app دېتالى

سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەش

ۋاقتى:2014-01-17 13:49مەنبە: يوللىغۇچى:مىرادىل چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

      مېھرىبان ئاپامنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە بىر يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ كۈنلەردە ئۇنى ئەسلىمىگەن، سېغىنمىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق. مېھرىبان ئاپام دادامنى تولىمۇ چوڭ كۆرەتتى، ھۆرمىتىنى قىلاتتى. دائىم تاماقنىڭ ئالدىنى دادامغا بېرەتتى، دادام ئۆيدە بولماي قالسا، تاماقنىڭ ‹‹بېشى››دىن ئازراق ئېلىپ قويۇپ، ئاندىن بىزگە بېرەتتى. سەۋەبىنى سورىغىنىمدا، داداڭلار ئۆيىمىزنىڭ ‹‹تۈۋرۈكى››، بەرىكىتى، شۇڭا تاماقنىڭ ‹‹بېشى››نى يېيىشى كېرەك، دەيتتى. يەنە تېخى مەخسۇس دادامغا ئاتاپ تىككەن كۆرپىسى بولۇپ، نەدىلا ئولتۇرسۇن، ئاستىغا كۆرپە سېلىشنى ئۇنتۇمايتتى. قولىغا سۇ بېرەتتى. ئاپام دائىم بىزگە چوڭلارغا ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›› دەپ سالام بېرىش، ئالدىدىن توغرا ئۆتمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى، باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى، دوستلارغا سەمىمىي – سادىق بولۇشنى، قېرىنداشلار ئارا ئىناق ئۆتۈشنى، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلەرگە كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئويلاپ باقسام، ئاپام بىزگە ئاغزاكى تەربىيەدىن بەكرەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەتكەن ئىكەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    ئاپام چوڭ ئاكامنى تۇغۇپ كۆكسى ئاغرىپ كەتكەن بىلەن ئىش ئورنىدىن قالغانىكەن. دادام زاۋۇتتا تېخنىك بولۇپ، ئەتىگەن ئىشقا كەتسە كەچ قايتىپ كېلەتتى. ئۇ چاغدا قورۇ – جايىمىز بولمىغاچقا، باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ئىجارىگە ئولتۇراتتۇق. دادامنىڭ مائاشى بىلەن قىينىلىشىمىز تۇرغان گەپ، ئاشۇنداق چاغلاردا ئاپام يوققا زارلىنىپ ئولتۇرماي، كېچە – كېچىلەپ كىيىم تىكىپ، دادامنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولاتتى. بولۇپمۇ ھېيت – بايرام، توي – تۆكۈنلەردە ئۇرۇغ – تۇغقان، مەھەللىدىكىلەرنىڭ كىيىملىرىنى، توي جابدۇقلىرىنى تىكىپ بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى. شۇڭا ئاپامنىڭ بىرەر ھېيت – بايرامنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ باققىنىنى بىلمەيمەن. ئاپامنىڭ جاپاسىغا ئىچىم ئاغرىغان ھالدا:

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    − ھېيت كېلىۋاتسا، ئۆي ئىشلىرى تېخى تۈگىمىدى، ھە دېسە باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىدىكەنسىز، بىز ھېيت قىلمامدۇق، - دېسەم، ئۇ كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمايتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    دادام، ئاپام ناھايىتى ئىناق بولۇپ، مېھماندەك ئۆتۈشەتتى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇشۇش تۈگۈل، قاتتىقراق ئاۋازدا گەپ قىلىشقىنىنىمۇ بىلمەيتتىم. بۇنداق بولۇشىدا ئاپام دادامدىن بىسوراقسىز بىر يەرگە بارمايتتى ياكى ئىش قىلمايتتى، نېمە ئىش بولسا بار مەسلىھەت قىلاتتى. ئويلاپ باقسام ئاپام بىر ئۆمۈر ئائىلىگە سەمىمىي – سادىق بولۇپ، ئۆزىنى بېغىشلاش، قۇربان بېرىش روھى بىلەن ئانىلىق بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىللىق ئائىلىسىنى نۇرلاندۇرۇپ كەلگەنىكەن. ئاپام بىزنى ناھايىتى ئىلمىي باشقۇراتتى. ئۇرۇش تۈگۈل، قاتتىق ئاۋازدىمۇ تىللىمايتتى. ئويلىسام، بىزنى ئادىمىيىلىك پەزىلىتى بىلەن تەربىيەلەپ، مېھىر – مۇھەببىتىنى مىننەتسىز بەرگەنىكەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    ئاپام ئۆينى تولىمۇ پاكىز تۇتاتتى، تۇرمۇشتا تېجەشلىك بولۇپ، ئىقتىسادنى ئوبدان باشقۇراتتى، يوقتىن زارلانمايتتى، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا تىرىشاتتى. ھەممىمىزنىڭ غېمىدىن نېرى بولۇپ، بالىلارنىڭ راھىتىنى كۆرىدىغان چاغدا ئاپام كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدىن كېلەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە تاماق ئېتىش، نان يېقىش، كىر – قات يۇيۇش، ئۆي ئاقارتىش، ئوي تازىلاش ئىشلىرىنى ئۆزى قىلاتتى. دائىم بىزگە ئۆي تامىقى بىر ئائىلە كىشىلىرىنى مېھىر – مۇھەببەتكە ئىگە قىلىدۇ، ئائىلە ئىناقلىقىنى مۇستەھكەملەيدۇ، ئۆي تامىقى ئائىلىنىڭ بەرىكىتى، تاماقسىز ئائىلىدە مېھىر – مۇھەببەت بولمايدۇ، ئائىلە مۇناسىۋىتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ، دەيتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    ئۆيگە مېھمان كەلسە ھەرگىز چايسىز، تاماقسىز يولغا سالمايتتى، شۇڭا بىزگىمۇ ئىنچىكە ئىش قىلىش، مېھماننى قۇرۇق يولغا سالماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆي ئىشلىرىنى بىز قىلىشىدىغان بولدۇق. ئېسىمنى بىلسەم، كىچىك چاغلىرىمىزدا ئاپام نان ياقسىلا بېشى ئاغرىپ نەچچە كۈن يېتىپ كېتەتتى. ئەمدى بىلسەم ئاپامنىڭ بېشىنىڭ ئاغرىشى يۇقىرى قان بېسىمىدىن بولغان ئىكەن. ناۋادا شۇ چاغلاردا كېسەلنى ۋاقتىدا بايقاپ داۋالاتقان بولساق، بۈگۈنكىدەك يۈرەك يوغىناپ كېتىش، قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كېسەللەر ئۇنى بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىماس بولغىيتتى. بىر ئۆمۈر ئۆي ئىشى، بالا غەملىرى بىلەن ئۆتكەن ئاپام دادام بىلەن جاپا ھەم ھالاۋەتتە بىللە بولۇپ، بىزنى ئىللىق ئائىلە مېھرىدىن بەھرىمان قىلىپ ئۆستۈردى. ئوقۇتتى، ئۆي ئوچاقلىق قىلدى. تۆت بالىنى باققاننى ئاز دەپ بالىلىرىمىزغا قاراپ بەردى. مېھرىبان ئاپام ھاياتنىڭ جاپالىق مۇساپىلىرىنى بېسىپ ھالسىزلىنىپ، بىزنىڭ كۈتۈشىمىزگە، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈشىمىزگە موھتاج بولغاندا بۇ ئالەمدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. ئاشۇلارنى ئويلىسام قەلبىمنى ھەسرەتلىك پىغان باسىدۇ. شۇ تاپتا بەش يىلدەك كېسەل تارتىپمۇ شۇنداق پاكىز، قاش، چاچلىرى ئەمدىلا ئاز – تولا ئاقارغان ئاپامنى ئەسلىگىنىمدە، قەلبىم ھەسرەتكە تولىدۇ. شۇنداق چاغلاردا ئاۋازىمنى بولۇشىچە قويۇپ بېرىپ خېرىدارىم ئاپام، بەختىم ئاپام، مۇڭدۇشۇم ئاپام، ... دەپ يىغلىغۇم كېلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    2011 – يىلى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئاپامنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلدىم. ئاپام خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي يول بويى غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ كەلدى. ‹‹توۋا، تۆت يىل ئاۋۋال ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرلار كېسىلى ئېغىر، ئېلىپ كېتىڭلار دېگەنىدى. مانا بۈگۈن ئۈرۈمچىگە يەنە كېتىۋاتىمەن. بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، رەھمەت قىزىم، بۇنىڭ ئەجرىنى كۆرەرسىز، ئېرىڭىز، بالىلىرىڭىز بىلەن دەرقەمدە بەختلىك ئۆتەرسىز›› دەپ دۇئالارنى قىلاتتى. شۇ تاپتا ئاپام تارتقان ئاشۇ جاپالىرىنى پۈتۈنلەيلا ئۇنتۇپ كەتكەنىدى....

copyright by www.iz.la

    ئاپام تۈگەپ تۇنجى قۇربان ھېيتنى يۇرتتا ئۆتكۈزدۈم. ئۆزۈمنى شۇنچە خۇشال تۇتاي دېسەممۇ، كۆزۈمگە يىغا يامىشىپلا تۇرىدۇ، ھەممىمىز دەرقەمتە ئولتۇرغان ھېلىقى ھېيتلىق ئۈستەل، ئاپامنىڭ پاراڭلىرى، جاراڭلىق ئاۋازلىرى، تۇتقان ئۆيلىرى زادىلا كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. ئەمدى بىلسەم، دۇنيادا ئانىلارنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىگە يېتىدىغان ھېچقانداق مېھىر – مۇھەببەت يوقكەن، ئانىلارنىڭ مېھرى دۇنيادىكى شەخسىيەتسىز مېھىركەن. ھېچقانداق گۈلنىڭ، ھېچقانداق نەرسىنىڭ پۇرىقى ئانىنىڭ پۇرىقىغا يەتمەيدىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 مەنبە ؛ شىنجاڭ گېزىتى

www.iz.la

ياخشىكەن
(8)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس