ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
29-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ‹‹مەرھابا›› مېھمانسارىيىدا چاغانلىق چاي ئۆتكۈزدى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى
چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى 29–يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹مەرھابا›› مېھمانسارىيىدا چاغانلىق چاي ئۆتكۈزدى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھە ، ھەر كەسىپ ۋەكىللىرى بىلەن جەم بولۇپ چاغاننى تەبرىكلىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
‹‹مەرھابا›› مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن مەركىزى قويۇق باھار تۈسىگە كىرگەن بولۇپ ، كەيپىيات قىزغىن ئىدى.
جاڭ چۈنشيەن چايغا رىياسەتچىلىك قىلدى . ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، ھەربىي رايون ، بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفېتسىر–ئەسكەرلىرى ۋە ج خ كادىر–ساقچىلىرى ، دېموكراتىك پارتىيە– گۇرۇھلار ۋە سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەر ساھە زاتلىرى، دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى!
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىز مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ چوڭ تارىخىي پۇرسەت›› نى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ جاسارەتلىك ۋە بېجىرىم روھىي ھالىتىمىز ۋە تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك خىزمەت تەدبىرلىرىمىز بىلەن ‹‹تىرىشىدىغانلا بولساق ئۆزگىرىش ياسىيالايمىز، تىرىشقاندىلا ئۆزگىرىش ياسىغىلى بولىدۇ›› دېگەن ئىدىيەدە، ئۆزگىرىش ياساپ ئىسلاھ قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، ليۇ لېي، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار چايغا قاتناشتى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى چايدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق مۇساپىسىدە ئالاھىدە بولغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر يىل بولدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تۈرلۈك ئىشلىرى كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتىدۇ.
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: 2014 – يىلى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىل، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 19 – دېكابىردا ئېچىلغان يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىدىغان مۇھىم يىل. بىز ئىدىيەمىزنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ھەرىكىتىمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئېتىبار بېرىدىغان نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى ۋە بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك .
چايدا ھەر مىللەت ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.
ئىز تورى بەك ياخشى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى چايدا تەبرىك سۆزى قىلدى
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ‹‹مەرھابا›› مېھمانسارىيىدا چاغانلىق چاي ئۆتكۈزدى
ئىز تورى بەك ياخشى
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
www.iz.la
مەنبە؛تەڭرىتاغ تورى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
