ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
25-يانۋار كەچتە ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاغىلىق ناھىيەسى جاڭگىلىئەسكى يېزىسىدىن كەلگەن تۆت كىشىنى كۆرۈپ ‹‹ ياخشىمۇ سىلەر ›› دەپ سالام قىلدى .
ئارىلىقتىن تەخمىنەن يېرىم يىللار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن مەخمۇت روزى قاتارلىق دېھقانلار كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان شۇجى جاڭ چۈنشيەن بىلەن يەنە كۆرۈشتى .
بۇلتۇر 8-ئايدا ، روزا ھېيت ھارپىسىدا ، جاڭ چۈنشيەن جاڭگىلىئەسكى يېزىسىدا ئۈچ كۈندىن ئارتۇقراق ۋاقىت تۇرۇپ ، كەنتتىكىلەر بىلەن يېتىپ-قوپۇپ ، يېمەك-ئىچمەكتە بىللە بولۇپ ، دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرىگە قاتناشقانىدى .جاڭ چۈنشيەن 30 نەچچە گىرادوسلۇق ئىسسىققا قارىماي مەسۇم ياسىن ، تۇرنىسا بارات ئەر-ئايالنىڭ قوناقلىقىدا ، ئۇلار بىلەن بىللە قوناق ئورغانىدى . ئەر-ئايال ئىككىيلەن ئاشۇ مەنزىرىنى تا ھازىرغىچە ئۇنتۇمايدۇ .
چاغانغا ئاز قالدى ، جاڭگىلىئەسكى يېزىسىدىكى يۇرتداشلارنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن ، مەخمۇت روزى قاتارلىق تۆتەيلەن ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە مەھسۇلاتلىرىدىن ياڭاق ، قاق قاتارلىقلارنى ئېلىپ ، 30 نەچچە سائەتتىن ئارتۇق پويىزدا ئولتۇرۇپ ، شۇجى جاڭ چۈنشيەننى يوقلاپ كەلگەنىدى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ھايت-ھۇيت دەپ بولغۇچىلا بىر سائەتتىك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى . مەخمۇت روزى قاتارلىقلار خوشلىشىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى . جاڭ چۈنشيەن يەنە بىر قېتىم ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشتى . كۆپچىلىك جاڭ چۈنشيەن بىلەن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى . تۇرنىسا بارات جاڭ چۈنشيەنگە شارپا ئارتىپ قويدى .


