app دېتالى

ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسى

ۋاقتى:2014-05-13 17:58مەنبە: يوللىغۇچى:ئانىقىز چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  ئىز تورى بەك ياخشى

*بىز ئۇيغۇرلاردا بۇرۇندىن تارتىپ قائىدە – يوسۇنسىز، ئەدەپ – ئەخلاقسىز، بوشاڭ، ئۇرۇشقاق، چىدىماس … كىشىلەرنى كۆرگەندە«مەشرەپ كۆرمىگەن» ئادەم ئىكەن دەيدىغان ئادەت بار. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

*******************

ئىز تورى www.iz.la

ئۇيغۇرلار قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇيغۇر 12 مۇقامى، ئۇيغۇر مىڭئۆي بۇددا سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى … ئەجدادلىرىمىز ياراتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت خەزىنىلىرىدۇر.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


بىز ئۇيغۇرلاردا بۇرۇندىن تارتىپ قائىدە – يوسۇنسىز، ئەدەپ – ئەخلاقسىز، بوشاڭ، ئۇرۇشقاق، چىدىماس … كىشىلەرنى كۆرگەندە «مەشرەپ كۆرمىگەن» ئادەم ئىكەن دەيدىغان ئادەت بار.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەزمۇنغا تويۇنغان بۇ سۆزنى قانداقتۇر بىرەر پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر، ئۆلىمالار ئوتتۇرىغا قويغان بولماستىن، بەلكى ئۇ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەشرەپلىرى مۇھىتىدا تاۋلىنىپ، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىن مەنىۋى كۈچ ئېلىپ يېتىلگەن ئۇيغۇر ئاۋام خەلقىنىڭ يۈرەك سۆزىدۇر.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئاشۇ بىر جۈملە سۆزدىن ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ۋە مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىش تەس بولمىسا كېرەك. بۇ سۆزدە ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ قىممىتى، ۋەزنى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. دېمەك، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى — ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جان تومۇرى، ئادەم تەربىيىلەشنىڭ قېلىپى.

ئىز تورى بەك ياخشى


ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئەجدادلىرىمىز ياراتقان قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت، سەنئەت مىراسلىرىمىزنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەنئەنىۋى ئەلنەغمە ۋە ھەر خىل ئويۇنلار مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن، خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ھايات كارتىنىلىرى ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي سەنئەت ئەنئەنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان، ئۆزىنىڭ قويۇق مىللىي ئۇسلۇبى ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق جاھان ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئىز تورى www.iz.la


سەنئەت – شۇ مىللەت ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي ھاياتىنىڭ جانلىق ئىنكاسىدۇر، دېيىلگىنىدەك ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىكى ئەڭ قايناق ھېس – ھاياجانلىق كەيپىياتلار ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىدە تولۇق نامايان بولىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ قىزىقارلىق ئويۇن تۈرلىرىدىن باشقا يەنە ئۆز ئالدىغا قاتتىق، مۇكەممەل بولغان بىر يۈرۈش تەرتىپ – ئىنتىزاملىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا كەڭ دائىرىدىكى ئەدەپ – ئەخلاق تەربىيىسى چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىدىكى بىر يۈرۈش قائىدە – تۈزۈملەر نوقۇل مەشرەپنىڭلا قائىدە – تۈزۈمى بولۇپ قالماستىن، بەلكى جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي ئەخلاق مىزانلىرىنى ھىمايە قىلىش، كىشىلەرنى ئەخلاق كۆزقارىشىغا ئىگە قىلىش؛ ئەدەپ – ئەخلاق، ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەرگە مۇخالىپ كېلىدىغان ئىشلارنى چەكلەش رولىنى ئۆتەپ كەلدى. مەشرەپلەردىكى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى بىلەن ئەدەپ – ئەخلاق قائىدىلىرى بىر – بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەچكە ئىجتىمائىي ھاياتتىكى قائىدە – تۈزۈم، ئادەملەردىكى ئەخلاقىي پەزىلەت مەشرەپلەردە تېخىمۇ جانلىق ئەكس ئېتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ياش ئەۋلادلارنى ئەدەپ – ئەخلاقلىق، غايىلىك، تەرتىپلىك، ئىنتىزامچان، ئەمگەكچان، ئەقىل – پاراسەتلىك قىلىپ تەربىيىلەشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ھازىرقى تەرەققىياتنىڭ چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە مول مېۋىلىرى نۇرغۇن جەھەتلەردىن بىزنى سۆيۈندۈرۈپ خۇشال قىلسىمۇ، لېكىن بەزى جەھەتلەردە بىزنى يەنىلا ئەپسۇسلۇق ئىچىدە قايتا ئويلىنىشقا ئۈندىمەكتە. ئۆزىدە تالاي ئىلغار مەدەنىيەت ئېلمېنتلىرىنى ھازىرلىغان قىسمەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىمىز بىزدىن بارغانسېرى يىراقلاپ بارماقتا. ئەڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان – قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىخارى، ئەدەبىيات – سەنئەت مەكتىپى، ئەدەپ – ئەخلاق بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىدىكى پايدىلىق ئەنئەنىلەرنىڭ بارغانسېرى سۇسلاپ، نە ھېچبىر تەربىيىۋى ئەھمىيىتى، نە ھېچبىر خاسىيىتى يوق كەلسە – كەلمەس ھاراق سورۇنلىرىغا، رېستوران – بەزمىلەرگە ئورۇن بېرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئەنە شۇلارنىڭ مىسالىدۇر. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئەجدادلىرىمىز ياراتقان، خۇددى تارىم ۋادىسىدىكى بەردەم توغراق، يۇلغۇنلارنىڭ يىلتىزىغا ئوخشاش خەلقىمىز روھىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئاتا مىراسىمىز بولغان ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى بىزدىن يىراقلاشقانچە ئايىغى چىقماس ھەر خىل چاي – ئولتۇرۇشلار، روھىمىزنى چىرتىپ، كىشىنى غەپلەتتە قويىدىغان ھەر خىل ئويۇن – تاماشىلار بىزلەرگە رودىپايدەك چاپلاشماقتا. ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت يىلتىزىدىن يىراقلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن چەتنەش ماھىيەتتە مەنىۋىيەتتىكى چېكىنىش، روھىي مەدەتتىن ئايرىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]


يېقىندا ناھىيىمىزدە پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى مەخسۇس سورۇن ھازىرلاپ مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، ياشلارغا ئەنئەنىۋى مەشرەپلەرنى ئۆگىنىشكە مەخسۇس شەرت – شارائىت يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشلارغا تۇتۇلغان پوزىتسىيە تازا قىزغىن بولماقتا يوق، ئاخىر بېرىپ قاتنىشىدىغانغا ئادەم چىقماي قالدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
دېمىسىمۇ ھازىر بەزى ياشلىرىمىز شەرم – ھايانى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئاددىيسى سالام – سەھەت قىلىش بىلەنمۇ ئانچە خوشى يوق. ھاراقنى خۇدىنى يوقاتقۇچە ئىچىدۇ. ھەتتا بەزى يىگىتلىرىمىز ھە دېسىلا ھاراق – شاراپقا ئۆزىنى ئۇرۇپ ئەقەللىيسى ئەرلىك بۇرچىنىمۇ ئادا قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئىز تورى www.iz.la
نۆۋەتتە، ياشلىرىمىزنىڭ روھىنى زەئىپلەشتۈرۈۋاتقان ئاشۇ بىرقاتار ئىللەتلەرنى ئەنئەنىۋى مەشرەپلىرىمىزدىكى ئەدەپ – ئەخلاق تەربىيىسى ئارقىلىق تۈگىتىشتىن ئىبارەت مەنىۋى دورا جىددىي زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھال كىشىلەرنى تەبىئىي يوسۇندا ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنى سېغىندۇرۇۋاتىدۇ، ئەسلىتىۋاتىدۇ.

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]


ھازىرقى جىددىي رىقابەت دەۋرىدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چوقۇم جەمئىيەتكە، خەلققە، بولۇپمۇ كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشكە پايدىلىق بولغان مەنىۋى پەرۋىشلەرگە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا. قانداقتۇر سېپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك ئۆزىمىزنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى تاشلاپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ بىزگە ئانچە ماس كەلمەيدىغان يەنە كېلىپ ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ قولىغا سۇمۇ قويۇپ بېرەلمەيدىغان غەيرىي مەدەنىيەتلەرگە مەستانە بولۇپ يۈرسەك ۋۇجۇدىمىز تۈرلۈك ئىللەتلەردىن خالىي بولالمايدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ئۇزاق تارىخىي زامانلاردىن بېرى ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكلەرنى بولۇپمۇ ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى ئەدەپ – ئەخلاق نۇقتىسى جەھەتتىن تەربىيىلەش، يېتەكلەش جەھەتتىكى ئىجابىي رولىنى ئىزچىل تۈردە جارى قىلدۇرۇپ كەلگەنىدى.
ئىز تورى www.iz.la

بىز ھېلىھەم يېزا – قىشلاق، شەھەرلىرىمىزدىكى «قاتار چاي»، «قاۋاقخانا»، «دېسكوخانا»، «رېستوران قىزغىنلىقى»نىڭ ئورنىغا ئەنئەنىۋى خەلق مەشرەپلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسى ئارقىلىق ياشلىرىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، ئۇلارنى ساغلام تەربىيىلىنىش مۇھىتىغا ئىگە قىلىشىمىز لازىم.

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

(ئاپتور: ئاۋات ناھىيىلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى)
جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى 2004.3 – سانىدىن www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس