app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

ئاماننىساخاننىڭ سەھرادىكى يۇرتى توغرىسىدا

ۋاقتى:2014-02-04 19:49مەنبە: يوللىغۇچى:ئىكرام چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 ئاماننىساخاننىڭ يۇرتى توغۇرلۇق ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر مەۋجۇت .

www.iz.la

    تەتقىقاتچىلار ئاماننىساخان مەكىت ناھىيەسىنىڭ غازكۆل يىزىسى قۇمۇش مەھەللە كەنتىدىن دېيىشمەكتە . بۇ قاراشنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا تۈرۈتكە بولغان سەۋەبلەر ؛ ئىز تورى www.iz.la

   ( 1 ) << تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن >> دىكى << سۇلتان ئۆز ۋەزىر ، ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەختى يەكەندىن ئاتلىنىپ ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ تەرىك ماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە نەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى . سۇلتاننىڭ كېچىللىرى دېھقانچە ئاددى كىيىملەرنى كىيىپ قونۇچى ، مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىللىرىدىكى ئۆيلەردە غېرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەلەرگە زۇلۇم - سەتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى . بۇ كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بۇ خارابە ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى . بۇ ئۆي مەھمۇت ئاتلىق ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى . ئاماننىساخان بولسا شۇ مەھمۇتنىڭ قىزى ئىدى . >> ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

     مەلۇم بولدىكى بۇنىڭدا تارىم ، تەرك ماكان ، مەھمۇت ئوتۇنچى ۋە ئەكرەم ئاتلىق ئابدۇرىشىتخاننىڭ مەھرىمى يىزىلغان ، بىراق ئاماننىساخاننىڭ يۇرتى توغۇرلۇق شەپىمۇ بىرىلمىگەن . يۇقۇرىقى ئىسىملار بويىچىلا ئاماننىساخاننىڭ مەھەللىسىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى

    ئىككىنجى سەۋەب ؛ مەكىت ناھىيەسىدىكى خانكۆل ۋە خانناماز دېگەن يۇرت ئىسىملىرى سۇلتان ئابدۇرىشىتخان ئوۋ قىلىشقا كەلگەندە قويۇلغان ھەم ئاماننىساخان ياشىغان جاي << خانىمكۆل >> دەپ ئاتالدى ، دېيىلدى .

ئىز تورى www.iz.la

     بۇ توغرىدا مۇنداق ئىزاھ بېرىمىز ؛ مەكىت ناھىيەسىدە خانكۆل ( ھازىر بىر كەنىت ، بىر سۇ ئامبىرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ  ) ، خانناماز ( ھازىر بىر كەنىت شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ ) دىيىلىدىغان جايلار بار . بۇ ھەقتە قەشقەر ۋىلايەتنىڭ يەر جاي ناملىرى خەرىتىلىك تەركىزىسى >> دە ، خانكۆلگە << بۇندىن تەخمىنەن 100 يىل ئىلگىرى بىر ئەمەلدار بۇ يەردىكى زەيكۆل بويىدا بىر مەزگىل تۇرغانلىقتىن شۇ نام بىلەن ئاتالغان >> دەپ ، خانناماز توغرىسىدا ئېيتىشلارغا قارىغاندا << خان خوجا ئىسىملىك بىر باي ( خان خوجا ئاپپا خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى خوجا يەھيانىڭ ۋە ئۇنىڭ نەۋرىسىنىڭ ھۆرمەت نامى ئىدى . شۇ بولۇشى مۇمكىن _ ئا ) بۇ يەردە ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان >> دەپ چۈشەنچە بىرىلگەن . *

copyright by www.iz.la

     تارىخىي كىتابلاردا 1638 - يىلى ئابدۇللا خان تۇرپاندىن يەكەنگە شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇش ئۈچۈن كېلىۋىتىپ خانكۆلگە كىلىپ قونۇپ ئۆتكەن . خانناماز ئابدۇللاخان ياكى خان خوجىنىڭ ناماز ئوقۇپ ئۆتكەن جايى ، دىيىلگەن ، چۈنكى خانناماز ۋە خانكۆل بۇرۇنقى مارالبىشى يولىنىڭ جەنۇبىي تارمىقى ئۈستىدە ئىدى ( ھازىرمۇ شۇنداق ) . << تارىخىي رەشىدىي >> ( زەيلى ) نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىگۈچى كىشى ئاماننىساخاننى نەزەردە تۇتۇپ << خانكۆل >> نى << خانىمكۆل >> دەپ يازغاچقا ، بۇ ئىش تەتقىقاتچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    ئۈچۈنجى سەۋەب ؛ 1934 - يىلى مەكىت ناھىيەسىدىكى بىر قۇملۇقتىكى توغراق تۈۋىدىن ئەر كىشىنىڭ قەدىمكى يازلىق چاپان ، كۆڭلىكى ، مىس پۇل ، ئوقيا ، ئوقدان . . . قاتارلىقلارنىڭ تىپىلغانلىقى ، << ئۇ نەرسىلەرنى سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ >> دەپ ماتىرياللاردا ئېلان قىلىنىشى تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنە بىر قىتىم يېنىكلىك بىلەن پىكىر قىلىشىغا سەۋەب بولدى .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

     تېپىلغان ئۇ نەرسىلەردە ئۆزگىچە بەلگە ، ئىسىملار يوق بولۇپ ، ھاللىقراق تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى ھەر قانداق كىشى ئىشلەتسە بولىۋىرىدىغان نەرسىلەر ئىدى . نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ << كىيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ تارىخىي ئوچىرىكلىرى >> ناملىق ماقالىسىدىكى << سەئىدنامە >> ناملىق كىتابدىن نەقىل كەلتۈرگەن << شاھ تاتارلىق چوكان سىكىلەك خاتۇن ئامەتلىرى ئاسمانغا ئۆرلەپ رەشىد ئەزەم بىلەن . . .>> ***

www.iz.la

دېگەن جۈملىدىن ئاماننىساخانننىڭ سەھرادىكى يۇرتىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولدۇق . copyright by www.iz.la

   تاتار تارىم دەرياسى ( دەريانىڭ يەكەنگە تەۋە قىسمى ) نىڭ جەنۇبىي قۇملۇق ( تەرىك ماكان قۇملۇقى ) نىڭ غەربىنىڭ شىمالىي بۇرجىكى تەرىپى ئوتتۇرسىدىكى تۆۋەنكى بەش كەنىت ( ھازىرقى بەشكەن بازىرى ) نىڭ غەربىي يۇقۇرقى بەشكەنت ( ھازىرقى ئىگەرچى بازىرى ) ، تاتار ( ھازىرقى قارا سۇ يېزىسى ) قاتارلىق جايلارنىڭ جۇغراپىيلىك نامى بار بولۇپ ، بۇ يۇرىتتا يۇقۇرىقى تاتار ، تۆۋەنكى تاتار ، تاتارىساڭ ، قاتارلىق تاتار ئىسمىغا مەنىداش مەھەللە بار . ئىز تورى بەك ياخشى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    شاھ تاتار ( شاخ تاتار ) بىر كەنىتنىڭ نامى . شۇ يۇرىتتىكىلەر بۇ يەرنى شاھلىق دەپ ئاتىشىدۇ . قوشنا يۇرت ، مەھەللىلەردىكى كىشىلەر << شاخ تاتار >> دېيىشىدۇ . قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جاڭگىل ئەسكى يېزا قارا دۆڭ كىنتى بىلەن يەكەن ناھىيەسىنىڭ قارا سۇ يىزىسى شاپتۇللۇق كەنتى تۇتاشقان جايدىكى ئىسمى يوقالغان شاخ تاتار مەھەللىسى ئاماننىساخاننىڭ سەھرادىكى يۇرتىدۇر . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 شاخ تاتار مەھەللىسى قاغىلىق ناھىيەسى ، يەكەن ناھىيەسى ، پوسكام ناھىيەسى چېگرىسىغا جايلاشقان .

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    شاخ تاتارنىڭ ئەتراپىدىكى قۇملۇق سازلىق ۋە توغراقلىقلاردا توشقان ، ئۆردەك ، كىيىك ، تۈلكە ، قىرغاۋۇل ، ياۋا توڭگۇز ، كەكلىك ، ياۋا غاز ، ئۇقا ، تۇرنا ، بىلىقئالغۇچ قاتارلىق ھايۋان ۋە قۇشلار بار ، مەھەللىنىڭ شىمالىدا تىزناپ دەرياسى ، قىش ، ياز توختىماي ئېقىپ تۇرىدۇ .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   شاھ تاتار ( شاخ تاتار ) مەھەللىسىنى ئاماننىساخاننىڭ سەھرادىكى يۇرتى دېيىشىمىزدىكى سەۋەب ؛ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  1 . نىزامىدىن ھۈسەيىن << سەئىدنامە >> دىن نەقىل كەلتۈرگەن شاھ تاتار مەن ئوتتۇرغا قويغان جايىدۇر . ھازىرقى شاپتۇللۇقتا ياشاپ ئۆتكەن ئابدۇللا ناسىر ( يېقىندا ئۆلۈپ كەتتى ) ، تۇرسۇن تۇردى ۋاقىتلار بولۇشى ياكى سۇلتان ئابدۇرىشىتخان ساقلىغان 1919 - يىلى يىزىلغان بىر ھۆججەتتە << شاخ تاتار كەنتىدىن >> دەپ يىزىلغان ، مەلۇم بولدىكى شاخ تاتار يەكەن ناھىيەسىدىكى شاپتۇللۇق بىلەن قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ قارا دۆڭ كەنتى ئوتتۇرسىدىكى قەدىمىي كەنىت .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 2 . شاپتۇللۇق كەنتى بىلەن شاخ تاتار كەنتى تۇتاشقان جايدا 300 كىۋادىرات مىتىرلىق بىر مەيدان بار ، مەيداننىڭ جەنۇبىي تەرپىدىرەك بەش تۈپ غۇژمەك قاپاق تېرەك بار ( بۇ تېرەكلەر بۇرۇنقى تېرەكنىڭ يىلتىزىدىن كۆكلىگەن ) تېرەكنىڭ شىمال تەرپىدە 7 مىتىر يىراقلىقتا ئاق يانتاق بىلەن چۈمكەلگەن ياغاچ رېشاتكا ئىچىگە ئىلىنغان بەش مىتىر دائىرىدىكى 0.50 مىتىر ئىگىزلىكتە توپا دۆۋىسى بار . بۇ دۆۋۈلۈك شىھىتلىك دىيىلىدۇ . بۇرۇننىسىدا تېرەك يۇمىلاق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىنغان بولۇپ ، بۇ سۇپىدا 70 يىل ئىلگىرى ھەر يىلى ھىجىرىينىڭ ھوشۇر ( مۇھەررەم ) ئېيىدا ( ھىجىرىيە يىلىنىڭ 1 - ئېيى ، يىل بىشى ) خوتەن ، قارىقاش ، قاغىلىق ، پوسكام ، يەكەن قەشقەر ، يېڭسار ، مەكىت ، مارالبىشى . . . . قاتارلىق جايلاردىن ئەر - ئايال مەشھۇر سازەندە ، ناخشىچى ، ئۇسۇلچىلار سازلىرىنى ئېلىپ كىلىشىپ ئۆگەنگەن ، ئىجاد قىلغان سەنئەت نومۇرلىرىنى بىر ئاي كۆرەك قىلىشقانئىكەن . بۇ پائالىيەت ھەر يىلى ھوشۇر ئېيىدىلا ئېلىپ بىرىلغان . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   دېمەك ، بۇ سەنئەت ئالماشتۇرۇش پائالىيتىنىڭ قەرەللىك ، دائىم ئېلىپ بېرلىشىدىن قارىغاندا ، كۆرەكنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشى دەۋرىدە ، ھەممە يۇرت سەنئەتكارلىرى بىردەك ئېتىراپ قىلغان كامالەتكە يەتكەن سەنئەتكارلار بۇ يۇرتتا تۇرغان ، مەشھۇر سەنئەتكار يۈسۈپ قىدىرخان ئوردىدىن كۆڭلى قېلىپ ( ئېھتىمال سۇلتان سەئىدخان 1525 - يىللىرى سوفى بولۇپ كەتكەن ۋاقىتلاردا بولۇشى ياكى سۇلتان ئابدۇرىشىتخان پادىشاھ بولغان ۋاقتىدىكى كۆڭۈلسىز ۋاقىتلار بولۇشى مۇمكىن ) سوفىزىمچىلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ كۆزىدىن يىراق ( پادىشاھ ئىنئام قىلىپ بەرگەن زېمىن تاتاردا ئىدى ) ئۆز قوۋمى ئورۇنلاشقان شاخ تاتارغا چىقىپ ئورۇنلاشقان ، ئۇنى شاگىرتلىرى تەرەپ - تەرەپتىن ئىزدەپ كىلىپ بۇ جاينى ناخشا - مۇقام ئوچىقىغا ئايلاندۇرغان .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ئاماننىساخاننىڭ يۇرتى ، ئاماننىساخاننىڭ ئىسمىنى بىلگىنىمىزدىن باشلاپلا ھەر ساھە كىشىللىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى ھەم تەتقىقاتچىلارنىڭ قىزقىدىغان تېمىسىغا ئايلاندى . << شاھ تاتار >> نىڭ پايتەخت يەكەندىن قانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، شۇ زاماندىكى پادىشاھلارنىڭ قەيەرگە ئوۋغا چىقىدىغانلىقى تارىخ كىتابلاردىن ئىزدەشكە توغرا كىلىۋاتىدۇ . << سۇلتان ئەخمەتخان بەش كۈنلۈك ئوۋ قىلىش ئۈچۈن تاتارىستانغا بارغان ئىدىلەر ، نەزەر مىرزىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى . تاڭ ئاتتى ، بۇ خەۋەر خانغا ئاڭلاندى . >> بۇ سۆزلەردىكى << تاڭ ئاتتى ، بۇ خەۋەر خانغا ئاڭلاندى >> دېگەن جۈملە يەكەن شەھرى بىلەن تاتارىستاننىڭ ئارلىقىنىڭ يېقىنلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  << خانى شەھدىنىڭ شىكارغا بىسىيار مەيلىلارى بار ئىدى . ئوتۇنچىلىقنىڭ ئاياقىدا بار چۇچتا شاھ نەزەر مىراپ ، باقى قابالى مىراب شۇندا قونۇپ ئىدىلەر . >>

