ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
10-ئاپرېل، تۇنجى تۈركۈمدىكى 26 كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››نى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىش، تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
copyright by www.iz.la
www.iz.la
ئىككى يىل داۋام قىلغان تۈزۈش خىزمىتى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى ۋە شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك دوستلارنىڭ قەدىمكى غەربىي يۇرتنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ۋە بۈگۈنكى شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەر مەجمۇئەسى ـــ ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى›› رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 10-ئاپرېل، تۇنجى تۈركۈمدىكى 26 كىتابنى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىش، تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ 26 كىتابنىڭ ئىچىدە ‹‹قۇتادغۇبىلىك››، ‹‹ئون ئىككى مۇقام››، ‹‹جاڭغىر››، ‹‹ماناس›› قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭى نادىر قىممەتلىك ئەسەرلىرى بار. copyright by www.iz.la
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››گە كىرىش سۆز يېزىپ بەردى. 9-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، جاڭ چۈنشيەن تەكلىپكە بىنائەن ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››نى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ۋاڭ مېڭ، دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۇڭ مىڭچاڭ بىلەن كۆرۈشتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››نى تۈزۈش، نەشر قىلىش خىزمىتى 2012-يىلى باشلانغان بولۇپ، 2020-يىلى تاماملاپ بولۇش پىلانلانغان. پۈتۈن يۈرۈش مەجمۇئە 1000 قىسىم بولۇپ، بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى تۈر بويىچە رەتكە تىزىلغان ھەمدە ئىلاۋە يېزىلغان. بىرىنچى بۆلۈمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ئاساس قىلغان، ئىككىنچى بۆلۈمى شىنجاڭدا ساقلانغان قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلەر ۋە تارىخىي ماتېرىياللارنى ئاساس قىلغان، ئۈچىنچى بۆلۈمى شىنجاڭنىڭ تارىخىدىكى تۈرلۈك شەخسلەرنىڭ ئەسەرلىرى، تەرجىمىھالىنى ئاساس قىلغان، تۆتىنچى بۆلۈمى ئۇنىۋېرسال ۋە مەخسۇس ئەسەرلەر ۋە داڭلىق ئەسەرلەرنى ئاساس قىلغان.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، بەي جىجيې، لى شۆجۈن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى؛ دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى قاتارلىق 12 ئورۇن كىتاب تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
10-ئاپرېل، تۇنجى تۈركۈمدىكى 26 كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››نى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىش، تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
www.iz.la
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
