app دېتالى

ئىسىت دىلبىرىم

ۋاقتى:2014-02-08 12:57مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۈل چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  
ئۇ تولىمۇ ئادەتتىكىچە بىر قىز ئىدى،لېكىن مەن ئۇنىڭغا يوشۇرۇن ئاشىق ئىدىم ،بۇ ئاشىقلىق نەچچە يىللاردىن بېرى مېنى قىيناپ ،مىسكىن يۈرىكىمنى ئۆرتەندۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ كۈن بويى يېنىمدىلا يۈرگەن بۇ قىزغا كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى ئېيتالايدىغان جۈرئەت مەندە يوق ئىدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇنى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى باش قەھرىمانلارغا ئوخشاتقۇم كېلەتتى ،دېمىسىمۇ مۈرىسىدە يېيىلىپ تۇرىدىغان قاپقارا چاچلارنىڭ ئورنىنى قىرىق ئۆرۈم سۇمبۇل چاچ ئالغان بولسىدى ،تەبىئى ئۇلىما قاشلىرى،سۈزۈك ئۆڭى،ھېلىلا تۈكۈلۈپ كېتىدىغاندەك ئۇزۇن كىرپىكلەرنىڭ قورشاۋىدىكى ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان قاپقارا قىيغاچ كۆزلىرى،ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرەپ سەل ئاستىدىكى نوقۇتتەك قاپقارا خالى بىلەن ئۇ رىۋايەتلەردىكى گۈزەللەردىن ئېشىپ چۈشكەن بولاتتى

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]


لېكىن ھەيران قالارلىقى شۇكى ،ھاياتىنىڭ 21-22يىلىنى ياشاۋاتقان،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم قويغان بۇ قىز قارىماققا خۇددى ئەمدىلا تۇلۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان سەبى قىزغا ئوخشايتتى ،ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مودىغا ماسلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاددى لېكىن تولىمۇ يارىشىملىق تەنھەركەت كىيىملىرى،پادىچىلار كىيىمىلىرى بىلەنلا ئەمەس ،گىرىمسىز تەبئى چىرايى ،بىر قاراشتىنلا بىلىنىپ تۇرىدىغان ساددا -غۇبارسىزلىقى بىلەنمۇ بىر كەپسىز ھەم سۆيۈملۈك كىچىك غەمسىز قىزنى ئەسلىتەتتى . [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
مەن ئۇنى 9يىل ئاۋۋال تولۇقسىز نىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش يىلى ،ئۆيدىكىلەرنىڭ زورى بىلەن ئوقۇش سۈپىتى يۇقىرى دەپ بۇ شەھەرگە يېقىن يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلدىغان ئاكامنىڭ مەكتىپىگە يۆتكىگەن ۋاقىتلىرى تۇنجى ئۇچراتتىم،مەكتەپكە كېلىپ 2-كۈنى، مەن بىلەن ئىلگىرى باشلانغۇچنى بىرگە ئوقۇغان يېقىن دوستۇم سەمەت تۇيۇقسىز لا : www.iz.la
-مۇرادىل ،يۈرە ،مەن سېنى بىرسىگە تونۇشتۇرۇپ قۇياي دىدى مېنى سىرتقا سۆرەپ .
- كىمۇ ئۇ؟ بولدىلا ،ئاستا-ئاستا تونۇشۇپ قالارمەن دېدىم مەن خوشياقمىغان قىياپەتتە .

ئىز تورى بەك ياخشى


-كىملىكنى ھېلى بىلىپ قالىسەن ،پۇشايمان قىلىپ قالىسەن جۇمۇ ،بىر قىز، دېدى ئۇ ھەييارلىق بىلەن چىرايىنى ئۆزگەرتىپ .
-ئۇنداق بولسا تېخىمۇ تونۇشمايمەن دېدىم مەن كەينىمگە داجىپ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

- يۈرە قىز بالىدەك نازلانماي ،ئۇ دېگەن مەكتەپنىڭ كۆزى ،پۈتۈن مەكتەپتە ئۇنى تونۇمايدىغان ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچى يوق ،ئۇ كېيىنكى كۈنلىرىڭدە ساڭا ئەسقاتىدۇ دىدى ئۇ مېنى سۆرەپ.

ئىز تورى بەك ياخشى


پۈتۈن مەكتەپتىكىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغۇدەك قانچىلىك قىزدۇ ئۇ؟تايىنلىق شۇ ئەركە نايناقلاردىن بىرىدۇ ،قېنى كۆرۈپ باقمايمەنمۇ دېدىم مەن خىيالىمدا .

www.iz.la


- دىلبەر،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ،ئالدىمىزدىلا بىر قىز ،بېشىغا ئادىداس ماركىلىق شەپكە ،ئۇچىسىغا ئاپئاق بىر قۇر تەنھەركەت كىيىمى كىيىۋالغان بىر قىز تۇراتتى ،لېكىن ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويمىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- نېمە كۆرىۋاتقانتىڭىز ؟دوستۇم ئۇنىڭ قولىدىن كىتاۋىنى ئالدى ،مەن ئۇنىڭ بۇ قىزغا مۇئامىلە قىلغاندا تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدىغىنىنى ھېس قىلدىم . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
- ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىۋاتىمەن دېدى ئۇ پەرۋاسىزلا كىتابىنى قولىغا ئېلىپ .
-بۇ دوستۇم يېقىندا يۆتكىلىپ كەلگەن،شۇڭا سىزگە تونۇشتۇرۇپ قۇياي دىگەن،ئۆگۈنۈش جەھەتتە ئۇنىڭغا كۆپرەك ياردەم قىلارسىز دېدى دوستۇم ماڭا قاراپ قويۇپ . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
قىز شۇندىلا ماڭا بۇرۇلۇپ قارىدى -دە ،سۇس كۈلۈپ قويدى ،شۇ دەقىقىدە مەن ئۇنىڭ ئەشۇ سۇس تەبەسسۇم قىلغىنىدىمۇ مەڭزىدە پەيدا بولىدىغان زىناقلىرىنىڭ تولىمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكنى ھېس قىلدىم .
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

بولىدۇ ،سىزنىڭ دوستىڭىز مېنىڭمۇ دوستۇم ،ئۇ ماڭا بۇرۇلدى ،ئىشىڭىز بولسا قولۇم كۆكسۈمدە ،دەرس ئۈگىنىۋاتقانتىم ،كېيىن كۆرىشەيلى ،ئۇ بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى .

ئىز تورى بەك ياخشى


نەچچە كۈندىن كىيىن مەن ئاكامنىڭ يول مېڭىشى بىلەن ئۇ ئۇقۇۋاتقان كۈچەيتىش سىنىپىغا يۆتكەلدىم ،ئۇ بۇ سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى ئىكەن ،بىز كۆپ ئۆتمەيلا ياخشى دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق .ئۇنىڭ كاللىسى ئاجايىپ ئۆتكۈر ئىدى ،قارىسا ئۇ تولىمۇ پەرۋاسىز ،لېكىن ئۇنىڭ تەپەككۇرى،ئاجايىپ ئۆتكۈر پىكىرلىرى ،دەرس ۋاقتىدىكى سۆزمەنلىكى ئۆز پىكىرلىكى كىشىنى ئىختىيارىسز قايىل قىلاتتى .كېيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ تولۇق ئوتتۇرىنى قوشۇپ 4يىلنى ئۆتكۈزدۈم .تولۇقنى پۈتۈرۈپ ئۇ دادىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن شەھرىمىزدىكى پىداگوگىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى .مەنمۇ مەركىزى شەھەردە ئوقۇش ئارزۇيۇمدىن ۋاز كېچىپ شۇ مەكتەپنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرىدىم . بىز شۇنداق ياخشى ئۆتتۇق.تاماق،ئاراملاردا بىز بىرگە بولاتتۇق ،لېكىن ئۇ ئۆيىدە ياتىدىغان بولغاچ كەچلىرى مەكتەپتە بولالمايتتى .يەنە كېلىپ بۇ يەر بۇ ئالىي بىلىم يۇرتى بۇ مۇھەببەت ئوچىقى تولۇقسىز تولۇق ئوتتۇرىلارغا ئوخشىمايتتى ،بىزنىڭ دوستلۇقىمىز كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ سۆز-چۆچەكلىرىگە سەۋەپ بولاتتى .ئۇ يەنىلا پەرۋاسىز ۋە غەمسىز كىچىك بالا ئىدى . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مەن بەزىدە ئۆزۈمنىڭ بىر قىزچىلىك جۈرئەت ۋە جاسارەتكە ئىگە بولالمىغىنمغا ئېچىنسام ،يەنە بەزىدە ئۇنىڭ شوخلۇقى ،جۈرئىتى ،جاسارەت ۋە پاراسىتىگە قايىللىقىم كېلەتتى ،شۇنداقلا قادىر ئاللانىڭ مېنى مۇشۇنداق كۈڭۈلنى چۈشەنمەيدىغان بىر كچىك بالىغا باغلاپ نەچچە يىل ناگىھان قىينىغىنىغا ئاچچقىم كېلەتتى ،ئەتراپتا ھەممسى جۈپ-جۈپ بولۇپ ،بۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ۋە ئايرىلىشى ئوخشاشلا تېز ئىدى ،ھەتتا بەزى ئۆزەڭنىڭ يېقىن ئاغىنەڭنىڭ يۈرگەن قىزىنىڭ زادى كىم ئىكەنلكىنى ئايرىۋېلىشمۇ تەسكە توختايتتى .بەزىلەر مېنىڭ ھالىمنى بىلگەندىن كېيىن جۈرئەتلىك بولۇپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقا دەۋەت قىلسا ،يەنە بەزى يېقىنلىرىم گەپ سۆزى ئۆزىگە ئوخشاشلا توڭغۇ ئۇ قىزنىڭ ،گېپى نېمىدىگەن زەھەرلىك ھاكاۋۇرلىقىچۇ تېخى،بولدى قىل مۇرادىل، بۇ چىرايىڭ بىلەن بۇ مەكتەپتە بىرەرسىنى كەلتۈرەلمەسلىكىڭدىن ئەنسىرەپ نېمە قىلىسەن ؟سەنلا ھايت دېسەڭ مانا بىز توغرىلايمىز ،ئۇ قىزنى ئويلاۋەرمە ،ئۇنداق كىتاپ خالتىسى ئەركەك زەدەكنىڭ بۇنچە قىلىپ كەتكۈدەك نېمىسى بار دېيىشەتتى جېنىمنى چىقىرىپ .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ئەمما مەن يەنىلا جۈرئەتسىز ئىدىم ،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ماڭا بىر قىزنى ئۆزىنىڭ يېقىنى رەنا ئىسىملىك دوستىنى تونۇشتۇرۇپ قويدى ،رەنا مىھرى ئىسسىق قىز ئىدى ،قىلىقلىرى دىلبەرنىڭ ئەكسىچە بولۇپ مۇلايىم،تارتىنچاق ،نازۇك قىز ئىدى ،كۈلۈشلىرى ،نازۇك تەبىئىتى دىلبەرنىڭ كەپسىزلىكى ، كىچىك بالىلاردەك ساددا ،قىلىقى گەپ-سۆزلىرى ۋە غەلۋىسىدىن پەرقلىنىپ تۇراتتى ،دىلبەر ئۆز سۆزلۈك بولۇپ قىلىمەن دېگىنىنى قىلدىغان قىز ئىدى ،كىم بولىشدىن قەتئىينەزەر ئالدىدىلا قانداق گەپ بولسا قىلىۋېرەتتى ،مەكتەپتىكى خېلىى چوڭلارمۇ ئۇنىڭدىن تەپ تارتاتتى .ئۇ ئۆزى بىلەن قېرىشقان ياكى مەسخىرە قىلماقچى بولغانلارنى ھەرخىل ئامال بىلەن ئەدىپىنى بېرىپ قايتا ئېغىز ئاچماس قىلىۋىتەتتى ،مىنىڭ بىر نەچچە ئاغىنەم يېقىنلىشىپ بېقىپ تۇمشۇقىغا يەپ ئۇنى يۈگەنسىز تايغا ئوخشىتىشقان ئىدى . مەن ئۇنىڭ مۇڭلانغىننى كۆرمەيتتىم ،ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغاندا ئۆزۈمنى ئەڭ غەمسىز بەختلىك ھېس قىلاتتىم ،ئۇنىڭ گەپلىرى ئادەمنى راسلا كۈلكىگە قىستايتتى. ئىز تورى www.iz.la
شۇ تەرىقىدە بىر ئوقۇش پۈتتۈردۇق ، بىرگە ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا قاتناشتۇق ، تەقسىمات چىققاندا كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ دىلبەر يات ناھىيىگە بۆلۈنگەن ئىدى ،شۇنچە يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتكەن بۇ قىزنىڭ ناتونۇش بىر يۇرتقا كېتىشى ئەقىلگە سىغمايتتى .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۇ ماڭدى ،كېتىدىغان چاغدا ماڭا بىر نەرسىنى بىر پارچە سۈرەت بىلەن بىر خاتىرىنى قالدۇرۇپ ماڭدى .ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەركە قىزى بولۇپ قولىدىن ئۆي ئىشى ئاش-تاماق ئىشلىرى كەلمەيتتى ،چەت بىر جايدا يالغۇز يار-يۆلەكسىز تۇرمۇش كەچۈرۈشى مۈشكۈل ئىدى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خاتىرىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ سىر يېشىلدى ،داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم ، شۇنچە شوخ ،شۇنچە غۇبارسىز بىر قىزنىڭ بۇنچە دەرتمەن ،بۇنچە مۇڭلۇق ئىكەنلىكنى ،مېنىڭ نەزىرىمدە قەيسەر كىشىلەرنىڭ ئۈلگىسى بولغان بۇ قىزنىڭ قەلبىنىڭ تولىمۇ نازۇك ئىكەنلىكنى ،ئۇنىڭ ئۆزىنى قىيناپ تۇرغان دەرتلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ يۇرتتىن،ئائىلىسىدىن،ئۆيىدىن ،بىزدىن ئايرىلىپ كەتكىنىنى چۈشەندىم . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۇ بىرنى ياخشى كۆرگەن ئىكەن ،لېكىن ئۇ قىزلىق غۇرۇرى ۋە ئىزززەت ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ سىرنى قەلبىدە ساقلاپتۇ . چۈنكى ئۇ يىگىت ئاللىقاچان باشقا بىرىنى كىشىلىك تۇرمۇش مۇساپىىدە ھەمرا قىلىپ تاللىۋالغان ئىكەن .دىلبەر ئۇلارغا بەخىت تىلەپتۇ ۋە ئۇنى ئۇنتۇشقا تىرشىپتۇ ،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى يىگىت ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپتۇ ،ئۇلار دوس بولۇپ قاپتۇ ،يىگىت مۇشۇ شەھەرلىك بولۇپ بىز دىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇيدىكەن .يىگىت ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپتىن كېتىپ كۆپ ئۆتمەي دىلبەرنى ئىزلەپ كىلىپ ئۆزىنىڭ تويغا قوپقىلىۋاتقىنىنى ئېيتىپتۇ .دىلبەرمۇ چاندۇرماي ئۇلارغا بەخت تىلەپتۇ .خوشلىشىش ئالدىدا يىگىت ئۇنىڭدىن بىر پارچە رەسىم تەلەپ قىپتۇ ۋە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ دىلبەر سىز بىلەن تونۇشقىنىمغا بەكمۇ پۇشايمىنىم بار ،نېمىشقىمۇ بىر شەھەردە تۇرۇپ بىر يىل ئاۋۋال ئۇچرىشالمىغاندىمىز ؟تۇرمۇشۇمنى ۋەيران قىلدىڭىز ، سىزنى ھەر كۆرسەم يۈرىكىمنىڭ قانچىلىك بىئارام بولىدىغىنىنى سىز بىلەمسىز ؟ ياق،سىز بىلمەيسىز ،سىز پەقەت شوخلۇق ۋە ئوقۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىر كىچىك بالىسىز ،سىزدىن ئۆتۈنەي مەندىن يىراقراق ياشاڭ ،بولسا يىراقلار كېتىڭ ،مېنى ئارامىمدا ياشىغىلى قويۇڭ دەپتۇ .

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


دەل يىگىت توي قىلغان كۈنى دىلبەر چىرايلىق ياسىنىپ ئۇنىڭ تويىغا قاتنىشىپتۇ ۋە بىر كۈن ئاجايىپ قەيسەرلىك كۆرسىتىپتۇ .لېكىن سىرتىدىن شۇنچە قەيسەر كۆرىنىدىغان كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئەمەلىيەتتە تولىمۇ ئاجىز ۋە نازۇك كېلىدىكەن ،دىلبەر گە تۇنجى مۇھەببەتتىكى بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر بەك ئېغىر كەپتۇ ۋە ناتونۇش مۇھىتتا ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدا ھەممىنى قايتا باشلاش ئۈچۈن ئۆزى تەلەپ قىلىپ باشقا ناھىيىگە كېتىپتۇ .ئۇ خاتىرسىنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق دەپ يېزىپتۇ :" ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەممسى مېنى شوخ ۋە قەيسەر دەپ ھەۋەس قىلىشىدۇ لېكىن ئۇلار بۇ شوخ قەلبنىڭ قانچىلىك ئېغىر غەملەرنى يوشۇرۇپ تۇرغىنىنى ،ئۆزى خا لىغا ن تاللىغان يولدا مېڭىش ئۈچۈن قانچىلىك تېپىچەكلەۋاتقىنىنى چۈشەنمەيدۇ،چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى بىر ئادەمنىڭ سىرتقى قىياپىتى ،20 نەچچە يىللىق ھاياتىمدا مەن ئاتا-ئانام سىزىپ بەرگەن سىزىقنى بويلاپ مېڭىپ غەلبە بىلەن ياشاپ كەلدىم ،.ئۇلار مەندەك قىزىدىن پەخىرلەندى ،لېكىن مەن ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن،نېمىشقىمۇ ئاددى بىر ئائىلىدە ،مۇستەقىل ياشايدىغان بىر قىز بولۇپ قالمىغاندىمەن دەپ زارلىنىمەن.ئەگەر مېنىڭ شارائىتىم باشقىلاردا بولغان بولسىدى ئۇلار مەندىنمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ،مەندىنمۇ ياخشى ياشىغان بولاتتى .ئاتا-ئانام مېنى ئەزەلدىن ماددى جەھەتتىن ھەر قانداق نەرسىدىن قىسقان ئەمەس،لېكىن ئۇلار مېنىڭ قەلبىمنى قاغجىرىتىۋەتتى ،مېنى مۇستەقىل ياشىيالماس ،باشقىلارغا تايانماي ئۆرلىيەلمەس قىلىپ قويدى،مەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن،ئۇلار مەن ئۈچۈن بارلىقنى بېغىشلىدى ،مەن ۋاپادار پەرزەنت بولالمىدىم ،لېكىن مەن كۆپ ئۆتمەي قايتىپ كېلىمەن،چۈنكى ھاياتىمدا ئائىلەم ۋە دوستلۇقۇمدىن بۆلەك ئەزىزلىگۈدەك ھېچنەرسەم يوق .مەن تېزلا قايتىپ كېلىمەن،مەن سۆيگەن شۇ يىگىتكىمۇ رەھمەت،ئۇ ماڭا ئۆزۈمنى يەنە بىر رەت تونۇتۇپ قويدى ،مەن ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك بەخىت تىلەيمەن،شۇنداقلائۇنىڭ بەختلىك بولالمايدىغىنىغىمۇ ئىشىنىمەن"دەپ يېزىپتۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

9 يىل ئەتراپىدا يۈرگەن ،ئىشقىدا ئوت-كاۋاپ بولۇپ يۈرگەن بۇ غەمسىز قىزنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيدىغىنىمنى ،ئۇنىڭ شۇنچە دەرتلەتنى بىر ئۆزى يالغۇز بىلىپ كەلگىنىنى ئويلاپ يۈرىكىم ئېچىشتى،يىراقلاردا ئانىسىدىن ئايرىلغان قۇلۇندەك مىسكىن بۇ گۈزەلنىڭ ھەسرىتى ئۈچۈن ئېچىنغۇم كەلدى ،ئىسىت دىلبىرىم !

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس