app دېتالى

ئوغلاق تارتىشىش

ۋاقتى:2014-05-09 12:40مەنبە: يوللىغۇچى:ئانىقىز چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

  ئوغلاق تارتىشىش-ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى ئويۇنلىرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «ئاتلىقلارمەدەنىيىتى»دەۋرىنىڭ يالدامىسى. بۇ ئويۇن ئادەملەرنىڭ باتۇرلۇق ۋە جەڭگىۋارلىقخىسلىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئات ئۈستى مەشىقى بولۇپ،ئاتنى ئەڭ بۇرۇنقولغا كۆندۈرگەن ئوتتۇرا ئاسىياخەلقى ئارىسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنىمۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئوغلاق تارتىشىشئويۇنىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇسابىقە شەكلىدە توي-تۆكۈن،ھېيت-مۇراسىمپائالىيەتلىرىدە ئۇيۇشتۇرىلىدۇ. ئوغلاق تارتىشىش كۆپرەكچارۋىچىلىق رايونلىرى ۋەشەھەردىن چەترەك يېزا-قىشلاقلاردا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇنداق يۇرتلارنىڭكۆپچىلىكىدەمەخسۇس ئوغلاق تارتىشىش ماھارىتىنى يىتىلدۈرگەنچەۋەندازلار بولىدۇ. ئۇلار ئوغلاق تارتىشىش خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان ئالاھىدە تەربىيەلىگەن ئاتلىرىنى مىنىپ، يۇرت-مەھەللىلەر بويىچە سەپ تارتىپ بەلگىلەنگەن ئوغلاق تارتىش مەيدانىغا ھازىربولىدۇ.ئوغلاق تارتىشىشىقا قاتنىشىدىغان چەۋەندازلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ. ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئىككى تەرەپ تەييار بولغاندىن كېيىن،مۇسابىقىنى تەشكىللىگۈچىشەخس ئالدىن تەييارلىغانئوغلاقنى بەلگىلەنگەنئورۇنغا تاشلاپ بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە باشلىنىدۇ. ئېتى يۈگۈرۈك ماھىرچەۋەندازلاربەس-بەس بىلەن ئات چاپتۇرۇپ ئوغلاقنى بۇرۇن ئېلىۋېلىشقا تىرىشىدۇ.ئوغلاقىنى يەردىنئۈزۈپ ئېلىپ ئۈزەڭگە ئاستىغا ياكى تېقىمىغا بېسىۋالغۇچى ئوغلاقنى باشقىلارغاتارتتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن نىشانغا قاراپ قۇيۇندەك چاپىدۇ.قارشى تەرەپ ئۇنى قوغلايدۇ.يېتىشىۋالغان چەۋەندازلار ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئوغلاقنى تالىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەنبىر مەيدان ئوغلاق تارتىشىش جېڭىباشلىنىدۇ.ئوغلاقچىلارنىڭبىر قىسمى ئوغلاقنى ئېلىپقېچىش يۆنىلىشىنى توسىدۇ،ئېتى كۈچلۈك،قاۋۇل چەۋەندازلارغۇژمەك بولۇۋېلىپ ئوغلاقتالىشىۋاتقان جەڭ سورۇنىغا بۆسۈپ كىرىپ ئوغلاقنى تارتىپ چىقىشقا مەسئۇل بولىدۇ. مۇشۇنداق قايتا-قايتاتالىشىش،تارتىشىش ئارقىلىق ئەڭئاخىرىدا كىم ئوغلاقچىلارتوپىنى يېرىپ ئۆتۈپ،ئوغلاقنى بەلگىلەنگەن پەللىگە تاشلىيالىسا (ئوغلاق تاشلاش نىشانىكۆپىنچە ئوغلاق تارتىشىش مەيدانىدىن يىراقراق بولغان مەلۇم يۇرت ئىچىدىكى ئابرۇيلۇق بىر ئادەمنىڭ ئۆيى ياكى چەترەك بىر جايغا نىشانلاپ سىزىلغان چەمبەر قىلىپبەلگىلىنىدۇ) شۇ تەرەپ غەلبە قىلغان بولىدۇ.ئوغلاق تارتىشىشتا غالىپ كەلگەن تەرەپئوغلاق تارتىشىشنى تەشكىلىگۈچىلەر تەرىپىدىن ئالاھىدە مۇكاپاتلىنىدۇ. ئوغلاق تاشلىغانئۆي ئىگىسى بۇئويۇن شەرىپىگە زىياپەت بېرىدۇ ۋە مەشرەپ ئۇيۇشتۇرىدۇ.ئۇتۇپ چىققانئاتلارنىڭ بېشىغا قىزىل تاۋار باغلايدۇ.ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇرت-مەھەللىلىرى بويىچە كوللىكتىپ ئىككى سەپبولۇپ ئوغلاق تارتىشتىن باشقايەنە ئىككى چەۋەنداز ئارىسىدا يەككىمۇ يەككە ئوغلاق تارتىش ئۇسۇلىمۇ بار.ئۆز يۇرتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى چەۋەنداز مەيدانغاچۈشكەندىن كېيىن تەييارلانغان ئوغلاق مەيدانغا تاشلىنىدۇ. ئۇلار يەردىكى ئوغلاقنىتارتىشىشقا باشلايدۇ. كىمنىڭ كۈچى ئارتۇق، ئېتى كۈچلۈك بولسا، شۇ كىشىئوغلاقنىتارتىۋالىدۇ. يەككە تىركىشىشناھايتى جىددى بولىدۇ. تىركىشىش نەتىجىسىدە ئوغلاقنىقولدىن بەرمىگىنى غەلبە قىلغانبولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇنداق يەككە ئوغلاق تارتىشىشكىچىكرەك دائىرە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى

ئات ئۈستىدەئوينىلىدىغان ئويۇنلار ئىچىدە ئوغلاقتارتىشىشتىن باشقايەنە «ئات بەيگىسى»، «تەڭگە ئېلىش»،«ئات ئۈستىدىكى كۈچ سىنىشىش»، «يەردىن ياغلىق ئېلىش»قاتارلىق ئەنئەنىۋىئويۇنلارمۇ بار.بۇ ئويۇنلار كۈچلۈكجەڭگىۋارلىقنى تەلەپ قىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەنبۈگۈنكى كۈندە مىللى تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپقالدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس