ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
نورۇز بايرىمى-ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، جۈملىدىن تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى بايرىمى. نورۇز بايرىمى ھەققىدە ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن پىرۇفېسسۇر ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ۋەزنى سالماق ماقالىلەرنى يازدى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ‹‹نورۇز›› سۆزىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:
نورۇز دېگەن سۆز پارسچە ئاتالغۇ بولۇپ، ‹‹نەۋ››سۆزى بىلەن ‹‹رۇز›› سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان، بۇنىڭ مەنىسى ‹‹يېڭى كۈن، تۇنجى كۈن، يىل بېشى›› دېگەن مەنىلەرنى بىلىدۈرىدۇ. ‹‹نەۋ›› نىڭ مەنىسى ‹‹يېڭى›› دېگەنلكتۇر، ‹‹رۈز›› بولسا ‹‹كۈن›› دېگەن مەنىدە. مەسلەن: ‹‹نەۋ باھار›› سۆزى ‹‹باش باھار›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرسە، ‹‹نەۋ قىران›› دېگەن سۆز ‹‹ياش باتۇر›› دېگەن مەنىنى بىلىدۈرىدۇ. يوقىرىقى ئېزاھاتتا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇكى، ‹‹نورۇز بايرىمى›› دېگەن سۆزنى ‹‹باش باھارنىڭ تۇنجى كۈنى›› ياكى ‹‹باش باھار كۈنى›› دەپ چۈشەنسەك، تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا يېڭى يىل بايرىمى كۈنى دەپ چۈشەنسەك خاتا بولمايدۇ. ‹‹نورۇز بايرىمى›› نىڭ كېلىپ چىقىشى قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ، جۈملىدىن تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندىكى تەبىئەتكە بولغان قارىشى، ئاستۇرنۇمىيلىك چۈشەنچسى، ئىپتىدائىي تۇرمۇشى، دىنى ئېتىقادى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئوسۇلى ھەم ئادەتلىرى، روھى ھالىتى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تەتقىقاتچىلار ‹‹نورۇز بايرىمى›› نىڭ مەيدانغا كەلگىنىگە 3000-4000 يىل بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىدۇ، ‹‹نورۇز بايرىمى›› يىراق قەدىمكى زامانلاردا غەربتە ئىران ئىگىزلىكىدىن شەرقتە گەنسۇغىچە، جەنۇپتا تارىم ئويمانلىقىدىن شمالدا ئۇرال تاغىلىرىغچە بولغان كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىدىكى خەلقلەر ئارىسىغا تارقالغان. يوقىرىدا ئېيتلغاندەك، قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئاستىرونومىيىلىك چۈشەنچسى، ئىپتىدائي تۇرمۇشى، دىنى ئېتىقادى، تەبىئەت قارىشى، ئوۋچىلىق - چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق ئىشلەپىچىقىرىش ئادەتلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولغان. ‹‹نورۇز بايرىمى›› نىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە كونكىرت توختالغىنىمىزدا يىراق قەدىمكى زامانلاردا كىشىلەرنىڭ دەسلەپكى ئاستىرونومىيەلىك چۈشەنچسى بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ئىپتىدائىي كالىندارچىلىقنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەبىئەتكە نىسبەتەن 4 پەسىل ئۇقۇمىنىڭ شەكىللنىشى چوقۇنۇش، ئېتىقاد نوقتىسدا ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇش ‹قوياش، ئاي، يۇلتۇرلار›، يەر زېمىنغا چوقۇنۇش ‹يەرگە، ئورمانغا، دەريا-ئېقىنلارغا› ھايۋانلارغا چوقۇنۇش ‹بورە، يولۋاس، بوقا قاتارلىقلارغا›، ئۇچار-قۇشلارغا ‹بۈركۈت، قارچۇغا قاتارلىقلارغا› چوقۇنۇش ئېتىقادىنىڭ شەكىللىنىشى، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپىچىقىرىشىدا مال-پادىلىرىنىڭ تۆللەپ ئاۋۇيدىغانلىقىغا، ئوۋچىلىق غەنىيمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىغا، دېھقانچىلىق ئىشلەپىچىقىرىشىدا باھار پەسلىدە تېرىلغۇنى ياخشى باشىليالايدىغانلىقىغا، كۈزلۈك مول-ھۇسۇلغا ئاساس سالالايدىغانلىقىغا سۆيۈنۈش، ئىجىتمائىي موناسىۋەت نوقتسىدىن ئېيتقاندا ئورۇق ئەزالىرى ياكى قەبىلە جامائەتچىلىكنىڭ بىر يەرگە تولۇق جەم بولۇپ يېڭى بىر يىلدىكى خۇشاللىققا تەنتەنە قىلىپ موراسىم ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقى، تۇرمۇش جەھەتتە ئەر-ئايال ياش-قېرى، چوڭ-كىچىكلەر ئىناق ھالدا جەم بولۇپ بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچالايدىغانلىقى قاتارلىق زۆرۈرىيەتلەرگە تۈرتكە بولغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
‹‹نورۇز بايرىمى›› ئىسلام دنى ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلشتىن خېلى ئىلگىرىلا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئارسىدا كەڭ تارقىلىپ ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى بايرامغا ئايلانغان. چارۋىچىلىق ئىشلەپىچىقىرىشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يايلاق قوغلىشىپ كۆچمەنچىلىكنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق داۋاملىشىشى، رايۇنلار بىلەن رايۇنلار، خەلقلەر بىلەن خەلقلەر ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ ئۈزلىكسىز قويۇقلىشىشى ‹‹نورۇز بايرىمى›› نىڭ شەھەرلەردىن يېزا - قىشلاقلارغىچە، ئاۋات، گۈللەنگەن جايلاردىن چەت-خىلىۋەت يەرلەرگىچە بولغان كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا ئوموملىشىشىغا تۈرتكە بولغان. مىلادىيە 840-يىلدىن كېيىن موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدىن غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار تەدرىجىي ھالدا شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىگە ئايلاندى. شۇنداقلا غەرپتە بالاساغۇن ۋە قەشقەرنى، شەرقتە تۇرپان بىلەن گەنجۇنى مەركەز قىلغان مىللى مەدەنىيەتنى ياراتتى. ئىسلام دىنى شىنجاڭدا 10-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە تارقىلىش ۋە ئومۇملىشش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. ئىسلام دىنى موھىتى قويۇق بولغان شارائىتتىمۇ نەچچە يۈز يىللار مابەينىدە خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قارا شەھەر، تۇرپان، قومۇل قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلشىپ ئولتۇراقلاشقان چوڭ يۇرتلاردا ‹‹نورۇز بايرىمى›› نى ئۆتكۈزۈش داۋاملىشپ كەلدى. قوربان ھېيىت، روزى ھېيىت ئايەملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىغا ئايلانغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ‹‹نورۇز بايرىمى›› يوقاپ كەتمىدى، ئەكىسچە نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىۋى مىللى بايرام سۈپىتىدە ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملاشتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۈگۈر تارىخىدىن ئېيتقاندا 1730-يىللاردىن 1750-يىللارغىچە بولغان ۋاقىت ئىچدە چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپلىڭى، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىشى ۋە ھەر خىل تەبىئي ئاپەت قاتارلىق خىلمۇ-خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈرنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كېمىيىپ كەتكەن، غەربكە ‹كۇچا›، شەرققە ‹قارا شەھەر، تۇرپان› كۆچۈپ كەتكەنلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ بولغان. شۇڭا شۇ مەزگىللەردە بۈگۈر ئادىمىزاتسىز ھالەتكە بېرىپ قالغان. 1759-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى جۇڭغارلارنى يوقۇتۇپ، شىنجاڭنى تولۇق بويسۇندۇرغاندىن كېيىن تىنچ، موقىم بولغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. 1760-يىللىرى چىڭ سۇلالسى ئېلىغا ۋە بۈگۈر، كورلا، قارا شەھەر قاتارلىق جايلارغا خوتەن، قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنى تۈركۈملەپ كۆچۈرگەن. شۇ مەزگىللەردە 1-تۈركۈمدە بىر قانچە يۈز ئائىلىلىك دولان ئۇيغۇرلىرى بۈگۈرگە كۆچۈرۈلگەن. 2-تۈركۈمدە يەنەبىر قانچە يۈز ئائىلىلىك ئۇيغۇرلار بۈگۈر، يېڭسار، چېدىر، ئەشمە قاتارلىق رايۇنلارغا كۆچۈرلگەن. ئۇلار ھازىر بۈگۈردە ياشاۋاتقان يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەنلەر ھېساپلىندۇ. دېمەك، بۈگۈرنىڭ قايتىدىن يۇرت بولۇپ شەكىللىنش تارىخى يېقىنىقى 250 يىللىق ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا بۈگۈردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك خۇسۇسيەتنى شەكىللەندۈرۈشى نىسبەتەن ئاجىز، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن بولغان ئورتاقلىقى كۈچلۈك ھېساپىلىندۇ. يەنى ئۆرپ-ئادەت، پىسخىكا، سەنئەت، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئادىتى، تىل شىۋىسى قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىك خۇسۇسىيەت ئاجىز ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
بۈگۈردە ‹‹نورۇز بايرىمى›› يېقىنقى 200 يىلدىن بويان كىچىك كۆلەمدە، تار دائىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزۈش يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئاساسلىقى نامراتلىق، قالاقلىق، ئېزىش-ئېزىلىش مۇناسىۋېتىنىڭ ئېزېلمەي داۋاملىششى قاتارلىقلارغا چېتىلدۇ. 1949-يىلى دۆلىتىمىز ئازات قىلىنغاندىن كېيىن بۈگۈردىكى ئۇيغۇرلارمۇ قەد كۆتەردى. ئازات زاماندا بەختىيار ياشاشقا قەدەم قويدى. 1987-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستقلىشى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم ‹‹نورۇز بايرىمى›› ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر-ناھىيەلىرىدە‹‹نورۇز بايرىمى›› ئۆتكۈزۈلۈپ، ئومۇملۈشۈشقا يۈزلەندى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2000-يىلى بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىتقلىشى بىلەن 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يېڭسار بازىرىدا ‹‹بۈگۈر ناھىيەلىك تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقان-چارۋىچىلار نورۇز بايرىمى›› ئۆتكۈزۈلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر قايسى يېزا –بازارلاردا نوۋەت بىلەن ‹‹ نورۇز بايرىمى›› ئۆتكۈزۈلدى. ‹‹نورۇز بايرىمى›› ئۆتكۈزۈشتە ھەر قايسى يېزا-بازارلار تەلەپ قىلىش، ھەر يىلى بىر يېزا ياكى بازاردا بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش، رەسمىيەتنى ئۆتەشتە نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچى ئورۇن نورۇز گىربىنى كېلەر قېتملىق نورۇز بايرىمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى زىممىسىگە ئالغان يېزاياكى بازارنىڭ باشلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ھەر قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلۈپ، تەشىكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى پۇختا ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، مەبلەغنى قاتلاممۇ-قاتلام ئەمىلىلەشتۈرۈش ئىشلىرىنىمۇ ئەستايىدىل يولغا قويدى. ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارسى ھەر قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە كەسپى جەھەتتىن ياخشى يېتەكچلىك قىلدى. ھەر قېتملىق نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنى زىممىسىگە ئالغۇچى يېزا ياكى بازار نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىقتسادى راسخۇدى، مەيدان، شەرت-شارائىت، ئارقا سەپ تەييارلىقى، بىخەتەرلىك قاتارلىق ھالقىلارنى ماسلاشتۇرغان ھالدا ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ساھىپخان يېزا ياكى بازاردىن باشقا نورۇز بايرىمىغا قاتناشقۇچى يېزا-بازارلار ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاش، ئىشتىن سىرتقى سەنئەتچىلەرنى تەشىكىللەپ يېتىشتۈرۈش، ئەنئەنىۋى مىللى تەنتەربىيە تۈرلىرىگە تەييارلىق قىلىش تەنھەرىكەتچىلەرنى چېنقتۇرۇپ يېتىشتۈرۈش، سەنئەت ئەترىتى ۋە تەنتەربىيە كوماندىلىرىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ يېتەرلىك مالىيە كۈچى، ئادەم كۈچى ئاجراتتى. سىياسى قانۇن كومىتېتى، سەھىيە ئىدارىسى، پەن-تېخنىكا ئىدارىسى، قانۇن تەشۋىقاتى، تىببى بىلىملەر تەشۋىقاتى، پەن-تېخنىكا تەشۋىقاتى ئېلپ باردى. ھەر قايسى ئىدارە ئورگانلار، ئىجىتمائىي تەشىكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ ساھەلىرى بويىچە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
ئىز تورى بەك ياخشى
10 نەچچە يىل مابەينىدە نورۇز بايرىمىنى ئۈزۈلدۇرمەي ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نورۇز بايرىمى دىگەن ئۇقۇم خەلق ئاممىسىنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر سىىدۈرۈلدى. بۇ جەرياندا ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرىنىڭ سۈپىتى يىلدىن-يىلغا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. تەنتەربىيە تۈۇرلىرىگە بولغان قىزغىنلىق داۋاملىق ئېشىپ باردى. نورۇز بايرىمىنىڭ تەسىرى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئونىۋېرسال تەرەققىياتىنى نامايەن قىلىدىغان پۈتكۈل ناھىيە خاراكتىرلىك چوڭ كۆرەككە ئايلاندى. ئۇيۇشۇشچانلىقنى، كوللىكتىۋىزملىقنى، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى، ئىناق، باياشات ۋەزىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان خەلق ئاممىسىنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتىدىغان، جۇشقۇن، داغدۇغىلۇق، كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى خاراكتىرلىك چوڭ پائالىيەت بولۇپ قالدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە..........كىتاپ
