app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

سۆڭەك سۇنغاندا شورپىنى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك

ۋاقتى:2014-02-08 10:40مەنبە: يوللىغۇچى:مۇھەممەد چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

كىشىلەر ئادەتتە سۆڭەك سۇنغاندىن كېيىن شورپىنى كۆپ ئىچىپ بەرسە سۆڭەك تىز تۇتىدۇ ، دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بۇ قاراش ئىلمىي ئەمەس . شورپىنىڭ تەركىبىدىكى كالتىسىي ، فوسفور ئادەم بەدىنىدىكى سۆڭەكنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى . لېكىن سۆڭەكنىڭ سۇنۇشى ھەرگەىز فوسفور ۋە كالتىسىينىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىقمايدۇ . سوڭىكى سۇنغان بىمارلار شورپىنى كۆپ ئىچسە ، سۆڭەكنىڭ  تۇتىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولمايلا قالماستىن ، ئەكسىنچە تۇتىشىغا تەسىر يەتكۈزىشى ھەتتا باشقا خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . ئىسپاتلىنىشىچە ، سۆڭەك سۇنغاندىن كېيىن ، سۆڭەك سۇنغان جايدىكى كالتىسىي تۇزى قانغا ‹‹ قېچىپ ›› بېرىۋالىدۇ : سوڭىكى سۇنغان بىمارلارنىڭ ئۇستىخانلىرىدا كالتىسىيسىزلىنىش يۈز بېرىپ ، نۇرغۇن كالتىسىي سۆڭەكتىن ‹‹ قېچىپ ›› قانغا بېرىۋالىدۇ . بىمار بۇ ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا شورپا ئىچسە ، قاندىكى كالتىسىينى كۆپەيتىپ ، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن . شورپىنى كۆپ ئىچىش يەنە سۆڭەكتىكى ئورگانىك ۋە ئانئورگانىك تەركىبلەرنى كۆپەيتىۋېتىپ ، سۆڭەكتىكى ئورگانىك ۋە ئانئورگانىك تەركىبىنىڭ نىسپىي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ قويىدۇ ھەمدە شۇ سەۋەبتىن سۆڭەكنىڭ تۇتىشى ئۇزىراپ كېتىدۇ . بۇندىن  باشقا ، مايلىق شورپىنى كۆپ ئىچكۈزسە ھەتتا ھەزىم قىلىش راۋان بولماسلىق ياكى ئىچى سۈرۈپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بۇ باشقا ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى قاندىكى ماينى كۆپەيتىۋېتىدۇ ، بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق .

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]


مەنبە : ساغلاملىق سوۋغىسى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس