app دېتالى

دەرتنى مەنلا تارتىپ كېتەي ( ھىكايە )

ۋاقتى:2014-02-08 16:55مەنبە: يوللىغۇچى:DeLim چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

تەلئەت ئاكىنىڭ مىلىچمال دۇكىنىنىڭ ئىككى يېنىغا يۆلەپ قويۇلغان ئىككى ئورۇندۇقتا مەھەللىدىكى بىكارچىلار ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرۇق پاراڭ سېلىشاتتى. قۇرۇق پاراڭنى ۋايىغا يەتكۈزىدىغانلارنىڭ بىرسى قوشنىمىز ئاۋۇت بويتاق ئىدى. ئاۋۇت بويتاق ئېگىز، تەتۈر ئۇستىخان ئادەم بولۇپ، لاپ ئۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتى، 70 ياشلارغا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي مۇشتەككە تاماكا نىقتاپ چېكىشكە ھېرىسمەنىدى. ئۇنىڭ ئۆيى تەلئەت ئاكىنىڭ دۇكىنىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قورۇدا بولۇپ، بىر دېرىزىسى دۇكانغا قارايتتى. ئاۋۇت بويتاق ھەر كۈنى ئاشۇ دېرىزىدىن قاراپ، دۇكان ئالدىغا ئادەم توپلاشقاندا، توغرىسى ئۇلار ئارىسىدا مېنى كۆرسە ئاندىن چىقاتتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    ئاۋۇت بويتاقنىڭ مايلىشىپ، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن چۇچىلىق تاماكا خالتىسى، كونا بىر ئەگرى مۇشتىكى بولۇپ، ئۇلارنى باشقىلاردىن كۆرە ماڭا جىقراق كۆز – كۆز قىلاتتى. ئۇ تاماكا خالتىسىنىڭ يىپىنى چىمەلتىكىگە ئورۇۋېلىپ يوغان باشلىق مۇشتىكىنى خالتىغا سېلىپ تاماكىغا تولدۇراتتى – دە، كېيىن مۇشتەكنى خالتىدىن چىقىرىپ باشمالتىقى بىلەن تاماكىنى نىقدىغاچ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    — ماڭا قارا، ھاشىمجان ئۇكا، ئەينى يىللىرى بوۋام تىجارەت قىلىپ رەسىيىگە بارغاندا پادىشاھ نىكولاي مۇشۇ خالتا بىلەن مۇشتەكنى كۆرۈپ قېلىپ تالىشىپتىكەن، – دەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ لاپلىرىغا مۇشۇ مەھەللىدە مېنىڭلا قۇشۇق سالماي كۈلۈمسىرەپ ئاڭلايدىغىنىمنى بىلەتتى.

www.iz.la

    — ھە، شۇنداق قىلىپ...، – دېدىم بۈگۈنمۇ ئاۋۇت بويتاقنىڭ لاپلىرىنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلاۋاتقاندەك كۈلۈمسىرەپ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    — شۇ، ‹‹مۇشۇ تاماكا خالتاڭ بىلەن مۇشتىكىڭنى ماڭا بەرگىن، مەن ساڭا ئالتۇندىن تاقىلانغان ئاتلىرىمنى بېرەي›› دەپتۇ... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    — خوش، بوۋىڭىز نېمە دەپتۇ ئاۋۇت ئاكا؟ – دېدىم ئەتەي چۆچۈگەندەك.

copyright by www.iz.la

    — بوۋام ‹‹ئەپۇ قىلسىلا، بۇ خالتا بىلەن مۇشتەك دادامدىن قالغان يالداما›› دەپتۇ، راست! تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    — نىكولاي مەيلى دەپتىما؟ – سوراپ قويدۇم، ئاۋۇت بويتاقتەك مەنمۇ نىكولاينى نىكولاي دەپ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    — ئۇمۇ نوچى پادىشاھكەن، «ئۇنداق بولسا مەيلى، تالاشماي» دەپتۇ. ئاۋۇت بويتاق مېنى ئىشەنمەيۋاتامدۇ دېگەندەك سەل ئېڭىشىپ كۈزۈمگە قاراپ قويۇپ، بوۋاممۇ ئوغۇل بالا – دە، نىكولايغا «بۇ قېتىم غۇلجىدىن كەلگەندە بىرنى ئالغاچ كېلەي» دەپتۇ، دەپ قوشۇپ قويدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    بىز پاراڭلىشىۋاتقاندا يېنىمىزغا مەھەللىنىڭ تۆۋىنىدىكى ھېكىم ئەلەس كەلگەنىدى. ئۇ ماڭا بىر كۆزىنى قىسىپ قويۇپ گەپكە ئېغىز ئاچتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    — ۋۇي... راست، ئاۋۇت ئاكا، مەن بىر چاغلاردا پادىشاھ نىكولاينىڭ مۇشتەك چىشلەپ تۇرغان ئالامەت ھەيۋەت سۈرىتىنى كۆرگەندەك قىلغان، شۇنى داداڭ نىكولايغا ھەدىيە قىپتىكەندە، ھە؟

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    ئاۋۇت بويتاق بىر پەس جىم بوپقالدى، ئاندىن مۇشتىكىگە يەنە چىڭداپ تاماكا بېسىپ، سەرەڭگە ياقتى – دە، ئىسىنى ئىچىگە كۈچەپ شورىدى. كېيىن قويۇق ئىسنى ھېكىم ئەلەس تەرەپكە ئۇزاق پۈۋلەپ ئاندىن ماڭا قارىدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

    — ماڭا قارا، ھاشىمجان ئۇكا، مۇشۇ تاماكا دېگەنمۇ جاھاننىڭ ھۇزۇرى دېگىنە، بىراق سەن چەكمەيسەن؟ ئىز تورى بەك ياخشى

    — چەككەن، – دېدىم مەن.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    — خېلى يىل بولدى، تاشلىۋەتتىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    — نېمە دەيسەن ھوي، ياپياشلا تۇرۇپ خېلى يىل بولدى دەيسەنغۇ؟ زاكاڭدىلا چەككەنمىدىڭ؟ لېكىن تاماكا دېگەن يالغۇز قالغان، ئىچىڭ سىقىلغان چاغلاردا ئىچ پۇشىقىڭنى چىقىرىدۇ! ئىز تورى www.iz.la

    ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر نېمە دەپ ئاغىزىمنى گەپكە ئۇمەللەپ تۇرۇۋېدىم، ھېكىم ئەلەس يەنە ئاغزىنى ئېچىپ قالدى.

ئىز تورى www.iz.la

    — ئاۋۇت ئاكا، ئاڭلىسام تاماكىنى چېكىۋەردىڭ دەپ خوتۇنۇڭ سېنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپتىكەن، ھە!

www.iz.la

    ئاۋۇت بويتاق ئاغزىدىكى بۇلۇتتەك ئىسنى يەنە ھېكىم تەرەپكە پۈۋلىدى ۋە بىر قىزىرىۋېلىپ: تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    — نېمە دەيدۇ؟ خوتۇن ھەيدەپ چىقارمىدى، ئۆزۈم چاپىنىمنى دولامغا تاشلاپلا يېنىپ چىققان، – ئۇ ماڭا لەپپىدە قاراپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، – سەۋەبىنى بىلگۈڭ بارمۇ ھاشىمجان؟ ئۇ تازا ياش ۋاقىتلىرىمىز، ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈلى بولۇپ، ناخشىنى بۇلبۇلدەك ئېيتىدىغان چاغلىرىمىز ئىدى دېگىنە، مۇشۇ مۇشتەك بىلەن خالتا ئۇخلىساممۇ بېشىمدا ئىدى. بىر كۈنى قارىسام يەڭگەڭ خالتا بىلەن مۇشتەكنى ئوتقا تاشلىۋېتىمەن دەپ قولىغا ئېلىۋاپتۇ، جان – ئىمانىم چىقتى. خالتام بىلەن مۇشتىكىم پاتمىغان ئۆيدە بىزمۇ يوق دەپلا خوتۇننىڭ قولىدىن خالتا، مۇشتەكنى تارتىۋېلىپلا ئۆيدىن يېنىپ چىققانمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    — تاماكا خالتىسى بىلەن مۇشتەكنى دەپ بويتاق ئاتىلىپ كېتىپتىكەنسەندە؟ – دېدى ھېكىم ئەلەس يەنە ماڭا كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويۇپ، مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەي چەتكە قارىۋالدىم. ئاۋۇت بويتاق گەدىنىگىچە قىزىرىپ، غودۇڭشىدى:

copyright by www.iz.la

    — بۇ خالتا بىلەن مۇشتەك بوۋام بىلەن دادامدىن مىراس قالغان نېمە دەيمەن، ھېكىماخۇن، جۇغ – جەمئىي بىرەر يۈز يىللىق يالداما بۇ، شۇنىڭغا ئاچچىق قىلغان گەپ! www.iz.la

