ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشى ۋە باشقا سەۋەپلەرنىڭ يۈرەك، قان تومۇر سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئەتراپ قان تومۇر كېڭىيىش، قان مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش بېسىمى تۆۋەنلەش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە قان تومۇر كېڭىيىپ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئېشىپ كېتىش، قان يوقۇتۇش، ھەزىم ئاجىزلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان، ئولتۇرۇپ قوپقاندا باش قايىدىغان، چىراي تاتىرىش، ئورۇقلاش، ماغدۇرسىزلىنىش بىرگە قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىك. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
داۋالاش:
1-رېتسېپ:
ئون دانە قورۇلغان ياڭاق مېغىزى، بىر ئوچۇم چىلغوزا مېغىزى، بىر سىقىم كۈنجۈتنى ئېلىپ سوقۇپ، كۈندە ئۈچ ۋاخ، گۈلە چوڭلىقىدا ئىستېمال قىلسا قان بىسىمىنى يۇقىرىلىتىدۇ.
2-رېتسېپ:
كۈندە چۈشتە چوغقا كۆمۈلگەن توخۇ تۇخۇمىنى ئاق تۇز بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.
3-رېتسېپ:
ئىككى دانە كەپتەر باچكىسىنى ئىككى چېنە كەلگۈدەك سۇدا پىشۇرۇپ ئۈستىگە قارىمۇچ، پىلپىل، زەنجىۋىل تالقىنىدىن مۇۋاپىق سېپىپ شورپىسىنى ئىچىپ گۆشىنى يەپ بەرسە، قان بىسىمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
4-رېتسېپ:
بىر چېنە تاتلىق ئانار سۈيىگە بىر پىيالە تەرەنجىبىننى ئېرىتىپ، ئۈستىگە بەش تامچە تۇز تېمىتىپ ئىستېمال قىلسا قان بىسىمىنى يۇقىرىلىتىدۇ. www.iz.la
5-رېتسېپ:
قوينىڭ جىگىرىنى ئوتقا پىشۇرۇپ ئۈستىگە ئاقمۇچ، پىلپىل، قارىمۇچ، ئاق تۇز تالقىنىنى سېپىپ يەپ بەرسە، قان بىسىم يۇقىرىلايدۇ
ئىز تورى www.iz.la
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە ؛ توردۇنياسى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
