ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىپارخان بىلەن ئاماننىساخان گەرچە ھەر ئىككىلىسى خانىش بولسىمۇ لىكىن ، ئاماننىساخان يىتۈك تالانت ئىگىسى ، ۋە تارىخىي يازمىلاردا ئاماننىساخانغا ئائىت ماتىرياللار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ . يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقى مەزگىلىدە ياشىغان تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەركوراگاننىڭ << تارىخىي رەشىدىي >> دېگەن ئەسىرىدىمۇ ئاماننىساخان تىلغا ئېلىنمىغان . 19 - ئەسىردە خوتەن دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن موللا ئىسمۇتىللا مۆجىزىنىڭ << تەۋارىخىي مۇسقىييۇن >> ( مۇزىكانتلار تارىخىي )>> دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئون يەتتە نەپەر داڭلىق مۇزىكا ئۇستازلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ ، ئاماننىساخان ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئىلىنغان . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1514 - يىلى ، چاغاتايخاننىڭ ئەۋلادى سەئىدى خان يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنى قۇرۇپ ، يەكەن ( ھازىرقى يەكەن ناھىيەسىنىڭ كوناشەھرى ) نى پايتەخىت قىلدى . ئەينى ۋاقىتتا يەكەن ئاستانىسىدە ئالتە ئورۇندا شەھەر دەرۋازىسى ، ئوننەچچە ئورۇندا باغ بار ئىدى . تارىختا بىر يۈز ئاتمىش نەچچە يىلدىن كۆپرەك ھۆكۈم سۈرگەن يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقى بىر مەزگىل شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت - سەنئەت مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى . شۇ چاغلاردىكى يەكەننىڭ تالانت ئىگىللىرى توپلاشقان ، ئاۋام خەلقىنىڭ سەنئەتكە ھېرىسمەنلىكىدىن ئىبارەت ھالىتىنى كىشىلەر ھازىرغىچە ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ . ئەينى ۋاقىتتا خاندانلىق خاقانىيە مەدرىسى ۋە باشقا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى قۇرغان ، يىڭىدىن كۈتۈپخانا ( دىۋانخانا ) سالدۇرۇپ ، ئىلىم - مەرىپەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى قىلغان ، ئوردا ئىچىگىمۇ كۆپلىگەن مۇغەننىيلەر ، ئەدىبلەر ، تارىخشۇناسلار ، تېلماچلار يىغىلغان بولۇپ ، قەلەمدارلارنىڭ ئىچىدە شائىرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلاتتى . يەكەن - ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەممە كىشى تەلپۈنىدىغان سەنئەت مەركىزى ، شائىرلارنىڭ تەۋەللۇتگاھىغا ئايلانغان ئىدى . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنى قۇرغۇچى سۇلتان سەئىدى خانمۇ شائىر ئىدى . 2 - ئەۋلاد خان ئابدۇرىشىدخانمۇ سەنئەتكە ھېرىسمەن بولۇپ ، كۆپكە قادىر تالانتلىق شائىر ، مۇغەننىي ۋە خەتتات ئىدى . << تارىخىي رەشىدىي >> دە سۇلتان ئابدۇرىشىتخان مۇنداق سۈپەتلەنگەن << ئۇنىڭ پاساھەتلىك ئۆتكۈر تىلى گويا دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان مەرۋايىتقا ئوخشايتتى ، بىر قانچە خىل چالغۇنى پىششىق بىلەتتى ، بارىلىق ھۈنەر سەنئەتكە ئاجايىپ كامىل ئىدى >> .
ئىز تورى www.iz.la
رىۋايەت قىلنىشىچە ، بىر كۈنى ئابدۇرەشىد خان يەكەن دەرياسىنى بويلاپ تەكلىماكانغا شىكارغا چىقىپ ، بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ ، ئوتۇنچىنىڭ قىزى ئابدۇرىشىتخانغا ساز چىلىپ ناخشا ئوقۇپ بىرىپتۇ . ئابدۇرىشىتخان ناخشىنى ئاڭلاپ ناخشا ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ . قىزچاق يەنە ئۆزى يازغان بىر قانچە كۇپلىت بىيتىنى ئابدۇرىشىتخانغا كۆرسۈتۈپتۇ ، ئابدۇرىشىتخان بۇ قىز يازغان بىيىت ۋە ھۆسسىنخەتلەرنىڭمۇ خۇددى بۇ قىزنىڭ رۇخسارىغا ئوخشاش گۈزەل ۋە پاھاسەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، ئەجەپ بۇ چۆل باياۋاندىمۇ مۇشۇنداق تالانت ئىگىسى بارت ئىكەن ، دپ ھەيران قاپتۇيۇ ، لېكىن يەنىلا ئۆز كۆزىگە تولۇق ئىشەنمەي ، بۇ قىزدىن ئالدىدىلا بىر كۇپلىت بېيىت يىزىپ بىقىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ ، قىزچاق قولىغا قەلەم ئىلىپ مۇنداق مىسرالارنى قەغەز يۈزىگە پۈتۈپتۇ ؛
ئىز تورى بەك ياخشى
ئەجەپ قىلدى بۇ بەندە مېنى مەسخىرە ، ئىز تورى www.iz.la
تىكەن بوپ سانجىلدى پاك قەلبىمگە .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ قىزچاق دەل ئاماننىساخان بولۇپ ئۇنىڭ تەخەللۇسى نەفىسە ، خېلى بۇرۇنلا يوقۇلۇپ كەتكەن << نەفىسە دىۋانى ›› نىڭ مۇئەللىپى . ئاماننىساخان ئابدۇرىشىتخان بىلەن توي قىلىپ ئوردىغا كىرىدۇ ، ئاماننىساخان بىلەن ئابدۇرىشىتخاننىڭ قىزقىشى ئوخشاش بولغاچقا ، بۇنىڭ تەسىرىدە يەكەن سەئىديە خانلىقىنىڭ ئوردىسى ئەدەبىيات - سەنئەت ، نەغمە - ناۋا ۋە شىئىرىيەت قەسىرىگە ئايلىنىدۇ . ئابدۇرىشىتخان مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇغەننىي ، شائىر ، غەزەلخانلارنى ئوردىغا يىغىپ ، ئاماننىساخان ۋە ئوردىنىڭ باش مۇغەننىسى يۈسۈپ قىدىرخاننىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەل ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن مۇقام ئاھاڭلىرىنى توپلاپ رەتلەپ ، تۇنجى بولۇپ مۇقامنىڭ ئۆلچەملىك يۈرۈشلۈك ئاھاڭلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ . بۇ مۇقاملار جەمئىي 16 بولۇپ ، كىيىن 12 مۇقام قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مۇقاملارنى يىغىپ ، رەتلەپ قىلىپلاشتۇرۇشنى ئاماننىساخان ئۆزىنىڭ ھاياتلىق تاللىشى ۋە بۇرچى دەپ قارايتتى . تۇنجى رەت قىلىپلاشتۇرۇپ رەتلەنگەن مۇقاملار گويا ئەل ئىچىدىكى ئۇششاق ئالتۇن پارچىللىرىنى قايتىدىن يۇغۇرۇپ كېسەك ئالتۇن قىلىپ قۇيۇپ چىققانغا ئوخشايتتى . خۇددى يۈسۈپ قىدىرخان سۈپەتلىگەندەك ؛
مۇقام گويا تاڭنىڭ ساباسى ، copyright by www.iz.la
جاھاندا ئۇ كۈيلەر رەناسى ، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇلبۇلمۇ ئۇيۇلار بۇ كۈي ئالدىدا ،
copyright by www.iz.la
ئالەمدە يوق زىنھار باھاسى !
سەئىدىيە خانلىقى مەزگىلىدە ، خان ئوردىسىدىن تارتىپ يېزا - قىشلاقلارغىچە ، بېيىت ۋە نەغمە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قىتىملىق غىزاسىدىن ئۇلارغا ھەمراھ ئىدى . ئەينى چاغدىكى دەۋر پۇرىقى خۇددى باغلاردىكى مېۋىلەرنىڭ ھىدىدەك خۇشبۇي ئىدى . 12 مۇقام گويا شاختىن ئۈزىۋىلىنغان 12 ساپ ئۈزۈمگە ، تاتلىقلىغىدا كىشىنىڭ تىلىنى يارىدىغان 12 تال ئانارغا ئوخشايتتى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قەدىمىي گۈزەللىك ، زامان سەمەرىسىنىڭ شانۇ - شەۋكەتلىرى .......... 12 مۇقامدىن باشلىنىدۇ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇكەممەل بولغان كۈي ھۈجەيرىللىرى بار . بۇ بىر ئەۋرىشىم ، يىمىرىلمەس ھۈجەيرىللىرىدۇر . كۈي ھۈجەيرىسىگە ئىگە مىللەت يوقالمايدىغان مىللەتدۇر ، چۈنكى ، مىللەت يوقالسىمۇ ئۇنىڭ كۈيلىرى مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاماننىساخان 34 يىشىدا تۇغۇتىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ . ‹‹ تارىخىي رەشىدىي ›› گە ئابدۇرىشىتخاننىڭ مۇنداق مۇھەببەت رۇبائىيسى پۈتۈلگەن بولۇپ ، مەن ئابدۇرىشىتخاننىڭ ئاماننىساخانغا ئاتاپ يازغان بۇ رۇبائىسىنىڭ ئابدۇرىشىتخاننىڭ ئۆز خانىشىغا بولغان چوڭقۇر سىغىنىشى ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلەنمەيمەن .
تاڭ ساباسى ئىلىپ كەت قەلىب سىرىمنى ،
دىلرەباغا يەتكۈزگىن سالاملىرىمنى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سۈبھىدە ۋە گۇگۇمدا شىېىرلاپ ئاڭا ، بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىزھار قىلغىن مەڭگۈلۈك سېغىنىشلىرىمنى . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
يەكەن ناھىيەسىنىڭ كونا شەھرىدە ئالتۇنلۇق دېگەن بىر جاي بار . بۇ يەرگە يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ نەچچە ئەۋلاد خانلىرى ۋە خان جەمەتىدىن بولۇپ 48 كىشى دەپنە قىلىنغان . بۇ يەرگە 1 - ئەۋلاد خان سەئدخان ، 2 - ئەۋلاد خان ئابدۇرىشىتخان ۋە ئۇنىڭ خانىشى ئاماننىساخانمۇ دەپنە قىلىنغان . ئالتۇنلۇققا كىرگەندە ئۇدۇلىدا كۆزگە چىلىقىدىغىنى ئاماننىساخاننىڭ مەقبەرىسى . copyright by www.iz.la
شائىرە تى مېي ئۆزىنىڭ << كۈيدىكى يەكەن >> دېگەن كىتابىنى يازغاندا ، شاپتۇللۇق ، كەنتىدە زىيارەتتە بولغان . ئۇ بۇ كەنتنى ئۆزى كۆرگەن ئەڭ خىلۋەت كەنت ، ھەتتا قۇياش نۇرىمۇ بۇ كەنىتكە خىلۋەتلىك ئاتا قىلغان ، دەپ تەسۋىرلىگەن .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇشبۇ مىنۇتلاردا مەن بۇ خىلۋەت كەنىتتە تۇرۇپ ئەتراپنىڭ ھەقىقەتەن تىمتاسلىقىنى ھىس قىلدىم ، بىز بىر قانچە ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەككەن بولساقمۇ لېكىن ، ئۆيدىن ئادەم چىقمىدى . بۇ كەنىتتىكىلەر نەگە كەتكەندۇ ؟ ئېگىز - پەس سىلىنغان ھويلا تاملىرى ، ئەتراپقا سايە تاشلىغان دەل - دەرەخلەر كۆزگە چىلىقىپ تۇراتتى . بىز كەنىت ئىچىدە ئوشۇققىچە توپا كىچىپ ، بىر دەم ئايلانغاندىن كىيىن ھېزىم يىزىم ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچراتتۇق ، ئۇ كەنىتتىكىلەرنىڭ ئوما ئورغىلى كەتكەنلىكىنى ، ئۆزىنڭ بولسا قىزىنىڭ مەكتەپتىن كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن ەلگەنلىكىنى ئېيىتتى . ئۇ كىشىدىن ئاماننىساخان توغرىسىدا سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ چىرايىدا دەرھال باشقىلار خۇددى ئۆز تۇغقىنىنى سۈرۈشتۈرۋاتقان چاغدىكى جىلۋە ئەكىس ئەتتى - دە ، بىزنى بىر بۇغدايلىققا باشلاپ ئاپىرىپ ؛ ئىز تورى بەك ياخشى
__ ئاۋۇ يەردە بىر كونا قەبرە بار ، ئاشۇ ئاماننىساخاننىڭ قەبرىسى ، _ دېدى . يەردىن ئازىراقلا كۆتۈرلۈپ تۇرىدىغان قەبرە ئۈستىدە چالما ۋە خام قىشلار ، قالايمىقان ئۆسكەن قۇمۇش ۋە ئوت - چۆپ ، ھەمدە قار - بوران ، يامغۇر - يىشىنلارنىڭ تەسىرىدە شىشىقداپ كەتكەن جىنازا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى . قەبرىنىڭ ئەتراپىغا جىگدە تىكىلگەن بولۇپ قاراشقا بۇ جىگدىلەر ئەللىك ئاتمىش يىللىق بولغاندەك قىلاتتى . مەن بۇ جىگدىلەرنى ساناپ بىقىۋىدىم ، ئازمۇ ئەمەس كۆپمۇ ئەمەس دەل 12 تۈپكەن ، بۇ سان ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە مېنىڭ تەسەۋۇرۇمنى غىدىقلىدى . 12 تۈپ جىگدە 12 مۇقامغا ۋەكىللىك قىلدىغان سىمۋول بولۇپ ، كىشىلەر ئاماننىساخاننى خاتىرلەش ئۈچۈن ئەھيا قىلغان ئىكەن .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەگەر سىز شاپتۇللۇققا ئاياغ باسقىنىڭىزدا ، بۇ 12 تۈپ جىگدىنىڭ شىۋىرلاشلىرى ۋە پىنھان كۆڭۈل ئىزھارلىرىدىن 12 مۇقامنىڭ سېھىرلىك كۈيلىرىنى ئاڭلىغاندەك بولىسىز . . . . . . . . . www.iz.la
( تەرجىمان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىن ئەنۋەر ئەخەت )
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
