ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
يېزىلاردا كۆپ ھاللاردا بەزى كىشىلەرنى ھاشارەتلارنىڭ چېقىۋېلىشى سەۋەبىدىن يۈز – كۆزلىرى ۋە پۇت – قوللىرىنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز . ئەگەر چايان ( سېرىق ئېشەك ) ، ھەرە ( ھەسەل ھەرىسى ) ، چۈمۈلە ۋە سەكسەنپۇت قاتارلىق ھاشارەتلەر چېقىۋالسا ، جاراھەتنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، دەرھال يارىلانغان جاينى چىڭ چىمداپ تۇرۇش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېزلىك بىلەن شۇلتا سۈيى ، ناترىي كاربونات ئېرىتمىسى ياكى سوپۇن سۈيى قاتارلىقلارنى سۈرۈش لازىم . شۇ ئارقىلىق كىسلاتا بىلەن ئىشقارنىڭ نېيتراللىشىش تەسىرى بىلەن ئەسلىدىكى زەھەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ . copyright by www.iz.la
كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا قۇرت – قوڭغۇزلارنىڭ چېقىۋېلىشىدىن ئاسانلىقچە خالى بولالمايدۇ . ئەگەر داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان دورىلار بولسىمۇ ، لېكىن بىز تۆۋەندە يەنە بەزىبىر ئاددىي داۋالاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز .
1. سەكسەنپۇت چېقىۋالغاندا ، تۇڭگۇ دەرىخى گۈلىنى سوقۇپ چاپلىسا ئاغرىق دەرھال پەسىيىدۇ .
2. سېرىقئېشەك چېقىۋالغاندا ، تۇڭگۇ دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن بىر پارچىنى ئېلىپ چاپلىسا ئاغرىق پەسىيىدۇ ؛ ئازراق كىرسىن بىلەن شۇلتىنى ( ئىشقار ) تەڭشەپ ، شۇ جايغا سۈركەپ بەرسە ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى
3. ھەسەل ھەرىسى چېقىۋالغاندا ، خىرپىدىن بىر تۇتام ئېلىپ سوقۇپ ، بىر ئىستاكان شىرنە قىلغاندىن كېيىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىۋەتسە ياكى شىرنىسىنى ئېلىۋېتىپ دۇغ قىسمىنى سۈرتۈپ بەرسە ئاغرىق پەسىيىدۇ ؛ ئۆي قاپىقىنىڭ يۇپۇرمىقىدىن بىر باغلىمىنى سوقۇپ ، شۇ يەرگە چاپلىسىمۇ دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ . بۇندىن باشقا يەنە كۈندە بىر ئىككى تالنى ئېزىپ شۇ يەرگە چاپلىسىمۇ بولىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
4. سېرىق ھەرە چېقىۋالغاندا ، كېۋەزنىڭ يوپۇرمىقىنى سىقىپ ، سۈيىنى قىچا يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ سۈرتۈپ بەرسە ياكى شاپتۇل يوپۇرمىقىدىن بىر باغلامنى ئېزىپ ئۇنى چاپلاپ بەرسە ، ئاغرىق دەرھال پەسىيىدۇ . ئىز تورى www.iz.la
5. ئۆمۈچۈك چېقىۋالغاندا ، خام زەنجىۋىلنى سوقۇپ ، ئۇنىڭ سۈيىنى قىچا يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ سۈرتۈپ بەرسە ياكى شاپتۇل يوپۇرمىقىدىن بىر باغلامنى ئېزىپ ئۇنى چاپلاپ بەرسە ، ئاغرىق دەرھال پەسىيىدۇ .
6.زۈلۈك چېقىۋېلىپ قان توختىمىغاندا ، بامبۇك دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلنى ئاغرىغان يەرگە سېپىپ بەرسە ، ئاغرىق پەسىيىدۇ .
7. ئىت چىشلىۋالغاندا قارىمۇچنى ئېزىپ يارا ئاغزىغا سەپسە ئاغرىق پەسىيىدۇ . بۇندىن باشقا يەنە خام زەنجىۋىلدىن بىر مىسقال، قارا شېكەردىن بىر مىسقال ئېلىپ ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئېزىپ جاراھەتلەنگەن جايغا چاپلىسا دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ .
copyright by www.iz.la
8. ئات تېپىۋەتكەندە ، قامچىئوتنى كۆيدۈرۈپ ، ئاندىن كۈنجۈت يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ سۈرتسە ، ئاغرىق پەسىيىدۇ .
9. مۈشۈك مورلىۋالغاندا ، خېنە گۈلىنى ئېزىپ سۈيىنى مورلانغان يەرگە سۈرتۈپ بەرسە ياكى يالپۇزنى يانجىپ سۈيىنى سۈرتۈپ بەرسە ، ئاغرىق پەسىيىدۇ .
ئىز تورى www.iz.la
مەنبە : ساغلامىلق سوۋغىسى
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
