app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

ئەتىگەندە قۇرۇق تاماق يېمەڭ

ۋاقتى:2014-02-05 17:13مەنبە: يوللىغۇچى:مۇھەممەد چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەتىگەندە ئادەمنىڭ ئاشقازان ، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ئىقتىدارى كېچىدىكى تورمۇزلىنىش ھالىتىدىن ئەسلىگە كېلىش ھالىتىدە بولۇپ ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز ، ئىشتىھاسىمۇ ياخشى بولمايدۇ . شۇڭا ، سۇيۇقلۇق مىقدارى كەمچىل بولغان قۇرۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ئەلبەتتە كۆپ يېگىلى بولمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا  بىر كېچە ئۇخلاش ئارقىلىق بەدەندىن ئاز بولمىغان سۇيۇقلۇق سەرىپ بولۇپ ، نىسپىي سۇيۇقلۇق كەملەش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭلاشقا ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ، سۇيۇقلۇق مىقدارى يۇقىرىراق بولغان تاماقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ ، بەدەندىكى سۇيۇقلۇق  كەملەش ھادىسىسىنى تولۇقلاش لازىم .

copyright by www.iz.la


ئەتىگەندە سۇيۇقلۇق مىقدارى يۇقىرىراق تاماقلارنى يېگەندە يەنە بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرغىلى ، قان تومۇرلانى كېڭەيىكىلى ، قاننىڭ سۇيۇقلۇق مىقدارىنى تولۇقلىغىلى ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ ھەم بەدەندىكى ماددىلارنىڭ  كونا بىلەن يېڭىسىنىڭ ئالمىشىشى تېزلىشىپ ، روھلۇق ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
copyright by www.iz.la

مەنبە : ساغلاملىق سوۋغىسى

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس