app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

2-فېۋرال مەملىكەت بويىچە قاتناۋاتقان ئاپتوموبىللار كۆرنەرلىك كۆپەيدى

ۋاقتى:2014-02-03 12:58مەنبە: يوللىغۇچى:مىرادىل چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئىز تورى www.iz.la

   2-فېۋرال مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئاساسلىق يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول، دۆلەت ئۆلكە دەرىجىلىك غول لىنيەلىك تاشيوللاردا قاتناش ئاساسەن راۋان بولدى، ساياھەت ۋە تۇغقان يوقلاشقا چىقىدىغانلار كۆپەيگەنلىكتىن ئاپتوموبىللار ئالدىنقى بىر كۈندىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، سائەت 16 گىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان قاتناش ۋەقەسىدىن ئۈچ قېتىم يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە دوكلات تاپشۇرۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە خۇنەن ئۆلكىسىدە بىر قېتىم، شەندوڭ ئۆلكىسىدە بىر قېتىم، چۇڭچىڭ شەھىرىدە بىر قېتىم ۋەقە يۈز بەردى. ئىز تورى www.iz.la
    مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنسىتىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە كەلگۈسى بىرقانچە كۈندە نۇرغۇن جايلاردا قاتتىق بوران ۋە تۆۋەن تېمپۇراتۇرا ئېلىپ كېلىدىغان يېڭى ئەھۋاللارغا مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى تەييارلىق قىلغان، چاغاننىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دوست يارەنلىرىنى يوقلاش، قىسقا ئارىلىققا ساياھەت قىلىش، يېزىلاردا مىللىي ئۆرۈپ ئادەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ كۆپۈيۈش ئالاھىلىدىكىگە قارىتا چارلاش، باشقۇرۇش ۋە قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قانۇننى ئىجرا قىلىش كىچىك ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، ناھىيە ۋە يېزا بازارلاردىكى يېمەك ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئەتراپىدا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرىدىكەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس