ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يېقىندا دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئۇقتۇرۇش» ىنى ئېلان قىلىپ، كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشچان يۇمتال ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولغان باشقۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بەلگىلىمە 1 – نويابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. copyright by www.iz.la
ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ: كارخانىلار كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالدىكى بەش تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىلىشچان يۇمتالنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەندى، بۇلار تۆۋەندىكىچە: ئىستېمالچىلارغا بىلدۈرمەي ياكى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاشقا، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛ ئىستېمالچىلارغا بىلدۈرمەي ياكى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تېرمىنالنىڭ ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، تور ئېقىم مىقدارىنىڭ ئېقىپ كېتىپ، زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولمايدۇ؛ كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا ياكى ئالاقىلىشىش تورىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىشكە بولمايدۇ؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېلېگراف نىزامى» دا ئېلان قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى تارقىتىشقا بولمايدۇ؛ ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ۋە قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە، تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: كارخانىلار كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالغا ئەمەلىي قوللىنىلىشچان يۇمتالنى ئالدىن ئورناتماقچى ياكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكتىن تورغا كىرىپ تېرمىنالنىڭ ئاساسىي بىخەتەرلىك تۈرلىرىنى تەكشۈرمەكچى بولسا، چوقۇم دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