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    يەكەن شەھرىنڭ جەنۇبىدىكى چارىباغ يىزىسى ( بۇرۇن ئوتانچىلىق دىيىلەتتى ) نىڭ تەۋەسىدە بارچۇق ( بالچىق - پاتقاقلىق ) دەيدىغان ئوۋ قىلىشقا ئەپلىك جاي بولۇپ ، بۇ جايدا بالچۇق ئۆستەڭ دېگەن بىر ئېقىننىڭ بارلىقىنى ، يەنە بىر تەرىپى يەكەن شەھرىنىڭ جەنۇبىدىكى ماچاڭدىن باشلاپ دەرياغا تۇتاشقۇچە توغراقلىق ئىكەنلىكىنى پېشقەدەملەر بىلىشىدۇ ( بۇ يەردىكى بارچۇق - مارالبىشى ئەمەس ، ئەلۋەتتە ) .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    يۇقۇرقىلاردىن بىلىۋىلىش مۇمكىنكى ، يەكەن خانلىقى ۋاقتىدا يەكەن شەھرىدىكى پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار ئوۋغا چىقسا تاتارغا ( يەكەن شەھرى بىلەن بولغان ئارلىقى 26 كېلومىتىر ) ياكى بارچۇق ( يەكەن شەھرى بىلەن ئارلىقى 9.5 كېلومىتىر ) قاتارلىق جايلارغا چىقاتتى .

ئىز تورى www.iz.la

    تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە يازما ھۆججەتلەرگە ئاساسەن ، مۇقامشۇناس ، شائىرە ئاماننىساخاننىڭ يۇرتى قارا دۆڭ كەنتى بىلەن شاپتۇللۇق كەنتى ئوتتۇرسىدىكى نامى ئۇنتۇلغان << شاخ تاتار >> كەنتىدۇر ، دەپ قاراش پاكىتقا ئۇيغۇر ، خېلى ئىلمىي يەكۈندۇر .

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    ئىزاھلار ؛ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    * << قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر - جاي ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى >> ، 360 ، 367 - بەتلەر .

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    ** مىرزا مەھمۇد جۇراس ؛ << تارىخىي رەشىدى >> ( زەيلى ) ، كۆچۈرۈلگەن نۇسخا .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   *** << شىنجاڭ مەدەنىيتى >> ، 1988 - يىلى 4 - سان .

ئىز تورى بەك ياخشى

**** ئەرشىدىن ۋەلى تەزكىرىسىدىن .

www.iz.la

   ***** << چىڭگىزنامە >> ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى ، 128 - بەت .

ئىز تورى بەك ياخشى

   ( ئاپتور يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ پىنسىيونىرى ئابدۇقادىر داۋۇت ئەپەندى ) .

copyright by www.iz.la

ياخشىكەن
(6)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس