ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
سېسىق پۇرايدىغان تەر سېسىق تەرلەش دېيىلىدۇ،بۇ بەدەندە ھۆل ۋە سوغۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى،تەر بەزلىرىنىڭ تەر ئاجرىتىپ چىقىرىشى كۈچيىپ،يەرلىك ئورۇندا بۇزۇق ماددىلار يىغىلىپ چىرىپ،قولتۇق،پۇت،چات،ئەۋرەت ۋە ئەمچەك ئاستى(ئاياللاردا)قاتارلىق ئورۇنلاردا ھەرىكەت قىلىغاندىن كېيىن سېسىق تەرلەش روشەن ئىپادىلىنىدۇ.
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
داۋالاش؛
ئىز تورى www.iz.la
1.ماش بىر ئوچۇم،سېرىقېچەك ئۇرۇقى ۋە گۈلى بىر سىقىمدىن،پىننە ياغىچى بىر ىسىقىم،چىغرتماق يىلتىزى بىلەن يوپۇرمىقى بىر سىقىمىنى قاينىتىپ سۈزۈپ،دورا سۈيىدە بەدەن،بولۇپمۇ تەر كۆپ چىقىدىغان ئورۇن يۇيۇپ بېرىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2.زەمچە بىر چىمدىم،قىزىلگۈل بىر ئوچۇم،سۇمبۇل بىر ئوچۇم قاتارلىقالرنى يۇمشاق سوقۇپ،ئۇندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ كۆپ تەرلەيدىغان ئورۇنغا سېپىلىدۇ. www.iz.la
3.ئانارگۈلى بىر ئوچۇم،قىزىلگۈل بىر ئوچۇم،زاراڭزا چېچىكى بىر ئوچۇم ۋە بېھى بىر دانە،بۇلارنى ئىككى چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ،سۈزۈپ،گۈل يېغى ياكى كۈنجۈت يېغىدىن ئىككى قوشۇق قوشۇپ،سۈيى ھورغا ئايلىنىپ مېيى قالغىچە قاينىتىپ،سىرتتىن سۈرتۈشكە ئىشلىتىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
4.كەرەپشە سۈيى ئىككى قوشۇق،قىزىلگۈل سۈيى ئىككى قوشۇق،سىركە بىر پىيالە،ئارىلاشتۇرۇپ بەدەنگە سۈرتۈلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
5.ئاچچىقسۇ بىر پىيالە،لاچىندانە بىر ئوچۇق،قوۋزاقدارچىن بىر ئوچۇم،گۈلدارچىن بىر ئوچۇم،پىننە بىر ئوچۇم،رەيھان ياغچى بىر ئوچۇم قاتارلىقالرنى قاينىتىپ،قول كۆيمىگۈدەك ھالەتتە تەرلەيدىغان ئورۇن يۇيۇپ بېرىلىدۇ. copyright by www.iz.la
6.ئالما سۈيى ئىككى قوشۇق،تۇرۇپ سۈيى ئىككى قوشۇق،قىزىلگۈل سۈيى ئىككى قوشۇق،گۈل يېغى بىر قوشۇق،كۈنجۈت يېغى ئىككى قوشۇق قاتارلىقلارنى سۇس ئوتتا قاينىتىپ،سۈيى تۈگەپ يېغى قالغاندا سۈزۈپ ئېلىپ،يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈلىدۇ،سىركە ۋە شېكەردىن شەربەت قاينىتىلىپ،كۈندە ئىككى ۋاخ بىر پىيالىدىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. www.iz.la
7.گۈرۈچ بىر پىيالە،ماش بىر سىقىم،يۇمغاقسۈت بىر ئوچۇم،چىلان ئون دانە،پىننە بىر ئوچۇم قاتارلىقلار قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. www.iz.la
8.بېھى ئۇرۇقى بىر ئوچۇم،پاقيوپۇرمىقى ئۇرۇقى بىر ئوچۇم،كاللەكبەسەي سۈيى ئىككى قوشۇق،دورىلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ بەدەنگە چېپىلىدۇ.
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
9.كاسىنە ئۇرۇقى بىر ئوچۇم،يۇمغاقسۈت بىر سىقىم،چىلان ئون دانە،شاتۇت بەش دانە،ئانار ئۇرۇقى بىر ئوچۇم قاتارلىقلارنى چىلاپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
10.زەمچە بىر چىمدىم،بىر دانە ئانارنىڭ قورۇلغان پوستىنى يۇمشاق سوقۇپ،ئۇپا ھالەتكە كەلتۈرۈپ،ياڭيۇ يالپىقىدىن ئىككىگە سېپىپ بەدەنگە سۈرتۈلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛(100كېسەلگە1000رېتسىپ)دېگەن كىتابتىن ئېلىندى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
