچىنى ئايرىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
مىھماندارچىلىقمىزدىكى بۇ گۈلدانلەر مەڭگۈ سىھرى كۈچىنى ۋە ئەھمىيتىنى يوقاتمىغاي

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس