ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق چوڭلار ۋە بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئورتاق ئەھۋال بولۇپ،ئادەتتىكى ئەھۋالدا بەش ئايلىقتىن1.5ياشقىچە بولغان بالىلاردا ئاسانلا پەيدا بولىدۇ،شۇڭا،بوۋاقلارغا بولۇپمۇ بالىدۇر تۇغۇلغان ئورۇق بالىلارغا ھەم قوشكېزەك بالىلارغا ۋاقىتىدا تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش كېرەك،تەركىبىدە ۋىتامىن C،لىمون كىسلاتاسى مول يېشىل يېمەكلىكلەردىن ئاپېلىسىن،ماندارىن،لىمون،چىلان،پەمىدۇر قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك،تەركىبىدە ئاقسىل مول بولغان ھايۋانات گۆشى بىلەن تۆمۈر ماددىسى بار يېشىل يېمەكلىكلەر قوشۇپ يېيىلسە،تۆمۈرنىڭ سۈمۈرلۈشنى ئىلىگىرى سۈرىدۇ،بېلىق ەۆشى ئاسان ھەزىم بولغاچقا،تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ،بالىلارغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېمەكلىك،قورۇمىنى تۆمۈر قازانالردا قورۇشىمۇ بىر ياخشى ئادەت،
دادۇر ۋە تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىمۇ تۆمۈر ماددىسى خېلى مول،لېكىن ئۇنىڭ بىئولوگىيىلىك پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن،ئەگەر تەڭپۇڭ تاماقلىنىش ئاساسىدا ئۇنىڭغا تۇخۇم ئېقى،ۋىتامىن Cقوشۇلسا،تاماقتىكى تۆمۈرنىڭ بىئولوگىيلىك پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئوقۇشقا كىرىش ئالدىدىكى بالىلاردا تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان قان ئازلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا تاماقنى ياخشىلاش،تەركىبى تەڭپۇڭ بولۇش،تۆمۈر تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق قوشۇش،تاماقتىن ۋىتامىنCبىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش،تاماق تاللىماسلىق كېرەك،تۆمۈر ماددىسى قوشۇلغان ئاش تۇزىنى ئىشلتىش لازىم. copyright by www.iz.la
مەنبە؛(ئىلمي ئوزۇقىلىنش)دېگەن كىتابتىن ئېلىندى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
