ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
1. نورۇز ئېشى ئېتىش ئۈچۈن كېتەرلىك خۇرۇچلار ( 10 كىشىلىك ) بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
قوي قوۋۇرغا گۆشى 1كىلو ، قوي باڭزىسى 2 دانە ، قوينىڭ لوق گۆشى 300 گرام ، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇغداي 1كىلو ، كۆكباش قوناق 200گرام ، نوقۇت 200 گرام ، گۈرۈچ 100 گرام ، كۆكپۇرچاق 100گرام ، ماش 100 گرام ، تېرىق 100گرام ، ئارپا 100گرام ، قىزىل پۇرچاق 100 گرام .
سۇ ماي 200 گرام ، قىزىلمۇچ 500 گرام، سەۋزە 1باش ، پىياز 1 باش ، پەمىدۇر 2 دانە ، ئاش كۆكى 100 گرام ، چامغۇر 500 گرام ، تۇرۇپ 200 گرام ، زەنجىۋىل 50 گرام ، سامساق 100 گرام ، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تۇز يېتەرلىك ، ئاچچىقسۇ 100 گرام ، قېتىق 50 گرام ، ئاقمۇچ 20 گرام ، شېكەر 30 گرام
2. تەييارلاش جەريانى : ئىز تورى بەك ياخشى
1. 6 سائەت بۇرۇن بۇغداي ، پۇرچاق ، نوقۇت ، ئارپا ، تېرىق ، ماش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم -ئايرىم قاچىغا سېلىنىپ يۇيۇلغاندىن كېيىن ئىلمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ . كۆكتاتلار پاكىز يۇيۇلىدۇ.
2. بىر چوڭ قازانغا قوۋۇرغۇلۇق گۆش بىلەن باڭزىلار سېلىنىپ يېتەرلىك سۇ ( 10 كىلو ) قۇيۇلۇپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈگى ئېلىنغاندىن كېيىن ، ئوت پەسلىتىلىپ سۇس ئوتتا گۆش پىشقىچە قاينىتىلىدۇ . ئاندىن قوۋۇرغۇلۇق گۆش سۈزىۋېلىنىپ 10 بۆلەككە بۆلىنىدۇ .
3. شورپا قايناۋاتقان ۋاقىتتا ، سەۋزە ، چامغۇر ، قىزىلمۇچ ، پەمىدۇر ، تۇرۇپلار كىچىك چاسا شەكىلدە توغرۇلۇدۇ ، سامساق ، پىياز ، زەنجىۋىللەر چانىلىدۇ ، ئاشكۆكى 2 سانتا ئۇزۇنلۇقتا توغرۇلىدۇ . لوق گۆش ئۇششاق چاسا شەكىلدە توغرۇلىدۇ ئىز تورى www.iz.la
4. قازاندىكى شورپىغا چىلانغان بۇغداي قاتارلىقلار ۋە گۈرۈچ ، چامغۇر ، سەۋزە ، تۇرۇپ قاتارلىقلار سېلىنىپ بوش ئوتتا قاينىتىلىدۇ ، قازاننىڭ تېگىگە تارتىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پات - پات ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىشى كېرەك . ئىز تورى بەك ياخشى
5. يەنە بىر قازاننى ئوتقا قويۇپ ، ماي قۇيۇپ قىززىغاندا توغرالغان گۆشنى سېلىپ قورۇپ ئاقارغاندىن كېيىن ، پىياز ، سامساق ، زەنجىۋىل ، تۇز، قىزىلمۇچ ، شېكەر ، ئاقمۇچ ، ئاچچىقسۇ ، سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ قىيما ( يۈزلۈك ) قىلىنىپ ، تەييار قىلىنىدۇ . ئىز تورى www.iz.la
6 . قازاندىكى بۇغداي قاتارلىقلار پىشقاندا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ، قېتىقنى قۇيۇپ ، قاچىلارغا ئۇسۇلۇپ ئۈستىگە قورۇۋالغان قىيما ۋە ئاش كۆكى سېلىنىدۇ .
copyright by www.iz.la
ئالاھىدىلىكى : بۇ تۈردىكى ، تاجىك مىللەتلىرىنىڭ جەم بولۇپ باھارنى كۈتىۋېلىشتا ئىستىمال قىلىدىغان كاتتا تامىقى بولۇپ ، بۇنىڭ خۇرۇچلىرى كۆپ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ، تۇزلۇق ، تاتلىق ، ئاچچىقچۈچۈك ، مەززىلىك ، پۇراقلىقتىن ئىبارەت ھەممە تەملەر تولۇق. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مەنبە: ئاشپەز بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
