ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
www.iz.la
ئۇيغۇرلار گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىدۇ . كىيىنىش ۋە ياسىنىشنى گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشنىڭ بىر ئىپادىسى ، ھايات مەنىسى ۋە ھاياتتىن ، تۇرمۇشتىن بەھىرىمەن بولۇشنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ . ئۇيغۇرلاردا باش كىيملىرىگە پەي قاداش ، ئاياغ كىيىملىرىنى نەقىشلەش ، تەڭگىلەر بىلەن زىننەتلەشنىڭ تارىىخى ناھايىتى ئۇزۇن . ئۇيغۇرلار خېلى قەدىمكى دەۋىرلەردىلا پاختا ، يىپەك كىيىم كىيىش باسقۇچىغا كىرگەن . قەدىمكى دەۋىرلاردىلا پاختا ،يىپەك كىيىم كىيىش باسقۇچىغا كىرگەن . قەدىمكى بۇددا غارلىرىدىكى ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەرنىڭ كىيىنىش ، ياسىنىش ئالاھىلىدىكىدىن قارىغاندا ، ئەرلەر ئىچكى ۋە تاشقى كىيىمگە ئەھمىيەت بەرگەن . تاشقى كىيىمگە ئەھمىيەت بەرگەن . تاشقى كىيىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزۇن پەشمەت بولۇپ ،تىزىغا چۈشىدۇ ، پەشمەتنىڭ بېلىدىن پوتا باغلانغان . بېلگە خەنجەر ۋە قىلىچ ئاسقان ھالەتتە كۆرىمىز . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بېلىگە پىچاق ئېسىشى ناھايىتى قەدىمكى دەۋىرلەردىن باشلانغان ئادەت . ئۇيغۇر ئەرلىرى بېشىغا دوپپا ، قالپاق ، تۇرماق قاتارلىق باش كىيىملەرنى كىيىدۇ ،
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ياش يىگىتلەر بۇرۇتىغا تىغ تەگكۈزمەيدۇ .ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئاندىن بۇرىتىنى ياسايدۇ . ئۇيغۇرلاردا ياشنىڭ ، ھايات پەسلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ساقال -بۇرۇتلىرىنىڭ پاسونى ئۆزگىرىپ بارىدۇ ، كىيىم -كېچەكلەرمۇ ياشلارنىڭ ياشلارغا خاس ، ياشانغانلارنىڭ ياشانغانلارغا خاس بولىدۇ . ساقال -بۇرۇت قويۇشنى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ياسىنىشىدىكى بىر ئالاھىدىلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ . شۇڭا ؛<< سۆزىنىڭ كۆركى ماقال ،ئەرنىڭ كۆرىكى ساقال >> دېگەندەك ماقالىلەرمۇ بارلىققا كەلگەن .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئۇيغۇر يىگىتلىرى كەشتە ئىشلىگەن كانۋاي كۆڭلەكلەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ . زەرلىك نەرىسلەرنى كىيمەيدۇ ، قۇلقىغا ھالقا ، قولىغا ئالتۇن ئۈزۈك سالىدىغان ئادەت بار ئىكەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