    ھېلىلا مۇشتىكىنى بەتىنكىسىنىڭ پاشنىسىغا قاققان ئادەم، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن مۇشتىكىنى تاماكىغا پاتۇردى، ئاڭغىچە ھېكىم ئەلەسنىڭ يانچۇقىدىكى تېلېفونى جىرىڭلاپ قىلىۋېدى، ئۇ يان تېلېفوننى قۇلىقىغا يېقىپ يۈرۈپ كەتتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    ئادەمنى بەزىدە يوقلا خۇمارلار تۇتۇپ قالىدىكەن. ھېلىقى پاراڭدىن كېيىن نېمىشقىدۇر قولدا ياسالغان كۆك موخوركىنى مۇشتەككە بېسىپ، شوراپ – شوراپ چەككۈم كېلىدىغان بوپقالدى. كۆز ئالدىمغا ئاۋۇت بويتاقنىڭ مۇشتىكىنى سىڭايان چىشلىۋېلىپ، تەلئەت ئاكامنىڭ دۇكىنى ئالدىدا غادىيىپ تۇرىدىغان سىياقى كېلىۋالاتتى. ئاخىر ئادەم چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ھەتتا سەل غەيرىي بولسۇن، ئويلىغىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئارزۇسىغا يېتىشى كېرەكقۇ! شۇ ئىستەك، خىيالىم نەچچە كۈنلەرگىچە بېسىقماي ئاخىرى بىر كۈنى ئىشىكى ئالدىدىكى لاي سۇۋاق ئورۇندۇقتا غاڭزىسىنى چىشلەپ خىيالچان ئولتۇرغان ئاۋۇت بويتاقنىڭ يېنىغا بېرىپ سالاملاشتىم.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    — ئاۋۇت ئاكا، مۇشۇ سېنىڭكىدەك مۇشتەكنى نەدە ساتىدۇ؟ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

    ئاۋۇت بوتاقنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى، ئاغزىدىكى مۇشتەكنى ئالمايلا كىشنىدى: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    — نېمە؟ نېمە دېدىڭ؟ نەدە مۇشتەك ساتىدۇ دەمسەن؟ نېمە قىلىسەن ئۇنى؟

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    — مەنمۇ سەندەك قىڭغىر چىشلەپ موخوركا چىكەيمىكىن دەيمەن! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    — ما بالىنى! – ئاۋۇت بويتاق ئەمدى مۇشتىكىنى قولىغا ئېلىپ ماڭا تېخى كۆرۈپ باقمىغاندەك قاراپ كەتتى. كېيىن خالار – خالىماس غودۇڭشۇپ قويدى:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    — قاراپ باقمامسەن، بىدە بازىرىدىكى چىش دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىدا بارمىكىن، موخوركىچىلار شۇ يەردىغۇ!

www.iz.la

    — ئەمىسە مەن شۇ ياققا بېرىپ باقاي، مەن بۇرۇلۇپلا ماڭدىم. كەينىمدىن ئاۋۇت بويتاقنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

ئىز تورى www.iz.la

    — ھەي، ھەي ھاشىمجان، توختاپ تۇرغىن، توختاپ... گېپىمنى ئاڭلا!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    — نېمە گەپ ئاۋۇت ئاكا؟ – دېدىم كەينىمگە قايرىلىپ. ئاۋۇت بويتاق مۇشتىكىگە تازا قاراپ كېتىپ:

ئىز تورى www.iz.la

    — ئالدىرماي تۇرغىنا، بولدى بۈگۈنچە بارما، ئەتە مەن شۇ ياققا ئۆتىمەن، بىللە بارايلى، ھە تاللىشىپ بېرەي، ھەرخىللىرى بارچۇ ئۇنىڭ؟ – دېدى. ئىز تورى www.iz.la

    — ئەمىسە تېخى ياخشى، –دېدىم مەن سەپىرىمدىن يالتىيىپ، ئاۋۇت ئاكا، ئەتە چۈشكىچە ئىشلەيمەن، چۈشتىن كېيىن ساڭا يولۇقاي!

www.iz.la

    ئەل ياتقۇغا يېقىن دەرۋازىمىز تاراقلاپ كەتتى، بىردە ئەنسىرەپ، بىردە ھەيران بولۇپ يېرىم يالىڭاچ دېگۈدەك تالاغا يۈگۈردۈم. دەرۋازىنى ئاچسام پۇتلىرىنى گىرەدەپ ئاۋۇت بويتاق تۇرۇپتۇ، چىقىشىمغا ئۇ گېپىنى باشلىدى:

copyright by www.iz.la

    — ھاشىمجان ئۇكا، ئەتىگىچە تەخىر قىلالمىدىم. سەن نوچى بالا، بىراق ھېلىقى نىيىتىڭدىن يانغىن جۇمۇ! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    — ق... قايسى نىيىتىمدىن؟ – دېدىم، ئويلىسام يادىمغا ھېچنېمە كەلمىدى.

www.iz.la

    — ھېلىقىچۇ، بۈگۈن ماڭا دېگەن مۇشتەك سېتىۋالىدىغان خىيالىڭدىن، ئاۋۇت بويتاق خىرىلداپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، بايقىسام تاماكىنى باشلاش نىيىتىگە كەلگەندەك قىلىسەن! نېمە قىلاتتىڭ ئۇكا، ئاران قۇتۇلغان مەينەتنى يەنە يۇقتۇرۇۋېلىپ؟ بىزلەر قۇتۇلالمايۋاتساق! ئىز تورى www.iz.la

    — نېمە دېدىڭ؟ ئاۋۇت ئاكا؟ – دېدىم ھەيران بولۇپ، – خالتا بىلەن مۇشتەك سېنىڭ ئامرىقىڭ ئەمەسمىدى؟ [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

    — دەپ قويغان گەپ دېگىنە! – ئاۋۇت بويتاق گىرىمسەندە بېشىنى چايقىدى، – بىر ئۆمۈر شۇنىڭ كېسىلىنى تارتتىمغۇ مەن، ئۆپكىمۇ تۈگىدى، ئۆيمۇ يوق بولدى، كانايدىكى غىژ – غاژلا قالدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    — سېنى مۇنداق دەر دېمەپتىكەنمەن ئاۋۇت ئاكا، – دېدىم، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي كۈلۈپ، – مەنغۇ چاقچاق قىلىپ قويغان، تاماكىنىمۇ چېكىپ كەتمەيمەن، بىراق سېنىڭ گېپىڭ ئاجايىپ بولدى! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    — ئۇنداق بولسا ياخشى، – دېدى ئاۋۇت بويتاق كۈلۈمسىرەپ قاراپ، – بىر مەرەزنى يۇقتۇرۇۋالمىسۇن دېدىمچۇ، دەردنى مەنلا تارتىپ كېتەي! –ئاۋۇت بويتاق گەپ – سۆز قىلماي ئارقىغا ئۆرۈلدى، ئىككى – ئۈچ قەدەم بېسىپ توختىدى – دە، –سەن ياخشى بالىچۇ ھاشىمجان، گەپكە قوشۇق سالمايسەن، ھېكىم ئەلەسكە بۇنداق گەپنى قىلمايمەن مەن! –دەپ قويۇپ يۈرۈپ كەتتى. ئىز تورى بەك ياخشى

    ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ مەھەللىدە ‹‹ئاۋۇت بويتاق دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ›› دېگەن پاراڭ تارقالدى. بىر كۈنى ئىشتىن يېنىپ تەلئەت ئاكامنىڭ مىلىچمال دۇكىنىغا كەلسەم، ھېكىم ئەلەس ئەتراپىدىكىلەرگە سۆزلەۋېتىپتۇ: ئىز تورى بەك ياخشى

    — دېسەم – دېمىسەم ئۆپكىنىڭ ئىشى، تاماكىنى نان يېگەندەك يەيتتى ئەمەسمۇ ئۇ، كاردىن چىقتى دەڭلار! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    مەن ھېكىم ئەلەسكە يامان كۆزۈم بىلەن بىر قارىۋېتىپ، ئاۋۇت ئاكامنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن، ئۈن چىقماي بازار تەرەپكە ماڭدىم. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

مەنبە...........شىنجاڭ رادىئوسىدىن.

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

تەھرىر؛ دىلىم
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس